تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

[مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش] ئۆزئارا ياردەم بەرگەن قېرىنداشلارنىڭ مېھرى چوڭقۇر

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر گو ئەيچېڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر لى يىن خەۋىرى): شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ چاغراق يېزىسى چاغراق كەنتىدە، شۇ جيەنچۈن بىلەن ئابلەت ئەبەيدۇللانىڭ بىر-بىرىگە ياردەم بېرىدىغان قېرىنداشلارچە دوستلۇقىنى ھەممە ئادەم بىلەتتى.

«بۇ ئىككى ئائىلە كۆپ بېرىش-كېلىش قىلىشىدۇ، قانداق قىيىنچىلىق بولسا، ئۆزئارا ياردەملىشىپ ھەل قىلىشىدۇ، ئۇلارنىڭ قېرىنداشلارچە مېھىر-مۇھەببىتى كۆپچىلىكنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدۇ» دېدى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى بۇ كەنتتىكى دېھقان نۇرمەمەت تۇرغۇن.

ئابلەت ئەبەيدۇللا ئۈچ پەرزەنتلىك بولغان بولۇپ، ئوغلى بەختكە قارشى ئۆلۈپ كەتكەن، ئىككى قىزى ياتلىق بولغان، ئائىلىسىدە ئەر-خوتۇن ئىككەيلەنلا قالغان، ئەمگەك كۈچى كەمچىل بولغانلىقتىن، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتا سەل قىينىلىپ قالغان ئىدى. بۇ كەنتنىڭ پەن-تېخنىكا مۇئاۋىن مۇدىرى شۇ جيەنچۈن بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا دائىم ياردەم بېرىپ تۇردى، ئالايلۇق، بۇغداينى ئوغۇتلاش، كېۋەزگە دورا چېچىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە ياردەم بېرىپ، تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلدى.

ئابلەت ئەبەيدۇللانىڭ ئائىلە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئىدى، شۇ جيەنچۈن ئۆزى پۇل چىقىرىپ دېھقانچىلىق ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىشقا ياردەم بېرىپ، ئۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتىكى قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى. زىرائەتلەرنى سۇغىرىش پەسلىدە، كېچىگە توغرا كېلىپ قالسىلا، شۇ جيەنچۇن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەملەشتى.

ئەلۋەتتە، ئابلەت ئەبەيدۇللامۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن شۇ جيەنچۈنگە ياردەم قىلاتتى.

2018-يىلىنىڭ بېشىدا، شۇ جيەنچۈننىڭ دادىسى سەكراتقا چۈشۈپ قالدى، ئۇ يۇرتىغا قايتىشقا ئالدىرىدى، لېكىن 57 قوي، 17 توخۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەم يوق ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قوي قوتىنى ئۆيدىن ئىككى كىلومېتىر يىراقلىقتا ئىدى. شۇ جيەنچۇن بىر نەچچە ئادەمنى تېپىپ، ئىش ھەققى بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ھېچكىم خەۋەر ئېلىشنى خالىمىدى.

شۈ جيەنچۈن ئامالسىز قالغان پەيتتە، ئابلەت ئەبەيدۇللا بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن شۇ جيەنچۈننىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنىڭغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى، «سىز مېنىڭ ئىنىم، قىيىنچىلىققا يولۇققاندا مېنى ئىزدىسىڭىز بولىدۇ» دېدى.

بىر ئايدىن كېيىن، شۇ جيەنچۈن يۇرتىدىن قايتىپ كېلىپ، قويلىرىنىڭ قوتاندا يايلاۋاتقانلىقىنى، توخۇلارنىڭمۇ ھويلىدا ئۇياقتىن-بۇياققا يۈرگەنلىكىنى كۆردى.

بۇ يىل بۇغداي ئورۇشتا، ئابلەت ئەبەيدۇللا ئائىلىسىنىڭ بۇغدايلىرى ھويلىدا يېيىقلىق تۇرغاندا، تۇيۇقسىز قاتتىق يامغۇر يېغىپ كەتتى، ئۇ ئۆزى يالغۇز ئالدىراش ئىشلەۋاتقاندا، شۇ جيەنچۈن ئەر-خوتۇن كېلىپ ئۇنىڭ بۇغداي يىغىشىغا ياردەملىشىپ، بەش توننىدىن ئارتۇق بۇغداينىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن ساقلاپ قالدى.

شۇ جيەنچۈن بىلەن ئابلەت ئەبەيدۇللا ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ياردەملەر ناھايىتى كۆپ. «شۇ جيەنچۈن بىلەن ئابلەت ئەبەيدۇللا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى چىن مېھىر-مۇھەببىتى بىلەن سۇغاردى، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئىشلار گەرچە ئاددىي بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن كىشىلەرگە تەسىر كۆرسەتتى» دېدى ئونسۇ ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى يارمەمەت تۇرسۇن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ خوتەن: قۇم دېڭىزى بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلىش، قۇملۇقتىكى ئۇزۇن سەپەر
  • خوشۇت ناھىيەسى: قىزىل لازا ئېلىپ كەلگەن قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن ياخشى كۈن
  • ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئالدىراشلىقى