تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

ئاقسۇ شەھىرى: خىزمەت ئەترىتىنىڭ سەمىمىي مۇلازىمىتى كىشى قەلبىنى ئىللىتتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز خۇ شياۋشياۋ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فەن گوڭپىڭ خەۋىرى): «ناۋادا خىزمەت ئەترىتى مېنى ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالاتمىغان بولسا، بۇ قېتىم يۈرەك كېسىلىم تۇيۇقسىز قوزغالدا، ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋال يۈز بېرىشى مۇمكىن ئىدى» دېدى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاقسۇ شەھىرى خۇڭچىپو تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى شياڭيۈن مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى ئېزىز ھېلىم.

  60 ياشلىق ئېزىز ھېلىم يۈرەك كېسىلى بار بولۇپ، تۇرمۇشتىكى ئىشلىرىنىمۇ خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە مەھەللە كادىرلىرى ياردەملىشىپ قىلىشىپ بېرەتتى. تېخى يېقىندىلا، ئېزىز ھېلىم ئۆيىنىڭ تار كوچىسىدا تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ ئايلىنىپ چۈشكەن، قوشنىلىرى ئاقسۇ شەھەرلىك سۇچىلىق ئىدارىسىنىڭ شياڭيۈن مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجى ليۇ ماۋشېڭغا تېلېفون بەرگەن، ئۇ دەرھال ئېزىز ھېلىمنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كېلىپ، ئېزىز ھېلىمنى ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسى جىددىي داۋالاش بۆلۈمىگە جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئېلىپ بارغان ھەم يېنىدىن 2000 يۈەندىن ئارتۇق نەق پۇل چىقىرىپ دوختۇرخانىدا يېتىش رەسمىيىتىنى بېجىرگەن.

  «سىزنىڭ ياخشى بولۇپ قالغىنىڭىزنى كۆرۈپ، ھەممىمىز ئىنتايىن خۇش بولدۇق». كېسەلخانىدا مەھەللە كادىرى نۇرنىسا شەيخ بىر تەرەپتىن ئېزىز ھېلىمغا سۇ ئىچكۈزۈپ، تاماق يېگۈزگەچ، بىر تەرەپتىن مۇنداق دېدى: «خىزمەت ئەترىتى كەلگەندىن كېيىن، ئاممىغا نۇرغۇن ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بەردى. ليۇ شۇجى دائىم قاراشلىق رايوندىكى ياشانغان ئىگە-چاقىسىزلارغا گۈرۈچ، ئۇن، ياغ، كۆكتات ئاپىرىپ بېرىدۇ، يەنە ئۇلارغا ياردەملىشىپ لىنىيەلەرنى ئوڭشاش، توك، گاز سېتىۋېلىش، ئوتۇن، كۆمۈر قاتارلىقلارنى يەتكۈزۈپ بېرىشكە ياردەملىشىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى».

  «بىزنىڭ خىزمەت ئەترىتىمىزنىڭ ۋەزىپىسى ۋە مەسئۇلىيىتى ئامما ئويلاۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارنى ئەمەلىي ھەرىكىتمىزدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت» دېدى ليۇ ماۋشېڭ قەتئىيلىك بىلەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ خوتەن: قۇم دېڭىزى بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلىش، قۇملۇقتىكى ئۇزۇن سەپەر
  • خوشۇت ناھىيەسى: قىزىل لازا ئېلىپ كەلگەن قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن ياخشى كۈن
  • ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئالدىراشلىقى