تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جەزمەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، بوران - چاپقۇنغا قارىماي ئالغا ئىلگىرىلەيلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«ھەرقانداق كىشى، ھەرقانداق كۈچ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخىنى بۇرمىلاشقا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خاراكتېرى ۋە مەقسىتىنى خۇنۈكلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنىدىكەن، جۇڭگو خەلقى بۇنىڭغا ھەرگىز قوشۇلمايدۇ!» يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ گۈللىنىپ روناق تېپىشىنىڭ تۈپ ئاساسى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختى، ئامانلىقىنىڭ تۈپ ئاساسى دەپ چوڭقۇر كۆرسەتتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

يېقىنقى زاماندىن كېيىن جۇڭگو خەلقىنىڭ تارىختىكى ھەر قېتىملىق تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولۇشىدىكى بىر مۇھىم سەۋەب سىياسىي ھۆكۈمران گۇرۇھلارنىڭ چىرىكلىكى، ئىقتىدارسىزلىقى ۋە مىللەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئاجىزلىق، چېچىلاڭغۇلۇقلاردۇر. ئىچكى ئەنسىزلىك، تاشقى پاراكەندىچىلىك ئىچىدە دۇنياغا كەلگەن ۋە ئۆسۈپ يېتىلگەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۆزىنىڭ تارىخىي بۇرچى قىلىپ، مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوغداشتا ئەڭ مۇستەھكەم بولدى، مىللەتنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداشتا ئەڭ قەتئىي بولدى، چەت ئەلنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇشتا ئەڭ باتۇر بولدى. ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدە، مىللەت ھالاكەتكە دۇچ كەلگەن تارىخىي پەيتتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى كۆرۈنەرلىك سىياسىي رەھبەرلىك ئىقتىدارى ۋە توغرا ئىستراتېگىيەلىك تاكتىكىسى ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. پۈتكۈل مىللەتنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىشىدا، ئىتتىپاقلىشىشتا، ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇرەسسە قىلىشقا، بۆلگۈنچىلىك قىلىشقا، ئارقىغا چېكىنىشكە قارشى تۇرۇشىغا قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، بىرلىك سەپنى قەتئىي قوغداپ، مۇستەھكەملەپ، راۋاجلاندۇرۇپ، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، ئىتتىپاقلىشىپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىش چوڭ ۋەزىيىتىنى قوغدىدى. مەيلى شارائىت قانچىلىك جاپالىق، ۋەزىيەت قانچىلىك خەتەرلىك، ئۇرۇش قانچىلىك رەھىمسىز بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ھاياتلىق يولى ئىزدەش ئۈمىدىگە تىرەك بولۇپ، ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە مىللەتنىڭ ئاۋانگارتلىرىغا ئايلاندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇستەھكەم تۈۋرۈكلۈك رولى جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىنىڭ ئاچقۇچى.

يېقىنقى 100 يىللىق قاينام - تاشقىنلىق كۈرەش مۇساپىسىنى ئەسلىسەك، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە زىچ تايىنىپ، نۇرغۇنلىغان جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارنى يېڭىپ، تارىخ سەھىپىسىدە نۇر چاچىدىغان نۇرغۇن ئىنسانىيەت مۆجىزىسىنى يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئۈچۈن ئۇلۇغ تارىخىي تۆھپىلەرنى قوشتى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن، قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى. ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ئاساسىدا، پارتىيەمىز پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇردى، سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى تارىخىدىكى ئەڭ كەڭ ھەم چوڭقۇر بولغان جەمئىيەت ئۆزگىرىشىنى تاماملىدى. تارىخىي يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، پارتىيەمىز پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ ئىنقىلابنى ئېلىپ بېرىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى ئېچىپ، جۇڭگونى چوڭ قەدەم بىلەن دەۋرگە يېتىشتۈردى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئاز قالدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى پارلاق ئىستىقبالنى كۈتۈۋالدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلغانلىقى ئىنسانلارنىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىنىڭ ئەڭ كۆركەم سەھىپىسى. «جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە»، بۇ، تارىخنىڭ يەكۈنى.

تارىخ ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچى. بىز جۇڭگونىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى تارىخىنى چوڭقۇر چۈشەنسەكلا، شۇنى ئاسان بايقىيالايمىزكى، ئەپيۇن ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئىنتايىن ئۇزاق ۋاقىت ئىچىدە، ھەيۋەتلىك چوڭ دۆلەتتە ھەركىم ئۆزى خان ئۆزى بەگ بولۇۋالىدىغان، قۇمدەك چېچىلىپ كەتكەن قالايمىقانچىلىق پەيدا بولدى، بۇ، ياپون مىلىتارىزمىنىڭ جۇڭگوغا ئومۇميۈزلۈك تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى قوزغاشقا جۈرئەت قىلىشىدىكى مۇھىم سەۋەب. ئەگەر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى بولمىسا، مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئازادلىقىدىن ئىبارەت ۋەزىپىنى تاماملاش تېخىمۇ ئۇزاققا سوزۇلۇشى، تۆلەنگەن بەدەل تېخىمۇ زور بولۇشى مۇمكىن ئىدى، دۆلىتىمىزنىڭ بۈگۈنكىدەك تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرەلىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى، بۈگۈنكىدەك خەلقئارا ئورۇنغا ئىگە بولۇشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. تارىخ شۇنى دىيالېكتىك ئىسپاتلاپ بەردىكى، پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىلا جۇڭگوغا رەھبەرلىك قىلالايدۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئىرادىسى ۋە تۈپ مەنپەئىتىنىڭ نامايەندىسى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى. تارىخ ۋە خەلقنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىشىنى تاللىشى توغرا بولۇپ، جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش، مەڭگۈ تەۋرەنمەسلىك كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخىنى بۇرمىلاشقا بولمايدۇ! جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خاراكتېرى ۋە مەقسىتىنى خۇنۈكلەشتۈرۈشكە بولمايدۇ!

بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە. دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى شارائىتى ۋە تاشقى مۇھىتىدا چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ. قانچىكى مۇشۇنداق ۋاقىتتا، شۇنچە پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، زېھىننى مەركەزلەشتۈرۈپ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇش، پارتىيەمىزنى بارغانسېرى پىشىپ يېتىلدۈرۈش، بارغانسېرى ساپلاشتۇرۇش، بارغانسېرى قۇدرەت تاپقۇزۇش، بارغانسېرى جەڭگىۋارلىققا ئىگە قىلىش كېرەك. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى پارتىيە - گۇرۇھلار، ھەرقايسى تەشكىلاتلار، ھەرقايسى مىللەتلەر، ھەرقايسى قاتلاملار، ھەرساھە زاتلىرى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، بوران - چاپقۇنغا قارىماي، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت شانلىق قىرغاققا قاراپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى