تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى 142 كارخانا توردا جۇڭگو خەلقئارا مۇلازىمەت-سودا يەرمەنكىسىگە قاتنىشىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ جياڭيەن خەۋىرى): كارخانىلارنىڭ دۆلەت ئىچى-سىرتى بازىرىنى ئېچىپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى سۈپەتلىك مۇلازىمەتنى «سىرتقا چىقىرىش»ىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى شىنجاڭ كارخانىلىرىنى توردا 2020-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا مۇلازىمەت-سودا يەرمەنكىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «مۇلازىمەت-سودا يەرمەنكىسى» دېيىلدى)گە قاتنىشىشقا تەشكىللىدى.

  9-ئاينىڭ 1-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ سودا ئۆمىكىدە 142 كارخانا، ئورۇن توردا يەرمەنكىگە قاتنىشىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 30 كارخانا، ئورۇن مۇلازىمەت-سودا يەرمەنكىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولغان 15-نۆۋەتلىك بېيجىڭ خەلقئارا مەدەنىيەت ئىجادىيەت كەسىپلىرى كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىدىكەن.

  گۇاڭخۇي ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى گۇاڭخۇي خەلقئارا تەبىئىي گاز سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى توردا يەرمەنكىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتقان كارخانىنىڭ بىرى. «بىز بۇ قېتىمقى توردا يەرمەنكىسىگە قاتنىشىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، كارخانىنىڭ LNG سېتىش جەھەتتىكى مۇلازىمىتىنى نامايان قىلىپ، ئىچكىرىنىڭ بازىرىنى يەنىمۇ ئاچىمىز» دېدى گۇاڭخۇي خەلقئارا تەبىئىي گاز سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ۋۇ چاۋ.

  شىنجاڭ گاۋدې باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىكى چەكلىك شىركىتى بۇ قېتىمقى توردا يەرمەنكىگە قاتنىشىش ئارقىلىق كارخانىنىڭ ئۈچ چوڭ بۆلەك كەسپىنى نامايان قىلماقچى بولغان. «بىرىنچى بۆلەك، PPC بۇلۇت باشقۇرۇش سۇپىسى بولۇپ، كارخانىلارنىڭ توردا باشقۇرۇشنى ياخشى قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ؛ ئىككىنچى بۆلەك، كەسىپ TCS لايىھەسى بولۇپ، كارخانىلارنىڭ توردا دىياگنوز قويۇش، توردا ئۆگىنىش، كارخانا سالونى توردا مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدۇ؛ ئۈچىنچى بۆلەك، شىنجاڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى بىلەن ئۇچرىشىش بولۇپ، بۇ سۇپىدا شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ئارقىلىق، مەھسۇلاتلارنى سېتىپ چىقارغىلى بولىدۇ» دېدى شىنجاڭ گاۋدې باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىكى چەكلىك شىركىتى بېيجىڭ شۆبە شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ فاڭشۈ.

  2020-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا مۇلازىمەت-سودا يەرمەنكىسى 9-ئاينىڭ بېشىدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. جۇڭگو خەلقئارا مۇلازىمەت-سودا يەرمەنكىسى يەرشارى بويىچە تۇنجى مۇلازىمەت-سودا ساھەسىدىكى ئۇنىۋېرسال يەرمەنكە بولۇپ، جۇڭگونىڭ مۇلازىمەت كەسپىنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم كۆزنەك ھېسابلىنىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مۇلازىمەت-سودا يەرمەنكىسىدىن ئىبارەت بۇ ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك خەلقئارا مۇلازىمەت-سودا سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭ سودا ئۆمىكى شىنجاڭ ئىچىدىكى كارخانىلارنىڭ ئەۋزەل مۇلازىمەت ساھەسىنى ئومۇميۈزلۈك نامايەن قىلىپ، تەشۋىق قىلىپ، كارخانىلارنىڭ دۆلەت ئىچى-سىرتى بازىرىنى ئېچىشىغا، ھەمكارلىق شېرىكى ئىزدىشىگە  ياردەم بېرىپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى سۈپەتلىك مۇلازىمەتنىڭ «سىرتقا چىقىرىلىشى»غا ئىمكانىيەت يارىتىپ، يەرشارىۋى مۇلازىمەت-سودا تەرەققىياتىدىكى يېڭى نەتىجىلەردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، يەرشارىۋى مۇلازىمەت-سودىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى