تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىر كۈن ئىچىدە 100 مىڭ شىنجاڭ نېنى دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىپ خۇش پۇرىقى ئۆزبېكىستاندا تارالدى

 شىنجاڭ قورغاس نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىنىڭ ئىشلەپچىرىش سېخىدا، جازا ئۈستىگە ئىشچىلار يېڭىلا ياققان نانلار تىزىلدى.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ۋاڭ جىڭجىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر زوۋ لۇلۇ): 8-ئاينىڭ 31-كۈنى، 100 مىڭ نان شىنجاڭنىڭ قورغاس پورتى يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى «يېشىل كارىدورى»دىن ئۆزبېكىستانغا تېز سۈرئەتتە توشۇلدى، 9-ئاينىڭ 3-كۈنى، بۇ نانلار بۇ دۆلەتنىڭ تاشكەنت شەھىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ تاماق ئۈستىلىدە پەيدا بولدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ 100 مىڭ ناننىڭ بەش خىل تۈرى بار بولۇپ، ھەممىسى شىنجاڭ قورغاس نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا قاقلاپ پۇشۇرۇش ھەم ئوراپ قاچىلاشنى تاماملىغان، ئۆزبېكىستاندىكى بىر چوڭ كارخانا 8-ئاينىڭ 20-كۈنى زاكاز چۈشۈرگەن، 8-ئاينىڭ 31-كۈنى 100 مىڭ نان تاموژنىدىن ئوڭۇشلۇق چىققان.

  ئىشچىلار شىنجاڭ قورغاس نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا نان ياقماقتا.

  «بۇ كارخانىنىڭ ئىككىنچى قېتىم زاكاز قىلىشى، بىرىنچى قېتىم 7-ئايدا 30 مىڭ نان زاكاز قىلغان. بىزنىڭ نېنىمىز ياخشى، باھاسى ئەرزان ھەم يېيىشلىك بولۇپ، شۇ جايدا ياخشى باھاغا ئېرىشكەن، ئۇلار يەنە 100 مىڭنى كۆپەيتتى» دېدى بۇ قېتىمقى ناننىڭ ئېكسپورت قىلىنىشىغا مەسئۇل قورغاستىكى بىر تاشقى سودا شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى يۈ چېڭجۇڭ. ئىگىلىنىشىچە، نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسى 6-ئايدا تىجارەت باشلىغاندىن كېيىن، بۇ شىركەتنىڭ زاكازلىرى ئۈزۈلمىگەن.

  شىنجاڭ قورغاس نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، 100 تونۇر ۋە ئۈچ ئاپتوماتلاشقان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە، 500دىن ئارتۇق ئىشچى نان ياقىدۇ، كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىلىدىغان نان 50 مىڭغا يېتىدۇ، مۇھىت ئاسرايدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق توك تونۇرنىڭ رەقەملىك كونترول سىستېمىسى ئەمەلىي تېمپېراتۇرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ھەر بىر ناننىڭ ماتېرىيالى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش تەلىپى بويىچە دەل جايىدا پىششىقلاپ ئىشلىنىدۇ. «بىزنىڭ بۇ يەردىكى ئىشچىلارنىڭ ئايلىق كىرىمى 3000 يۈەندىن ئاشىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە» دېدى شىنجاڭ قورغاس نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى .

  ئىشچىلار شىنجاڭ قورغاس نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا نان ياقماقتا.

  ناننىڭ ئېكسپورت يولىنى ئېچىش ئۈچۈن، قورغاس تاموژنىسى ئېكسپورت ھالقىسىدا مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ ئېكسپورت كارخانىلىرى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئالاقىدار ئىسپات-ماتېرىياللارنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ، ماللارنى ئالدىن تەكشۈرۈش، ئالدىن ئۆتكۈزۈشنى يولغا قويۇپ، مالنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈشىدە «ۋاقىت ئۇزارتماسلىق»غا كاپالەتلىك قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، قورغاس شەھەرلىك ھۆكۈمەت يەنە كارخانىلارنىڭ ئېكسپورت يېمەكلىك سالاھىيىتىنى ئەنگە ئالدۇرۇش، تاموژنىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورنى تەسىس قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى تېز ھەل قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، قورغاس نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسى تىجارەت باشلىغاندىن بۇيان، 500دىن ئارتۇق ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ھەل قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشىدىغان بىر تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا ئايلانغان. 2-قارارلىق قۇرۇلۇش يېقىندا تاماملانسا، كۈنىگە 400 مىڭ نان ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 1800دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى