تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

ئۇچار يولۋاس كوماندىسىنىڭ ماھىرى چى لىن دۆلەت ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ يىغىلىپ مەشىق قىلىش كوماندىسىغا تاللاندى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز خۇاڭ شىڭ خەۋەر قىلىدۇ): يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەتلىك ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ كوللېكتىپ مەشىقلەندۈرۈش چوڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىندى، ئويلىغىنىمىزدەك، بۇ قېتىمقى كوللېكتىپ مەشىقلەندۈرۈش تىزىملىكىدە دۆلەت ئىچىدىكى مۇنەۋۋەر ياش توپچىلار ئاساس قىلىنغان. ئۇچار يولۋاس كوماندىسىنىڭ ماھىرى چى لىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاللاندى، ئىجارە مۇددىتى توشۇپ گۇاڭجوۋ كوماندىسىغا قايتىپ كەلگەن فەن زىمىڭمۇ تەڭ تاللاندى.

بۇ نۆۋەتلىك دۆلەتلىك ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ كوللېكتىپ مەشىقى ئاران 20 كۈن بولۇپ، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلىنىپ 9-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. بۇمۇ 2021-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ شاللىنىش مۇسابىقىسى ۋە ئاسىيا لوڭقىسى ئەرلەر ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىگە پائال تەييارلىق قىلىپ، 2023-يىللىق ئەرلەر ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى، 2024-يىللىق پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېڭى تەييارلىق دەۋرىيلىك پىلانىنى ياخشى تۈزۈپ، زاپاس ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ۋە زاپاس ساقلاش ئۈچۈندۇر.

بۇ قېتىمقى كوللېكتىپ مەشىقنى تەشكىللەش سەۋەبى ھەققىدە دۆلەت كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى دۇ فېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «دۆلەت كوماندىسى ھەر يىلى كوللېكتىپ مەشىق قىلىدۇ، بۇ دېگەن ئەنئەنە. ئىككىنچىدىن، كۆپچىلىكمۇ دۆلەت كوماندىسىنىڭ كوللېكتىپ مەشىقىدىكى ياش ماھىرلارنى كۆردۈڭلار، مۇشۇنداق پۇرسەت ئارقىلىق ياش ماھىرلارنى تونۇيمىز، يېتىشتۈرىمىز، كەلگۈسىمىزنى ئويلىشىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ خوتەن: قۇم دېڭىزى بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلىش، قۇملۇقتىكى ئۇزۇن سەپەر
  • خوشۇت ناھىيەسى: قىزىل لازا ئېلىپ كەلگەن قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن ياخشى كۈن
  • ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئالدىراشلىقى