ھازىر، «جۇڭگودىكى بالدۇر پىشىدىغان چىلان ماكانى» شىنجاڭ تۇرپان شەھىرى توقسۇن ناھىيەسىدە، 110 مىڭ مو چىلان ئارقا-ئارقىدىن پىشىپ بازارغا سېلىندى.
توقسۇن ناھىيەسىنىڭ ئورنى تىيانشان تاغ تازمىسىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكى، تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ غەربىي چېتىدە بولۇپ، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى نىسبەتەن ئۇزاق، بۇ يەر شىنجاڭدىكى باھار ئەڭ بالدۇر كېلىدىغان جاي ھېسابلىنىدۇ، شۇ سەۋەبتىن توقسۇندىكى شۇ پەسىلدىكى مېۋىلەرمۇ شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدىن بىر ئايغا يېقىن بالدۇر پىشىدىغان بولۇپ، ھەر يىلى 8-ئاينىڭ ئوتتۇرا، ئاخىرلىرى چىلانلار ئارقا-ئارقىدىن پىشىدۇ.
توقسۇن ناھىيەسىدە ئاساسلىقى خۇيزاۋ چىلىنى، مايا چىلىنى، كۈزلۈك چىلان، جۈنزاۋ چىلىنى ۋە جىشىن چىلان قاتارلىق 15 خىل سورت تېرىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە خۇيزاۋ چىلىنىنىڭ تېرىلغۇ كۆلىمى %90 ئەتراپىدا بولۇپ، كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ.
چىلانلار شاخلارغا لىق تولدى.
چىلانلار شاخلارغا لىق تولدى.
چىلان ئۈزۈش.
چىلانلارنىڭ دانىسى توق.
چىلانلار ئارقا-ئاقىدىن پىشتى.
چىلان ھىدى باغنى بىر ئالدى.
چىلانلار پىشتى.
(ئاپتور: توقسۇن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىدىن)
«学习强国» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى