تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىش ئارقىلىق جەمئىيەت تەرەققىياتى يېڭى ۋەزىيىتىنى كېڭەيتەيلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

بىر زامانىۋىلاشقان جەمئىيەت ھەم ھاياتىي كۈچكە تولغان بولۇشى، ھەم ياخشى تەرتىپكە ئىگە بولۇشى، ھاياتىي كۈچ بىلەن تەرتىپنىڭ ئورگانىك بىرلىكىنى نامايان قىلىشى كېرەك. ئىقتىساد، جەمئىيەت ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت جەمئىيەت ئىدارە قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىش بىلەن جەمئىيەت تەڭشەش، ئاھالىلەر ئۆزى ئىدارە قىلىشنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەممە ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى بولىدىغان، ھەممە ئادەم مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىدىغان، ھەممە ئادەم بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىلگەن 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدىغان ئىقتىساد تېز سۈرئەتتە راۋاجلىنىش مۆجىزىسى ۋە جەمئىيەت ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇش مۆجىزىسىنى ياراتتى، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، دۆلىتىمىز دۇنيا ئېتىراپ قىلغان ئەڭ كۈچلۈك بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. لېكىن پاكىت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، تەرەققىي قىلغاندىن كېيىنكى مەسىلە تەرەققىي قىلمىغان ۋاقىتتىكىدىن ئاز بولمايدۇ. دۆلىتىمىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى، جەمئىيەتتىكى ئاساسلىق زىددىيەتتە تارىخىي ئۆزگىرىش بولدى، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجى كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ، لېكىن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى يەنىلا گەۋدىلىك، شەھەر، يېزا رايون تەرەققىياتى ۋە كىرىم تەقسىماتىدىكى پەرق بىر قەدەر چوڭ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشتە كەمتۈكلۈكلەر مەۋجۇت، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشتا يەنە ئاجىز تۈرلەر بار. بولۇپمۇ، ئالاقە تورى كىشىلەرنىڭ ئالاقە شەكلىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتىۋاتىدۇ، جەمئىيەت قارىشى، جەمئىيەت پىسخىكىسى، جەمئىيەت ھەرىكىتىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە جەمئىيەت قۇرۇلمىسى، جەمئىيەت مۇناسىۋىتى، جەمئىيەت ھەرىكىتى شەكلى، جەمئىيەت پىسخىكىسى قاتارلىقلاردىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىشكە قانداق ئۇيغۇنلىشىپ، تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، تولۇق قاپلىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئاممىۋى سەھىيە ۋە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، نوپۇسنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش، جەمئىيەتتىكى زىددىيەتلەرنى پەسەيتىش - ھەل قىلىش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ ھەممىسى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىشقا ھەم خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىشقا موھتاج.

جەمئىيەت تەرەققىياتى يېڭى ۋەزىيىتىنى كېڭەيتىشتە، جەزمەن خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش تەرەققىياتنىڭ تۈپ مەقسىتى، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا بالىلار بېقىلىدىغان بولۇش، ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ئىشلىگەنلەر ھەق ئالالايدىغان بولۇش، ئاغرىقلار داۋالىنالايدىغان بولۇش، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ئۆيسىزلەرنىڭ تۇرىدىغان جايى بولۇش، ئاجىزلارنىڭ يار - يۆلىكى بولۇشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈپ، جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى قوغداشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جەمئىيەت ئىدارە قىلىش مىليونلىغان خەلقنىڭ ئورتاق ئىشى، جەزمەن خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى مىليونلىغان خەلق قاتنىشىدىغان جانلىق ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە خەلق ئاممىسىنى جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنىڭ ئەڭ كەڭ قاتناشقۇچىسى، ئەڭ زور نەپكە ئېرىشكۈچىسى، ئەڭ ئاخىرقى باھالىغۇچىسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. جەمئىيەت ئىدارە قىلىش، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئامما نېمىنى ئويلىسا شۇنى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەم قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەپ، ھەم مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ھەربىر جەمئىيەت ھۈجەيرىسىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، جانلاندۇرۇپ، زىددىيەت، ماجىرالارنى ئاساسىي قاتلامدا پەسەيتىپ - ھەل قىلىپ، ئىناقلىق، مۇقىملىقنى ئاساسىي قاتلامدا بەرپا قىلىپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش، تېخىمۇ كاپالەتلەندۈرۈش، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «جەمئىيەت ئىدارە قىلىش بىر پەن، باشقۇرۇش بەك قاتمال بولۇپ، كۆلدىكى ئۆلۈك سۇدەك بولۇپ قالسا بولمايدۇ؛ باشقۇرۇش بەك بوش بولۇپ، ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتسىمۇ بولمايدۇ.» دىيالېكتىكىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ھاياتىي كۈچ بىلەن تەرتىپنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت جەمئىيەت ئىدارە قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدىغان، دېموكراتىك كېڭىشىدىغان، جەمئىيەت ماسلىشىدىغان، ئامما قاتنىشىدىغان، قانۇنچىللىق كاپالەتلەندۈرىدىغان، پەن - تېخنىكا تىرەك بولىدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەممە ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى بولىدىغان، ھەممە ئادەم مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىدىغان، ھەممە ئادەم بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇپ، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشىغا، جەمئىيەتنىڭ تىنچ، تەرتىپلىك بولۇشىغا، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى