تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

9-شىدا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈر قۇرۇلۇشى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى

بىڭتۇەن گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر چېن چيۇڭ): نۆۋەتتە، لياۋنىڭ ئۆلكىسى 9-شىغا نىشانلىق ياردەم بەرگەن باقتۇ سانائەت باغچە رايونىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەسلىھەلىرى ۋە يۈرۈشلۈك ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ 1-قارارلىق تۈرى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش باسقۇچىغا كىردى، يېقىندا ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلىدۇ. بۇ يىلدىن بۇيان، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە، 9-شىدا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى تۈرلۈك تۈر قۇرۇلۇشلىرى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى، 7-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى توققۇز تۈردە قۇرۇلۇش باشلىنىپ، 100 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىش تاماملاندى.

بۇ يىل، لياۋنىڭ ئۆلكىسى 9-شىغا نىشانلىق ياردەم بەرگەن تۈر جەمئىي 13 بولۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە 150 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىغان، بۇ تۈرلەر كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مائارىپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ، ھازىر شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ ھەممىسى ئاجرىتىلىپ نەقلەشتۈرۈلدى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىتىش ئۈچۈن، ئىككى تەرەپ بىر قولدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى تۇتۇپ، يەنە بىر قولدا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈر قۇرۇلۇشىنى تۇتۇپ، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرىنىڭ قەرەلىدە پۈتۈپ، ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى؛ «14-بەش يىل»لىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرى يىرىك پىلانىنى تۈزۈش خىزمىتىنى ھەمكارلىشىپ ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرىنى ياخشى دەلىللەپ، ياخشى پىلانلاپ، 9-شىنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

گۈلپىيە ئابلىز تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ خوتەن: قۇم دېڭىزى بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلىش، قۇملۇقتىكى ئۇزۇن سەپەر
  • خوشۇت ناھىيەسى: قىزىل لازا ئېلىپ كەلگەن قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن ياخشى كۈن
  • ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئالدىراشلىقى