تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشنى ياخشى قىلىش، توپلاشماسلىق كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جىڭ بو خەۋەر قىلىدۇ: ئۈرۈمچىدىكى قىسمەن رايون، ناھىيەلەرنىڭ يۇقۇم خەۋپ - خەتەر دەرىجىسى يۇقىرى، ئوتتۇرا ھال خەۋپ - خەتەردىن تۆۋەن خەۋپ - خەتەرگە تەڭشىلىشىگە ئەگىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپلىك ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇدىر ۋىراچ لى فەن مۇنداق تەكلىپ بەردى: كارخانا، سودا ساراي ۋە تاللا بازارلىرى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەيدان - سورۇنلاردا دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش ۋە تازىلىقنى پاكىز ياخشى قىلىشى، شەخسلەر توپلاشماسلىقى، مۇداپىئەلىنىشنى ياخشى قىلىشى كېرەك.

8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، لى فەن زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق تونۇشتۇردى: كارخانىلار ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندە، خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېپىق ھالقىلىق باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشى كېرەك. ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن بۇرۇن خادىملارنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈپ، خادىملارنىڭ ساغلاملىق ئارخىپىنى تۇرغۇزۇپ، ساغلاملىقنى بىرتۇتاش ئىلغاپ تەكشۈرۈش، ئىش ئورنىنى بىرتۇتاش باشقۇرۇش، غىزالىنىشقا بىرتۇتاش تەشكىللەش، ئىشقا بارىدىغان، ئىشتىن چۈشكەنلەرنى بىرتۇتاش ئاپىرىپ ئەكېلىش كېرەك. ھەر كۈنى خادىملارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ، خاتىرە قالدۇرۇش كېرەك. خىزمەت مەيدان - سورۇنلىرىنى پاكىزلاپ، دېزىنفېكسىيەلەپ، ھاۋا ئالماشتۇرۇپ، خادىملارنىڭ توپلىشىشىنى ئازايتىش كېرەك. تەشۋىق - تەربىيەنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شەخسىي مۇداپىئەلىنىشنى كۈچەيتىپ، خادىملارنى ياخشى تازىلىق ئادىتىنى ساقلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

سودا ساراي ۋە تاللا بازارلىرى تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاقىدار خادىملارنىڭ خىزمەت ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خادىملارنىڭ ئۇچۇرىنى توپلاش، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش، سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئىگىلەش قاتارلىقلارنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سودا سارايلاردا خادىملارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەشنى يولغا قويۇپ، ئاممىۋى رايون ھەم ئالاقىدار ئەسلىھەلەرنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش ۋە دېزىنفېكسىيەلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كىشىلەر توپىنىڭ گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك. خېرىدارلارنى تەرتىپلىك مال سېتىۋېلىشقا، ئارىلىق ساقلاشقا، توپلاشماسلىققا، تۇرماسلىققا يېتەكلەپ، يۇقىرى پەللە مەزگىلىدىكى خېرىدار ئېقىمىنى كونترول قىلىشى كېرەك.

سودا ساراي، تاللا بازارلىرى مال مەنبەسىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، بولۇپمۇ توڭلىتىلغان مەھسۇلاتلارنى جەزمەن نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خادىملار ئىش ئورنىغا چىققاندا جەزمەن ماسكا تاقىشى، خام، يېڭى توڭلىتىلغان مەھسۇلاتلار بىلەن ئۇچرىشىدىغان خادىملار پەلەي كىيىشى كېرەك.

شەخسلەر ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە قارىتا لى فەن مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئۆينىڭ ھاۋاسىنى دائىم ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، تازىلىق پاكىزلىقىنى ساقلاش ۋە دېزىنفېكسىيەلەش، ماسكا تاقاش، قولنى پات - پات يۇيۇپ تۇرۇش، توپلاشماسلىق، كىشىلەر زىچ توپلاشقان جايغا بارماسلىق كېرەك. كۈز، قىش پەسلى نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىل، بالىلار، ياشانغانلار، تېنى ئاجىزلار ۋە ئاساس خاراكتېرلىك كېسىلى بارلار ھاۋانىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن كىيىم - كېچەكلىرىنى ۋاقتىدا كۆپەيتىشى، ئازايتىشى، سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىشى، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىشى، دەم ئېلىشقا دىققەت قىلىشى كېرەك. تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئەملىتىپ، تارقىلىشچان زۇكام قاتارلىق نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئالدىن تەۋسىيە قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى