تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

8-شى دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، قىيىنچىلىقى بار ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ياردەم بەردى

شىخەنزە 9-ئاينىڭ 2-كۈنى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ رۈي، خې بىڭ): «بۇ يىلقى يۇقۇم مەزگىلىدە، ئائىلىمىز قۇتقۇزۇش ياردەم پۇلى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، بالىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇش ۋە ئېرىمنىڭ دورا يېيىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدۇق، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت.»  8-ئاينىڭ 31-كۈنى، 8-شى شىخەنزە شەھىرى رۈيشېڭ توقۇمىچىلىق شىركىتىنىڭ قىيىنچىلىقى بار خىزمەتچىسى جى لى شۇنداق دېدى.

8-شى شىخەنزە شەھىرىنىڭ ياردەم بېرىش خىزمىتىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلگەن قىيىنچىلىقى بار ئىشچى-خىزمەتچىسى جەمئىي 579 بولۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش «ئالتىنى كاپالەتلەندۈرۈش»، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، بۇنىڭغا قارىتا، 8-شى شىخەنزە شەھىرى كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، قىيىنچىلىقى بار ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا ياخشى كاپالەتلىك قىلدى. ئەمگەك ئىقتىدارى بار قىيىنچىلىقى بار ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە شىخەنزە شەھىرى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش، ئىگىلىك تىكلەشكە ياردەم بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بەردى؛ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئومۇمىي خەلقنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش پىلانىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈردى؛ كېسەل سەۋەبىدىن قىيىنچىلىقتا قالغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە داۋالاش ئارقىلىق ياردەم بېرىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قۇتقۇزۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان قىيىنچىلىقى بار ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈردى؛ ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ياردەم بېرىش، قەرز بېرىش، تىرىشچانلىق كۆرسىتىش، كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش» قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، ئوقۇشقا ياردەم بېرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىقى بار ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ياردەم بېرىشكە تېگىشلىكلىرىگە تولۇق ياردەم بېرىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى؛ قىيىنچىلىقى بار ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئائىلىسىگە داۋاملىق كۈندىلىك ياردەم بېرىش-يۆلەشنى قانات يايدۇرۇپ، «ئىللىقلىق يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى. بۇنىڭدىن باشقا، 8-شى شىخەنزە شەھىرى بارلىق قىيىنچىلىقى بار ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلالمىغان قىيىنچىلىقى بار ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ دائىملاشقان ياردەم بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزدى.

بىڭتۇەن گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

گۈلپىيە ئابلىز تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى