8-ئاينىڭ ئاخىرى دەل لازا پىشىدىغان مەزگىل، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى لازا ئېتىزىدا، دېھقانلار لازا يىغىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. بۇ يىل گۇچۇڭ ناھىيەسى 3320 مو يەرگە لازا تېرىدى، بۇنىڭ ئىچىدە 2200 مو يەرگە سىپىڭتوۋ لازا تېرىپ، مو بېشى مەھسۇلات مىقدارى 3.5 توننىدىن 4 توننىغىچە بولدى. دېھقانلار لازىلارنى قۇرۇتۇپ، پىششىقلاپ ياكى لازا قىيامى قىلىپ سېتىپ، مو بېشى كىرىمىنى 3-4 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزدى. قىپقىزىل لازىلار دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى، شۇنداقلا ياخشى كۈنلەرگە باشلىدى.
(«学习强国» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى)