تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ئالتاي ۋىلايىتىدىكى دالا ساياھەت مەنزىرە رايون (نۇقتا)لىرى 9-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ كەڭ ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 9-ئاينىڭ 1-كۈنى ئالتاي ۋىلايەتلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە باسقۇچلۇق مۇھىم نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ياخشى ۋەزىيەت يەنىمۇ مۇستەھكەملەنگەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى بارلىق دالا ساياھەت مەنزىرە رايون (نۇقتا)لىرى بۈگۈندىن باشلاپ كەڭ ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلىدىكەن ھەمدە ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى تۈزۈپ چىقىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنى قار تېيىلىش، مەنزىرە رايونلىرىنى سەيلە قىلىشقا جەلپ قىلىدىكەن.

  ھەر قايسى مەنزىرە رايونلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى»، «ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ئېچىش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرى كۆرسەتمىسى» قاتارلىقلاردىكى تەلەپلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، مەنزىرە رايونىنىڭ ئاممىۋى سەھىيە ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدىكەن.

   كەڭ ساياھەتچىلەر شەخسىي مۇداپىئەلىنىشنى ياخشى ئىشلەپ، ئالاقىدار خىزمەت تەرتىپىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىشى، بىخەتەر ئارىلىق ساقلاپ، پۈتۈن مۇساپىدە ماسكا تاقاپ، توپلىشىۋالماسلىقى، يىغىلىۋالماسلىقى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى