تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

شىنجاڭ كورلا: نەشپۈت ئۈزۈش پەسلىدىكى «تور+تور سىرتى»دا سېتىش دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشتى

  كۈز كىرگەندىن بۇيان، كورلا شەھىرىنىڭ ئاۋات يېزىسى چېگە كىچىك كەنتىدىكى 3000 موغا يېقىن يەردىكى نەشپۈتنىڭ ئۆسۈشى ياخشى بولۇپ، مول ھوسۇل بەردى. كەنتتىكى 5500 توننا نەشپۈتنىڭ سېتىلىش يولىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، بۇ كەنت «تور+ تور سىرتى»نى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش شەكلى ئارقىلىق، سېتىش يوللىرىنى تىرىشىپ كېڭەيتىپ، ئەڭ زور چەكتە نەشپۈتلەرنى سېتىپ، باغۋەنلەرنى مول ھوسۇل ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  8-ئاينىڭ 29-كۈنى، چېگە كىچىك كەنتىنىڭ نەشپۈتلۈك بېغىدا، شاختا نەشپۈتلەر لىق ئىدى، نەشپۈتلۈك باغنى قويۇق نەشپۈت پۇرىقى بىر ئالغان بولۇپ، گۈزەل مول ھوسۇل مەنزىرىسى نامايەن بولغانىدى. «بۇ يىل نەشپۈتنىڭ سۈپىتى ياخشى، مېۋىسى چوڭ، ھەر مو يەرنىڭ ھوسۇلى بىر يېرىم توننا ئەتراپىدا، سېتىۋېلىش باھاسىمۇ ناھايىتى ياخشى، ھەر كىلوگىرامىنىڭ باھاسى تۆت يۈەندىن ئاشىدۇ، ھازىر سودىگەرلەر نەشپۈتنىڭ ھەممىسىنى زاكاز قىلىپ بولدى». بۇ كەنتتىكى نەشپۈت ئۆستۈرگۈچى يوۋ گوشۈننىڭ مۇخبىرغا دېيىشىچە، بۇ يىل نەشپۈتنىڭ چېچەكلەش مەزگىلى دەل كىلىمات شارائىتىغا توغرا كەلگەن، ئۇ تېرىغان 50 مو يەردىكى نەشپۈت كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىش نەتىجىسىدە تاۋار مېۋىسىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى 70 توننىدىن ئاشقان، مەھسۇلات مىقدارى ۋە باھاسى ئىنتايىن ياخشى بولغان ئەھۋالدا، بۇ يىل 300 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالىشىدا گەپ يوق ئىكەن.

  بۇ يىل چېگە كىچىك كەنتىنىڭ نەشپۈت تېرىلغۇ كۆلىمى 2890 موغا يېتىپ، ئومۇمىي مەھسۇلاتىنىڭ 5500 توننا ئەتراپىدا بولۇشى مۆلچەرلەنمەكتە. سېتىش يوللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن، كەنت ئالدىن پىلانلاپ، قولىدىكى بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئىچكىرىدىكى سودىگەرلەر بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىلىشىپ، سودىگەرلەرنى نەشپۈتلۈككە كېلىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ۋە سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالاشقا تەكلىپ قىلدى، ھازىر بۇ كەنتنىڭ نەشپۈتنى زاكاز قىلىپ سېتىۋېلىش مىقدارى ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %80ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى.

  «بۇ يىلقى نەشپۈت سېتىش بىزنىڭ كەنت ۋە كوپىراتىپىمىزنىڭ نۇقتىلىق خىزمىتى، 6-ئاينىڭ بېشىدا، كەنتتىكى نەشپۈت ۋاسىتىچىلىرى ئىچكىرىدىكى سودىگەرلەر بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، سېتىش ئىشلىرىنى كېڭىشىپ، نەشپۈتنى بالدۇرراق زاكاز قىلىش، سېتىشقا كاپالەتلىك قىلدى» ئاۋات يېزىسى چېگە كىچىك كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ جېمىن مۇنداق دېدى: 8-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن بۇيان، سودىگەرلەر ئارقا ـ ئارقىدىن بۇ كەنتنىڭ نەشپۈتزارلىقىغا كېلىپ نەشپۈتنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈردى ھەم 100 ئائىلىلىك دېھقان بىلەن نەشپۈت سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالىدى.

  كورلا نەشپۈتى ئاۋات يېزىسىدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى تۈۋرۈك كەسىپ بولۇپ، يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 105 مىڭ توننىغا يېتىدۇ. ئاۋات يېزىسى پۈتۈن يېزىدىكى نەشپۈت بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ، سېتىش يوچۇقىغا قارىتا، توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق نەشپۈتنىڭ سېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. 8-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئاۋات يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى ئوسمانجان ئىبراھىم بىۋاسىتە كۆرسەتكۈچى بولۇپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىسى ئارقىلىق يۇرتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى _ كورلا نەشپۈتىگە ۋاكالىتەن سۆز قىلدى. بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش دېھقانلارنىڭ سېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى ئېچىشىغا ياردەم بېرىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتتى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل كورلا شەھىرىنىڭ نەشپۈت تېرىلغۇ كۆلىمى 455 مىڭ موغا، مېۋە بېرىش كۆلىمى 355 مىڭ موغا يەتكەن، ئوتتۇرىچە بىرلىك ھوسۇلى 1.5 توننا، ئومۇمىي ھوسۇلى 500 مىڭ توننىدىن ئېشىشى، تاۋار مېۋە نىسبىتى %75كە يېتىشى، تاۋار مېۋە مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 400 مىڭ توننىغا يېتىشى مۆلچەرلەنگەن.

  8-ئايدىن بۇيان، كورلا شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى مېيرى يوۋشيەن، جىڭدۇڭ شېڭشيەن، سۇنىڭ يىگوۋ قاتارلىق 100دىن ئارتۇق كارخانا ۋەكىلىنى تەكلىپ قىلىپ، تۈركۈمگە بۆلۈپ كورلا نەشپۈتى چىقىدىغان جايغا كېلىپ كېڭىشىش، كۇرسلۇق مەھسۇلاتلارنى تونۇشتۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش-سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، توردا سېتىشنى ئاساس قىلغان نەشپۈتلەرنى كېڭەيتىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش-سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. نەشپۈتنى بىۋاسىتە سېتىش ۋە سېتىۋېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، كورلا شەھىرى «تەكلىپ قىلىش» سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا، يېڭى، خام مەھسۇلاتلار سودا سارىيى، تاللا بازىرى قاتارلىق ۋەكىللەرنى كورلا شەھىرىدىكى ھەرقايسى يېزا-بازار (مەيدان)لارغا بېرىپ، كورلا نەشپۈتىنىڭ ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جايىدا نەق مەيداندا سېتىۋېلىشـسېتىشقا تەكلىپ قىلدى ھەم توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش، توردا سېتىش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە پائال قاتنىشىپ، توردا سېتىش يوللىرىنى ئاچتى.

  مۇخبىر ليۇ خۇەنجاۋ

  مەسئۇل مۇھەررىر: دەي شياۋيې

  «ئانار بۇلۇت» تېرمىنالىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى