تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كىچىككىنە چۈجگۈن قوناق كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىپ چوڭ كەسىپكە ئايلاندى

«جاڭزاگۇ» چۈجگۈن قونىقى خوشۇتتا يىلتىز تارتتى

كىچىككىنە چۈجگۈن قوناق كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىپ چوڭ كەسىپكە ئايلاندى

شىنجاڭ گېزىتى بايىنغولىن ئوبلاستى مۇخبىرلار پونكىتىدىن جوۋ خەيشيا

جاڭزاگۇ

بىر تال چۈجگۈن قوناق ئۇرۇقى بىر پارچە تۇپراققا قانچىلىك زور ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلەلەيدۇ؟

«جاڭزاگۇ» چۈجگۈن قوناق سورتى خوشۇت ناھىيەسىدە كېڭەيتىپ تېرىلغان سەككىز يىلدىن بۇيان، نوقۇل ھالدىكى تېرىقچىلىق تۈرىدىن شۇ جايدىكى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشىدىكى «ئالتۇن» كەسىپكە ئايلاندى.

جاڭجياكوۋدىن خوشۇتقا ماكانلاشتى

7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، خوشۇت ناھىيەسى چۇقۇ بازىرى دۇڭدۇ قۇدۇق كەنتىنىڭ ئېتىزلىرىدىكى «جاڭزاگۇ» چۈجگۈن قونىقى دان تۇتۇشقا باشلىدى، كەنت ئاھالىسى ليۇ يامىڭ ئېغىرلىقىدىن ئېگىلىپ كەتكەن، ئالتۇندەك يالتىراپ تۇرغان قوناق باشاقلىرىغا قاراپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىلقى ھوسۇلغا گەپ كەتمەيدۇ».

خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ليۇ يامىڭ 2013 - يىلىدىن باشلاپ «جاڭزاگۇ» چۈجگۈن قونىقى تېرىغان بولۇپ، تۇنجى يىلى 60 مو يەرگە تېرىپ، 60 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلدى، بۇ يىل تېرىلغۇ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ 2100 مودىن ئاشۇردى.

2011 - يىلىنىڭ بېشىدا، جاڭجياكوۋ شەھىرىدىن 1 - تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بەرگىلى كەلگەن كادىرلار خوشۇت ناھىيەسىگە كېلىپ، شۇ جايدىكى تۇپراقنىڭ قۇملىشىشىنىڭ ئېغىر، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرغاق، سۇ كەمچىل، يېزا ئىگىلىك تېرىلغۇ كىرىمىنىڭ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى بايقىدى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، ئەڭ ئاخىردا جاڭجياكوۋ شەھەرلىك يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىلمىي ئۇسۇلدا تاللاپ يېتىشتۈرگەن قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرالايدىغان، سۇ تېجەيدىغان، ھوسۇلى يۇقىرى، ناچار شارائىتقا تاقابىل تۇرۇشچانلىقى كۈچلۈك بولغان «جاڭزاگۇ» چۈجگۈن قونىقىنى بۇ جايدا كېڭەيتىپ تېرىشنى بېكىتتى.

2012 - يىلى، خوشۇت ناھىيەسى شىمالدىكى تاغلىق رايوندا 50 مو يەرگە «جاڭزاگۇ» چۈجگۈن قونىقىنى سىناق قىلىپ تېرىدى، شۇ يىلى مو بېشى ھوسۇلى 200 كىلوگىرام بولۇپ، دەسلەپكى قەدەمدە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى.

تېرىقچىلىق تەجرىبىسى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، خوشۇت ناھىيەسىدە بىر مو بۇغداينى تېمىتىپ سۇغىرىشقا 500 كۇب مېتىر سۇ كېتىدىكەن، ھالبۇكى، «جاڭزاگۇ» چۈجگۈن قونىقىنىڭ ھوسۇلىنى تەبىئىي ھۆل - يېغىنغا تايىنىپلا ئاشۇرغىلى بولىدىكەن. قاقاسلىققا تېرىلغان «جاڭزاگۇ» چۈجگۈن قونىقىنىڭ مو بېشى ھوسۇلى 200 كىلوگىرام ئىكەن، ئەگەر ھەر مو يەر 100 كۇب مېتىر سۇ بىلەن سۇغىرىلسا، مو بېشى ھوسۇلىنى 400 كىلوگىرامدىن ئاشۇرغىلى بولىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «جاڭزاگۇ» چۈجگۈن قونىقىنىڭ شاخ - شۇمبىلىرىنى يەم - خەشەك قىلىپ قوي - كالا قاتارلىق ئۆي ھايۋانلىرىنى باققىلى بولىدىكەن.

خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پەن - تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى لى يەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ چارۋىچىلىق چوڭ رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پايدىلىنىشقا بولىدىغان ئوتلاق كۆلىمى چەكلىك بولۇپ، ئەلا سۈپەتلىك يەم - خەشەك تەمىناتى يېتەرلىك بولمىغاچقا، «جاڭزاگۇ» چۈجگۈن قونىقىنى تېرىش ھەم شاخ - شۇمبىلىرىنى يەم - خەشەككە ئايلاندۇرۇشنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، قوش ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، يېشىل ئايلانما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

ھەرقايسى تەرەپلەر كۈچنى مۇجەسسەملەپ كەسىپ شەكىللەندۈردى

2013 - يىلى، خوشۇت ناھىيەسىنىڭ چۇقۇ بازىرىدىكى دېھقان چېن شۆلياڭ خوشۇت شېڭخې «جاڭزاگۇ» چۈجگۈن قونىقى تېرىقچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى، تېرىقچىلىق كۆلىمى 500 مو بولۇپ، چۆللۈكتىكى ئۈنۈمسىز تۇپراقتا ھەر مو يەردىن ئوتتۇرىچە 360 كىلوگىرام ھوسۇل ئېلىپ، سېتىش سوممىسى 990 مىڭ يۈەنگە يەتتى، بۇ نەتىجە ئەتراپتىكى نۇرغۇن دېھقان - چارۋىچىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئەزا بولۇشقا جەلپ قىلدى.

32 ياشلىق ما خاجې چۇقۇ بازىرى كوناشەھەر كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى. ئۇ يېرىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئوبوروت قىلىپ بېرىپ، بىر يىلدا 5000 يۈەن كىرىم قىلدى، ئۇ «جاڭزاگۇ» چۈجگۈن قونىقى پىشىشقلاش زاۋۇتىدا ئىشلىدى، ھەر ئايلىق مائاشى 3000 يۈەن بولدى. «ئېرىمنىڭ سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلىپ تاپقان پۇلىنى قوشقاندا، ئائىلىمىزنىڭ بىر يىللىق كىرىمى 70 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ».

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خوشۇت ناھىيەسى «جاڭزاگۇ» چۈجگۈن قونىقى تېرىش ئۈچۈن جەمئىي 4000 مودىن ئارتۇق يەرنى ئوبوروت قىلىپ، 200دىن ئارتۇق دېھقان ئائىلىسىگە نەپ يەتكۈزدى، يەردىن ئازاد قىلىنغان دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى ياكى زاۋۇتتا ئىشلىدى، ھەربىر ئائىلىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 2000 يۈەندىن ئارتۇق كۆپەيدى.

«بىز <باشلامچى كارخانا تۈرتكە بولۇش + بازا ئۈلگە كۆرسىتىش + دېھقان ئائىلىلىرىگە تەسىر كۆرسىتىش>تىن ئىبارەت تەرەققىيات پىكىر يولى بويىچە ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، <كارخانا + بازا + دېھقان ئائىلىسى + بازار>دىن ئىبارەت كەسىپ تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردۇق» دېدى چېن شۆلياڭ.

كۆپ تەرەپنىڭ كۈچى «جاڭزاگۇ» چۈجگۈن قونىقىغا مۇجەسسەملەندى: ھەمكارلىق كوپىراتىپى يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 5000 توننىلىق پىششىقلاش زاۋۇتى قۇرۇپ، چۈجگۈن قوناقنى پىششىقلاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى؛ «جاڭزاگۇ» چۈجگۈن قونىقىنىڭ يېڭى سورتىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق، مەھسۇلاتنىڭ تەمى ۋە رەڭگى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى؛ بىرتۇتاش مەبلەغ غەملەپ باغلاش ماشىنىسى سېتىۋالدى، بۇنىڭ بىلەن ھەر مو يەردىن قىلىنغان ئۇنىۋېرسال كىرىم 60 يۈەن ئېشىپ، ئايلانما يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى...

ياخشى سېتىش يوللىرى كەڭ دائىرىدە تېرىشقا تۈرتكە بولدى

قانداق قىلغاندا «جاڭزاگۇ» چۈجگۈن قونىقىنىڭ غايەت زور يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قوزغاتقىلى بولىدۇ؟ جاڭجياكو شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش شۆبە قوماندانلىق ئىشتابى بىلەن خوشۇت ناھىيەسى «جاڭزاگۇ» چۈجگۈن قونىقىنىڭ قوشۇلما قىممىتى، بازار ئۈنۈمى ۋە نامراتلارنى يۆلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىقلارنى كۆزلەپ، «جاڭزاگۇ» چۈجگۈن قونىقىنىڭ ئىككىلەمچى كەسىپ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

2017 - يىلى، خوشۇت ناھىيەسى «جاڭ شو» تاۋار ماركىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلتىماس قىلىپ رويخەتكە ئالدۇردى، 2019 - يىلى يېشىل يېمەكلىك ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشتى، نۆۋەتتە «تىيانشان سۆكى» ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جاي جۇغراپىيەلىك بەلگىسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يېشىل ئېتىراپنامە بەلگىسىنى ئىلتىماس قىلماقتا.

«سېتىش مىقدارىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، <جاڭزاگۇ> چۈجگۈن قونىقىنى تور سىرتىدا ساتقاندىن باشقا، يەنە بىر قىسىم تور دۇكانلىرى بىلەن ھەمكارلاشتۇق، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ سېتىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، نۆۋەتتە كۆپ خىل ئورالما مەھسۇلاتلارنى ئاچتۇق» دېدى خوشۇت ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى چېن پېيچى.

بۈگۈنكى كۈندە، ھاۋاسىزلاندۇرۇپ ئورالغان «جاڭزاگۇ» چۈجگۈن قونىقى چىڭخۇاڭداۋ، شېنجېن قاتارلىق جايلاردىكى تاللا بازارلىرىغا كىردى، يەنە جىڭدۇڭ قاتارلىق داڭلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرى بىلەن تەمىنلەش - سېتىش توختامى ئىمزالاپ، ئىچكىرى رايونلارغا سېتىش يېشىل يولىنى ئاچتى.

«نۇر ئىسسىقلىق بايلىقىنىڭ پايدىسىدا، خوشۇتتا تېرىلغان <جاڭزاگۇ> سۆكىنىڭ ياغ تەركىبى يۇقىرى، سېلېن مىقدارى مول بولۇپ، ئوزۇقلۇقى مول، مەززىلىك، يېپىشقاق بولغاچقا، ئىچكىرى رايونلاردىكى ئىستېمالچىلارنىڭ كەڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.» چېن پېيچى مۇنداق دېدى: «سېتىش مىقدارىنىڭ ياخشى بولۇشى تېرىلغۇ كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولدى. نۆۋەتتە، خوشۇت ناھىيەسى 20 مىڭ مودىن ئارتۇق يەرگە <جاڭزاگۇ> چۈجگۈن قونىقى تېرىغان بولۇپ، مو بېشى ھوسۇلى 500 كىلوگىرام، ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 44 مىليون يۈەن بولدى، 500دىن ئارتۇق دېھقان ئائىلىسى نەپكە ئېرىشتى».

داۋاملاشتۇرۇپ ئوقۇش

چۈجگۈن قوناق قەدىمدە «جى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، «بەش دانلىق زىرائەتنىڭ بىرىنچىسى» دەپ تەرىپلەنگەن. «جاڭزاگۇ» چۈجگۈن قونىقى جاڭجياكوۋ شەھەرلىك يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى پەن - تېخنىكا خادىملىرى يېتىشتۈرگەن قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرالايدىغان، سۇ تېجەيدىغان، كېسەللىككە، يېتىپ كېتىشكە تاقابىل تۇرالايدىغان، ناچار شارائىتقا تاقابىل تۇرالايدىغان، ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك بولغان بىر يۈرۈش شالغۇت چۈجگۈن قوناق يېڭى سورتى بولۇپ، ھوسۇلى يۇقىرى، قۇرغاقچىلىققا چىداملىق، ئەلا سۈپەتلىك، ناچار شارائىتقا تاقابىل تۇرۇشچانلىقى كۈچلۈك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. بۈگۈنكى كۈندە، «جاڭزاگۇ» چۈجگۈن قونىقى خوشۇتتا ماكانلىشىپ يىلتىز تارتتى ھەم ئەتراپتىكى بۈگۈر، خېجىڭ قاتارلىق ناھىيەلەرنىڭ 5000 مودىن ئارتۇق يەرگە تېرىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كۆرۈنەرلىك ئىقتىساد، جەمئىيەت ۋە ئېكولوگىيە ئۈنۈمى ھاسىل قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • دولانا پىشتى
  • شىنجاڭ كورلا: كىشىنى مەستخۇش قىلىدىغان كۈز مەنزىرىسى
  • ئالتۇن كۈزدىكى پاختا يىغىش ئالدىراشلىقى