تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېڭى دەۋردە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئۇلۇغ روھىغا ۋارىسلىق قىلايلى ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

جۇڭگو خەلقى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغۋار مۇساپىسىدە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئۇلۇغ روھىنى يېتىلدۈرۈپ، دۇنياغا دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ياكى مۇنقەرز بولۇشىدا ھەركىمنىڭ مەسئۇلىيىتى بولۇشتەك ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى، ئۆلۈمگە پىسەنت قىلمايدىغان، ئۆلۈم ئالدىدا تىز پۈكمەيدىغان مىللەت غۇرۇرى، زوراۋانلىقتىن قورقمايدىغان، ئاداققىچە جان تىكىپ كۈرەش قىلىدىغان قەھرىمانلىق جاسارىتى، ئېگىلمەس - سۇنماس، قەتئىي تەۋرەنمەي جەزمەن غەلىبە قىلىش ئېتىقادىنى نامايان قىلدى. «ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئۇلۇغ روھى جۇڭگو خەلقىنىڭ تولىمۇ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى، ئۇ مەڭگۈ جۇڭگو خەلقىنى بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارنى يېڭىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ».

9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ 14 يىل قان كېچىپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش تارىخىنى چوڭقۇر ئەسلىدى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئۇلۇغ غەلىبىسىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلىدى، بىزنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئۇلۇغ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بوشاشماي جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ مەزمۇنى يۈكسەك، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيلىققا، ئىدىيەۋىلىككە، ئىستراتېگىيەلىككە ۋە يېتەكچى خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، سانسىزلىغان ئىنقىلابىي قۇربانلار ياراتقان ئۇلۇغ ئىشلارنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ ۋە رىغبەتلەندۈرىدۇ.

«ھەققانىيەت جەزمەن غەلىبە قىلىدۇ! تىنچلىق جەزمەن غەلىبە قىلىدۇ! خەلق جەزمەن غەلىبە قىلىدۇ!» جۇڭخۇا مىللىتى ھالاكەت خەۋپىگە دۇچ كەلگەن پەيتتە، جۇڭگو خەلقى پولاتتەك ئىرادىسى بىلەن كۈچلۈك دۈشمەنگە قارشى جەڭ قىلىپ، قان ۋە گۆشتىن پۈتۈلگەن تېنى بىلەن سېپىل قۇرۇپ، ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ دۆلەتنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتنى يېڭىشكە ئاتلىنىپ، يەر - جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان، ئىنتايىن تەسىرلىك قەھرىمانلىق تارىخىي داستانىنى پۈتۈپ، ياۋۇزلۇقتا چېكىگە يەتكەن ياپون مىلىتارىزمى تاجاۋۇزچىلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، ھەققانىيەت رەزىللىك ئۈستىدىن غالىب كەلگەن، يورۇقلۇق قاراڭغۇلۇق ئۈستىدىن غالىب كەلگەن، ئىلغارلىق ئەكسىيەتچىللىك ئۈستىدىن غالىب كەلگەن ئۇلۇغ غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى. بۇ، يېقىنقى زاماندىن بۇيان جۇڭگو خەلقىنىڭ تاشقى دۈشمەننىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇشتا داۋاملاشقان ۋاقتى ئەڭ ئۇزاق، كۆلىمى ئەڭ زور، قۇربان بېرىش ئەڭ كۆپ بولغان مىللەتنىڭ ئازادلىق كۈرىشى، شۇنداقلا بىرىنچى قېتىم تولۇق غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلگەن مىللەتنىڭ ئازادلىق كۈرىشى. بۇ ئۇلۇغ غەلىبە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيان چوڭقۇر، ئېغىر كىرىزىسكە پېتىپ قېلىشتىن ئۇلۇغ گۈللىنىشكە قاراپ يۈرۈش قىلىشتىكى تارىخىي بۇرۇلۇش نۇقتىسى، شۇنداقلا دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، جۇڭگو خەلقىنىڭ غەلىبىسى، شۇنداقلا دۇنيا خەلقىنىڭ غەلىبىسى.

جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسى ياپون مىلىتارىزمىنىڭ جۇڭگونى مۇستەملىكە قىلىش، قۇل قىلىش سۇيىقەستىنى ئۈزۈل - كېسىل بىتچىت قىلدى، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى كۈچلۈك قوغدىدى، يېقىنقى زاماندىن بۇيان چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇشتىكى كۆپ قېتىملىق جەڭدە ئارقا - ئارقىدىن مەغلۇپ بولۇشتەك مىللەتنىڭ ئار - نومۇسىنى ئۈزۈل - كېسىل يۇيدى؛ جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنى قايتىدىن تىكلىدى، جۇڭگو خەلقى دۇنيادىكى تىنچلىقپەرۋەر خەلقلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى، جۇڭخۇا مىللىتى مىللەتنىڭ يۈكسەك شۆھرىتىنى قولغا كەلتۈردى؛ جۇڭگو خەلقىنىڭ مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى، ئەركىنلىكى، ئازادلىقىغا ئىنتىلىش ئىرادىسىنى چىڭىتتى، قەدىمىي جۇڭگونىڭ سۇمۇرغنىڭ ئوتتا تاۋلىنىپ قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىش تارىخ يېڭى مۇساپىسىنى ئاچتى. خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر كۆرسەتكەندەك، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ۋەتەنپەرۋەرلىكنى يادرو قىلغان مىللەت روھىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇستەھكەم تۈۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسى، پۈتۈن مىللەتنىڭ ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، جاسارەت بىلەن ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسى، جۇڭگو خەلقىنىڭ فاشىزمغا قارشى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ھەمدە ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلغانلىقىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسى.

75 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ياراتتى، جۇڭگودا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى. لېكىن بىز شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇشىمىز كېرەككى، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا يەنىلا تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا دۇچ كېلىمىز، تۈرلۈك قىيىنچىلىق، ئەگرى - توقايلىقلارغا دۇچ كېلىمىز، جەزمەن ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئۇلۇغ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بارلىق قىيىنچىلىقلارنى بېسىپ چۈشىدىغان، ئەمما قىيىنچىلىققا باش ئەگمەيدىغان ئىرادە ۋە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئىجاد قىلىشقا ماھىر بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقىچە، تاكى ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكىچە قەتئىي بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. شۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشىمىز كېرەككى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك، جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، جەزمەن خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، جەزمەن كۈرەش روھىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك، جەزمەن قەتئىي تەۋرەنمەي تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىش كېرەك. ھەرقانداق كىشى، ھەرقانداق كۈچ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخىنى بۇرمىلاشقا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خاراكتېرى ۋە ئاساسىي مەقسىتىنى خۇنۈكلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنىدىكەن، جۇڭگو خەلقى بۇنىڭغا ھەرگىز قوشۇلمايدۇ! ھەرقانداق كىشى، ھەرقانداق كۈچ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بۇرمىلاشقا ۋە ئۆزگەرتىشكە، جۇڭگو خەلقىنىڭ سوتسىيالىزم قۇرۇش ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئىنكار قىلىشقا ۋە خۇنۈكلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنىدىكەن، جۇڭگو خەلقى بۇنىڭغا ھەرگىز قوشۇلمايدۇ! ھەرقانداق كىشى، ھەرقانداق كۈچ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن جۇڭگو خەلقىنى ئايرىۋېتىشكە، قارشىلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنىدىكەن، جۇڭگو خەلقى بۇنىڭغا ھەرگىز قوشۇلمايدۇ! ھەرقانداق كىشى، ھەرقانداق كۈچ زومىگەرلىك ۋاسىتىسى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنى جۇڭگوغا مەجبۇرىي تېڭىشقا، جۇڭگونىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىشكە، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۆزىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىنى يارىتىش تىرىشچانلىقىغا توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنىدىكەن، جۇڭگو خەلقى بۇنىڭغا ھەرگىز قوشۇلمايدۇ! ھەرقانداق كىشى، ھەرقانداق كۈچ جۇڭگو خەلقىنىڭ تىنچ تۇرمۇشى ۋە تەرەققىيات ھوقۇق - مەنپەئىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا، جۇڭگو خەلقىنىڭ باشقا دۆلەت خەلقلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشى، ھەمكارلىشىشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت يۈكسەك ئىشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنىدىكەن، جۇڭگو خەلقى بۇنىڭغا ھەرگىز قوشۇلمايدۇ! باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە ئالاھىدە تەكىتلىگەن بۇ «بەشكە ھەرگىز قوشۇلماسلىق» مەردانە، كۈچلۈك، جاراڭلىق بولۇپ، قەتئىي ھەم چوڭقۇر ھالدا 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلىدى. «ھەممىمىز بىر نىيەتتە بولۇپ، دۈشمەننىڭ زەمبىرەك ئوقىغا قارىماي ئالغا ئىلگىرىلەيلى!» مىسلىسىز مۇشەققەتلىك ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا، بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن جەڭ قىلىشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن جەڭ قىلىشى، ئىنسانىيەتنىڭ ھەققانىيلىقى ئۈچۈن جەڭ قىلىشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تاجاۋۇزچىلارغا قارشى ئاداققىچە جان تىكىپ كۈرەش قىلىدىغان جاسارىتى بارلىقىنى، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش ئاساسىدا قولدىن كەتكەن زېمىنىنى قايتۇرۇۋېلىش ئىرادىسى بارلىقىنى، دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىش ئىقتىدارى بارلىقىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېڭى ئۇزۇن سەپىرىدە، بىز پەقەت يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئۇلۇغ روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قانچە خەۋپ - خەتەر بولغانسېرى شۇنچە ئىلگىرىلەيدىغان قورقماس جاسارەتتە قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلساقلا، چوقۇم بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارنى يېڭىپ، يېڭى، تېخىمۇ زور مۆجىزىلەرنى يارىتالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى