تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

ئاقسۇ ۋىلايىتى: مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلار ئوخشىغان يەنە بىر يىل، دېھقانلار ئېتىزلاردا ئەمگەك قىلىپ ئالدىراش

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ خوڭۋېن، ئىختىيارىي مۇخبىر ما ياۋ خەۋىرى): كۈز پەسلىدە، تۈرلۈك زىرائەت ۋە مېۋە-كۆكتاتلار ئارقا-ئارقىدىن پىشىش مەزگىلىگە كىردى، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دېھقانلار ھاۋانىڭ ئوچۇق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، كۈزلۈك يىغىم، كۈزلۈك پەرۋىش، كۈزلۈك تېرىقچىلىق قاتارلىق «كۈزنىڭ ئۈچ ئىشى» بىلەن ئالدىراش بولۇپ، ھەممىلا يەردە ئالدىراش مەنزىرە بارلىققا كەلدى.

«خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىگە رەھمەت، دەل ئۇلارنىڭ تەكلىپى بىلەن، بۇ يىل ئائىلىمىز خاس تېرىقچىلىقنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، 70 مو يەردىكى باش پىيازدىن مول ھوسۇل ئالدۇق، بازار باھاسى بويىچە ھەر كىلوگىرامىنى 1.1 يۈەندىن ھېسابلىساق، تۈرلۈك تەننەرخنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، بىر مو يەرنىڭ ساپ كىرىمى 2500 يۈەن بولغۇدەك.» دېدى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىشلەمچى يېزىسى ئىشلەمچى كەنتىدىكى دېھقان خەن لىنچۇن خۇشال ھالدا.

8-ئاينىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرلىرىدا، ئىشلەمچى كەنتىدىكى 320 مو يەردىكى باش پىياز ئارقا-ئارقىدىن پىشتى، شۇ جايدىكى دېھقانلار يىغىش، ساندۇققا قاچىلاش، ئېغىرلىق ئۆلچەش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ئېتىز-ئېرىق باشلىرىدا قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەنزىرىسى نامايان بولدى، ئوراپ قاچىلانغان خالتا-خالتا باش پىياز بازارغا يەتكۈزۈلدى.

«بۇ پەسىللىك باش پىياز تېرىقچىلىقىدا، ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ 10 مىڭ يۈەندىن ئېشىشىدا گەپ يوق.» دېدى ئونسۇ ناھىيەلىك باج ئىدارىسىنىڭ ئىشلەمچى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1-شۇجى ما ۋېنتاۋ خۇشال ھالدا. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، دېھقانلارنى باش پىياز تېرىشقا پائال يېتەكلىدى، باش پىيازدىن مول ھوسۇل ئېلىنىپ، شۇ جايدىكى 30 ئائىلىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.

كەلپىن ناھىيەسىدە، شۇ جايدىكى دېھقانلار لازا، چەيزە، سىجىدوۋ قاتارلىق تۈرلۈك كۆكتات ۋە شاپتۇل، ياڭاق قاتارلىق مېۋىلەرنى سېتىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، دېھقانلارنىڭ «ھەميېنى» تومپايدى.

«بۇ يىل لازىنىڭ باھاسى يامان ئەمەس، ھەر كىلوگرامى ئۈچ يۈەندىن بولدى، مەن ھېسابلاپ باقتىم، بۇ پارنىكتىكى لازىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۈزۈپ بولسام، 2000 يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلىدىكەنمەن.» 8-ئاينىڭ 27-كۈنى، يۈرچى يېزىسى يۇقىرقى ئېرىق كەنتىدىكى دېھقان مەمەت سۇۋان بىر تەرەپتىن لازا ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ كىرىمىنى ھېسابلاۋاتاتتى.

بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تاماملىنىدىغان يىل، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، كەلپىن ناھىيەسى كەنت ئاھالىلىرىنى سېلىنمىسى ئاز، ئىستىقبالى پارلاق، پەرۋىشى ئاسان، ھوسۇلى يۇقىرى ئۆزگىچە زىرائەت ۋە تۈرلۈك كۆكتاتلارنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ياردەم پۇلى بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، پارنىك تېرىقچىلىقىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى.

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل بۇ ناھىيە 3522 پارنىك تېرىقچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، 1 مىليون 420 مىڭ تۈپ كۆكتات كۆچۈرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ھويلا-ئاران پارنىكىدىن 3366سى بار بولۇپ، قىيىنچىلىقى بار 2368 كەنت ئاھالىسىنى قاپلىغان.

كۈز پەسلى، ۋىلايەتتىكى 7 مىليون 500 مىڭ مو كېۋەزنىڭ ئېتىز-ئېرىق پەرۋىشىنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى بولۇپ، كېۋەز غوزىسىنىڭ تۆكۈلۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كېۋەزنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىكى ئۆسۈشىنى يېتەرلىك ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، جايلاردىكى دېھقانلار دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، كېۋەزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ئېتىزلارنى سۇغىرىپ ئوغۇتلاش خىزمىتىنى ئىشلىدى.

20 مو يەردىكى كېۋەز شايار ناھىيەسىنىڭ يانتاقشەھەر يېزىسى يانتاقشەھەر كەنتىدىكى دېھقان قادىر ئەخەت ئائىلىسىنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى بولۇپ، بۇ بىر نەچچە كۈندە، قادىر ئەخەت ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، كېۋەزلىكتىكى ئوت-چۆپلەرنى ئوتاش ۋە سۇغىرىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

«بۇنداق ئىسسىق كۈندە، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر مېنىڭ ئوت ئوتاش ۋە ئېتىز پەرۋىشىمگە ياردەملەشتى، كۆپ رەھمەت، بۇ يىل پاختىدىن مول ھوسۇل ئېلىشىمدا مەسىلە يوق.» قادىر ئەخەت ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: كۈز پەسلى كېۋەزنىڭ ئېچىلىش مەزگىلى، ئېتىزلارنى ئىلمىي پەرۋىش قىلىپ، سۇ، ئوغۇتنى ياخشى بەرگەندىلا، كېۋەزنىڭ ھوسۇلى، كىرىمى چوقۇم ئاشىدۇ.

ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەركىزىنىڭ كېۋەزنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل ۋىلايەتتىكى كېۋەزنىڭ ئۆسۈش ۋەزىيىتى سىجىل ياخشى بولغان، كېۋەز تۈپلىرىدىكى غوزىلارنىڭ سانى بۇلتۇرقىدىن كۆپ بولغان، بۇ بۇ يىل كېۋەزنىڭ مول ھوسۇللۇق يىلى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

قەلبىنۇر ھېزىم تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى