تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارىمىز ۋە سەۋىيەمىزنى ئۆستۈرەيلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدۇق، ئۆركەشلەپ مەۋج ئۇرۇۋاتقان دۇنيا ئىقتىسادى چوڭ دولقۇنىدا، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ پاراخوتنى ياخشى تىزگىنلەش - تىزگىنلىيەلمەسلىك پارتىيەمىز ئۈچۈن مۇھىم، زور سىناق. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: بىز ماركسىزملىق سىياسىي ئىقتىساد ئىلمىنىڭ مېتودولوگىيەسىدىن پايدىلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارىمىز ۋە سەۋىيەمىزنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.

نەزەرىيە ئەمەلىيەتتىن كېلىدۇ، ئۇ يەنە ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، پارتىيەمىز يېڭى جانلىق ئەمەلىيەتنى ۋاقتىدا يەكۈنلەپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىيات ئىدىيەسى، مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى، تەقسىمات تۈزۈلمىسى، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسى، بازار مېخانىزمى، ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەش، كەسىپ قۇرۇلمىسى، كارخانا ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسى، خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەردە نۇرغۇن مۇھىم ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىقتىساد، جەمئىيەت ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيىتى توغرىسىدىكى نەزەرىيە» «سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى تۈپ ئىقتىسادىي تۈزۈم توغرىسىدىكى نەزەرىيە» «ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىيات توغرىسىدىكى نەزەرىيە» قاتارلىق 11 جەھەتتىكى نەزەرىيە نەتىجىلىرىنى مىسال كەلتۈرۈپ، بۇ نەزەرىيە نەتىجىلىرىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە كۈچلۈك يېتەكچىلىك قىلىپلا قالماي، يەنە ماركسىزملىق سىياسىي ئىقتىساد ئىلمىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچقانلىقىنى چوڭقۇر كۆرسىتىپ بەردى.

دەۋر تېمىسى نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ قوزغاتقۇچ كۈچى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چوڭ يۈزلىنىشنى كۆزىتىش، پۈتۈن ۋەزىيەتنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەت ئاساسىدىكى نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى دادىل ئالغا سىلجىتىپ، بىر قاتار مۇھىم، زور نەزەرىيەۋى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بېرىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تىزگىنلەپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگو ئىقتىسادىدىن ئىبارەت بۇ پاراخوتنىڭ توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلىشىگە كۈچلۈك يېتەكچىلىك قىلدى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە تۈرتكە بولىدىغان نەزەرىيە جەۋھىرى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم سىياسىي ئىقتىساد ئىلمىنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى تامامەن توغرا، پارتىيەمىز مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان ۋەزىيەتتە سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى تىزگىنلەيدىغان يۈكسەك ئەقىل - پاراسەت ۋە ئىقتىدارغا ئىگە.

بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى شارائىتى ۋە تاشقى مۇھىتىدا چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ. خەلقئارادا، دۇنيا ئىقتىسادى پەسكويغا چۈشۈپ قالدى، خەلقئارا ئىقتىساد، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت، خەۋپسىزلىك، سىياسىي قاتارلىق ۋەزىيەتلەرنىڭ ھەممىسىدە چوڭقۇر تەڭشىلىش بولدى، بىز تېخىمۇ كۆپ تەتۈر شامال، تەتۈر ئېقىملىق تاشقى مۇھىتقا يۈزلىنىمىز. دۆلەت ئىچىدە، دۆلىتىمىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى، تەرەققىيات كۆپ تەرەپلىك ئەۋزەللىككە ۋە شارائىتقا ئىگە، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى يەنىلا گەۋدىلىك بولۇۋاتىدۇ. مۇرەككەپ، چىگىش بولغان دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ئالدىدا، خىلمۇخىل ئىقتىسادىي ھادىسىلەر ئالدىدا، ماركسىزملىق سىياسىي ئىقتىساد ئىلمىنىڭ ئاساسىي قائىدىسى ۋە مېتودولوگىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىگىلەش بىزنىڭ ئىقتىسادىي ھەرىكەت جەريانىنى ئىلمىي تونۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى نەزەرىيەۋى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرگە توغرا جاۋاب بېرىشىمىزگە پايدىلىق.

تەرەققىيات مۇھىتى قانچە مۇرەككەپ بولغانسېرى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارىمىز ۋە سەۋىيەمىزنى شۇنچە ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو ئىقتىسادىدىن ئىبارەت پاراخوتنىڭ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىلمىي نەزەرىيەسىنى تەتبىقلاپ ئەمەلىي مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش ۋە ھەل قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۆزگىرىشنى توغرا تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ئىلمىي ئۇيغۇنلىشىپ، ئۆزگىرىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنتىلىپ، بوران - چاپقۇننى باشتىن كەچۈرۈش، كۆپ ئىشلارنى كۆرۈش داۋامىدا قابىلىيىتىمىزنى ئۆستۈرۈپ، بېلىمىزنى رۇسلاپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى قاتتىق ئومۇرتقا، تۆمۈر يەلكە، ھەقىقىي قابىلىيەتنى چېنىقتۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىشىمىز كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە تەرەققىيات ئەمەلىيىتىنى مەۋقە قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادى ۋە دۆلىتىمىز ئىقتىسادى دۇچ كەلگەن يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، يېڭى ئالاھىدىلىك، يېڭى قانۇنىيەتلەرنى ئېچىپ بېرىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەمەلىيىتىدىكى قانۇنىيەتلىك نەتىجىلەرنى تاۋلاپ ۋە يەكۈنلەپ، ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرىنى سىستېمىلىق ئىقتىسادىي تەلىماتقا كۆتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم سىياسىي ئىقتىساد ئىلمىي نەزەرىيە سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگو ماركسىزملىق سىياسىي ئىقتىساد ئىلمىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىپ، ماركسىزملىق سىياسىي ئىقتىساد ئىلمىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتىنى تەقدىم قىلىشىمىز كېرەك.

سۇمۇرغ ئۇچار ھامان بىر كۈن شوخ شامالغا جور بولۇپ، پەرۋاز قىلار ئاسماندا ھەيۋەت كەبى قانات قېقىپ. يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدىكى يېڭى پۇرسەت، يېڭى خىرىس ئالدىدا، تېخىمۇ كەڭ نەزەر دائىرە، تېخىمۇ يىراقنى كۆزلەيدىغان نەزەر بىلەن كەلگۈسى تەرەققىياتتا دۇچ كېلىدىغان بىر قاتار مۇھىم، زور مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلىنىپ، ئىگىلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارىمىز ۋە سەۋىيەمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىيەت ئۈستىدە دادىل ئىزدىنىپ، نەزەرىيە جەھەتتە ئۈزلۈكسىز بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، شامالغا قارشى پاراخوت ھەيدەشكە جۈرئەت قىلىپ، كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولساقلا، چوقۇم ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز، تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز، كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى