تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر شىنجاڭنىڭ ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلىشىگە كۈچ قوشتى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ساۋ خۇا، ئىختىيارىي مۇخبىر چوۋ جىڭ خەۋىرى، فوتوسى): ھازىر شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن مول ھوسۇل ئالىدىغان مەزگىل، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر بەس-بەستە كارخانا سېتىۋېلىش، سەييارە كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش، مەھەللىگە، ئورۇنلارغا كىرگۈزۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، شىنجاڭنىڭ باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىچكىرى رايون بازارلىرىغا كىرىشىگە كۈچ قوشتى.

8-ئاينىڭ 26-كۈنى، قەشقەر فېيچاڭشياڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ 26 توننا شىنمېي قاچىلانغان سوغۇق ساقلاش ئاپتوموبىلى يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ سىيەك يېزىسىدىن شەندۇڭغا قاراپ يولغا چىقتى. «شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش كارخانىلىرىنىڭ مېۋە ئىنچىكە پىششىقلاش تۈرى ۋە شەندۇڭ ‹چوڭ ئامبارنى شەرققە يۆتكەش›تۈرى بىزنىڭ نۇرغۇن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ھەزىم قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى» دېدى يوپۇغا ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لۇڭ.

26 توننا شىنمېي بېسىلغان سوغۇق ساقلاش ئاپتوموبىلى يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ سىيەك يېزىسىدىن شەندۇڭغا قاراپ يولغا چىقتى.

ئىگىلىنىشىچە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى شەندۇڭ ئۆلكىسىدە سېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن، بۇ يىل 8-ئاينىڭ باشلىرىدا، شەندۇڭ ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش «چوڭ ئامبارنى شەرققە يۆتكەش»، «قەشقەرچە تەم» بايراقدار دۇكىنى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ بىنجۇ شەھىرى ۋە زاۋجۇاڭ شەھىرىگە ماكانلاشتى، شۇنىڭ بىلەن، «چوڭ ئامبارنى شەرققە يۆتكەش» قۇرۇلۇشى شەندۇڭ ئۆلكىسىدە 15 بايراقدار دۇكان، 120دىن ئارتۇق ئىتتىپاقداش دۇكان ۋە ئىتتىپاقداش مەخسۇس سېتىش پۇكىيى قۇرۇپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەيدىغان بازار دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشىگە كۈچ قوشتى، نۆۋەتتە، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى 60 نەچچە كارخانىنىڭ 400 خىلغا يېقىن خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى شەندۇڭ بازىرىغا ئومۇميۈزلۈك كىرىپ، يىللىق سېتىش مىقدارى 20 مىڭ توننىغا، ئومۇمىي سېتىش سوممىسى 1 مىليارد 280 مىليون يۈەنگە يەتتى.

8-ئاينىڭ 9-كۈنى، «قەشقەر ياخشى تەمى» بايراقدار دۇكىنى زاۋجۇاڭ شەھىرىگە ماكانلىشىپ، نۇرغۇن خېرىدارنى جەلپ قىلدى.

8-ئاينىڭ 24-كۈنى، بىر مەيدان كارخانا ئىچىدە سېتىۋېلىش پائالىيىتى شاڭخەيدىكى شاڭياۋ پاي كونترول چەكلىك شىركىتىدە ئۆتكۈزۈلۈپ، قەشقەر ۋىلايىتىدىن كەلگەن جۈن چىلان، كۈلرەڭ چىلان، بادام قاتارلىق بازىرى ئىتتىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى پۈتۈلەي سېتىلىپ بولدى. قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوللىشى بىلەن، شاڭخەي ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئىتتىپاقى سەييارە كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كارخانا ئىچىدىن سېتىۋېلىش شەكلى ئارقىلىق قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ شاڭخەي شەھىرىدىكى تېخىمۇ كۆپ پۇقرالارنىڭ ئۆيىگە كىرىشىگە ياردەم بەردى. شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى يەنە ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس خىزمەت بەنى قۇرۇپ، شاڭخەي ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئىتتىپاقى ۋە تۈرلۈك مۇددىئا تىجارەتچىلىرىنى تەشكىللەپ، ماركىلاشقان، ئۆلچەملەشكەن، كۆلەملەشكەن مەھسۇلاتلارنى شاڭخەي بازىرىغا كىرگۈزۈپ، ئىستېمال كۆلىمىنى كېڭەيتتى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى «ئون شەھەر، يۈز دۇكان» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئاقسۇ ۋىلايىتى، بىڭتۇەن 1-شى ئارال شەھىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پائال ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 7-ئايغىچە، «ئون شەھەر، يۈز دۇكان» قۇرۇلۇشى ئارقىلىق شۇ جاينىڭ 37 مىڭ توننا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى سېتىلىپ، سېتىش سوممىسى 700 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى ئورۇنغا كىرگۈزۈش، مەكتەپكە كىرگۈزۈش، بازارغا كىرگۈزۈش، جەمئىيەتكە كىرگۈزۈشتىن ئىبارەت «تۆتكە كىرگۈزۈش» بويىچە ياردەم بېرىش، يۆلەش تەدبىرىنى قوللىنىپ، گۇما ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشقا ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇردى؛ تيەنجىن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئاساسىي يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىپ تونۇشتۇرۇش، ئامما قاتنىشىش، ھېس قىلىش ۋە «توردا ئالقىشلانغان» تونۇشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتلىرىنىڭ تيەنجىندىكى سېتىلىش دائىرىسى ۋە تەسىرىنى كېڭەيتتى؛ لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى كىرا ھەققى تولۇقلىمىسى قاتارلىق ئالاقىدار سىياسەت، تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 2020-يىلى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن 8 مىليون 600 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 2-ئايدا شىنجاڭ «ئاپتونوم رايوننىڭ ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى ئوتتۇرىغا قويغاندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مېخانىزمىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، توردىكى سۇپىلاردا سېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، كارخانىلارنى كوللېكتىپ سېتىۋېلىشقا جەلپ قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئۆز جايىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەردىكى ئىستېمال بازارلىرىدا سېتىشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، مەھسۇلاتلارنىڭ تاللا بازىرى، توپ سېتىش بازىرى، بېكەت، مەنزىرە رايونى، ماي قاچىلاش پونكىتى قاتارلىق ئورۇنلارغا كىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرغان.

قەلبىنۇر ھېزىم تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى