تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئارقىلىق خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە رىقابەت يېڭى ئەۋزەللىكىنى بەرپا قىلايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ئېچىۋېتىش دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىنىڭ مۇقەررەر يولى. ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر. يېقىندا ئېچىلغان ئىقتىساد، جەمئىيەت ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلقئارا ئىقتىسادنىڭ تۇتاشتۇرۇلۇشى ۋە ئالاقىسىنىڭ يەنىلا دۇنيا ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر كۆرسىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئارقىلىق خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە رىقابەت يېڭى ئەۋزەللىكىنى بەرپا قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئېچىۋېتىش ئىلگىرىلەش ئېلىپ كېلىدۇ، بېكىنمىچىلىك مۇقەررەر ئارقىدا قالدۇرىدۇ. دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ سىجىل تېز تەرەققىي قىلىشىدىكى بىر مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ دەل سىرتقا ئېچىۋېتىش. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، دەل سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت دەرۋازىسىنى ئېچىۋېتىپ قۇرۇلۇش قىلغاچقا، بىز بېكىنمە، يېرىم بېكىنمە ھالەتتىن ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىشكە ئۆتۈشتەك ئۇلۇغ تارىخىي بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنيادىكى 2 - چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە، ياسىمىچىلىقتىكى 1 - چوڭ دۆلەتكە، مال سودىسىدىكى 1 - چوڭ دۆلەتكە، تاۋار ئىستېمالىدىكى 2 - چوڭ دۆلەتكە، چەت ئەل مەبلىغى ئېقىپ كىرىدىغان 2 - چوڭ دۆلەتكە، تاشقى پېرېۋوت زاپىسىدىكى 1 - چوڭ دۆلەتكە ئايلاندۇق. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم «جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى تاقىلىپ قالمايدۇ، پەقەت بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلىدۇ» دەپ تەكىتلىدى. ئۆتكەن 40 نەچچە يىلدا جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئېچىۋېتىش شارائىتىدا قولغا كەلتۈرۈلدى، كەلگۈسىدە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىمۇ جەزمەن تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن شارائىتتا ئېلىپ بېرىلىدۇ. جۇڭگو يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەرەققىي قىلىپ زورىيىش ئۈچۈن، جەزمەن ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىش ئېقىمىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇيغۇنلىشىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇشى كېرەك.

ھازىر، خەلقئارا جەمئىيەت ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىش ئىستىقبالىدىن كۆپ ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشى تەتۈر ئېقىم، تەتۈر شامالغا دۇچ كەلدى، ئىقتىساد - سودا سۈركىلىشى كۈچەيدى، بەزى دۆلەتلەردە قورۇقچىلىق ۋە يەككە تەرەپچىللىك ئەۋج ئالدى. ئەمما يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتى يۈكسەك دەرىجىدە يۇغۇرۇلغان بولۇپ، ئىنسانلار مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشى يەنىلا تارىخىي ئېقىم، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىش تەقسىملەپ ھەمكارلىشىشى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشى ئۇزاق مۇددەتلىك يۈزلىنىش. بىز تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىش تەتۈر ئېقىمىغا قانچە يۈزلەنگەنسېرى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش بايرىقىنى شۇنچە ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداپ ۋە يېتەكلەپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

بۈگۈنكى كۈندە، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى شارائىتى ۋە تاشقى مۇھىتىدا چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ. ئىچكى جەھەتتىن قارىغاندا، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتتە تارىخىي ئۆزگىرىش بولدى، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى يەنىلا گەۋدىلىك بولۇپ، قۇرۇلما خاراكتېرلىك، تۈزۈلمە خاراكتېرلىك، دەۋرىي خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنىڭ ئۆزئارا گىرەلىشىشى ئېلىپ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. تاشقى جەھەتتىن قارىغاندا، دۇنيا داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە كىردى، خەلقئارا مۇھىت كۈنسېرى مۇرەككەپلەشتى، مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. قانچىكى كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەنسېرى، شۇنچىكى ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، پۇرسەت ئېڭى ۋە خەۋپ - خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، شامالغا قارشى كېمە ھەيدەشكە جۈرئەت قىلىپ، كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئارقىلىق خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە رىقابەت يېڭى ئەۋزەللىكىنى بەرپا قىلىش كېرەك. سىرتقا ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي كېڭەيتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىپ، خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە رىقابەت يېڭى ئەۋزەللىكى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. كۆپ تەرەپچىللىك ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنى دېموكراتىيەلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يەرشارىۋى ئىقتىساد ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىغا پائال قاتنىشىپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان خەلقئارا ئىقتىساد ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشتا ئىككى نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك: بىرىنچى، ئومۇمەن بىز بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدىغان دۆلەت، رايون ۋە كارخانىلار، جۈملىدىن ئامېرىكىدىكى ئىشتات، جاي ۋە كارخانىلار بولسۇن، بىز پائال ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ مەنبەلىك ئوچۇق ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك. ئىككىنچى، قانچىكى ئېچىۋېتىلگەنسېرى بىخەتەرلىككە شۇنچىكى ئەھمىيەت بېرىپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى شۇنچىكى ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئۆزىمىزنىڭ رىقابەت ئىقتىدارى، ئېچىۋېتىشنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىقتىدارى، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، ئالماستەك يىمىرىلمەس تەننى تاۋلاپ چىقىشىمىز كېرەك. بۇ بىزدىن ھەم ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش، ئورتاق پايدا ئېلىش كۆڭۈل - كۆكسىمىز بىلەن تەرەققىياتنى پىلانلاپ، دۆلەت ئىچى بازىرى بىلەن خەلقئارا بازارنى تېخىمۇ ياخشى تۇتاشتۇرۇپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى، ھەم بىخەتەر تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىخەتەر تەرەققىيات تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئالاقىدار كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلىدۇ.

تارماق ئېقىنلارنى توسۇپ قويمىغاندىلا، دەريا - دېڭىز ھاسىل بولىدۇ. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنيادىن ئايرىلالمايدۇ، دۇنيانىڭ گۈللىنىشىمۇ جۇڭگوغا موھتاج. دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى چوڭ ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، ئىككى چوڭ ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىگە ئەمەل قىلىپ، تېخىمۇ ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك ھەرىكەت ئارقىلىق يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئوچۇق ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرغاندا، بىز چوقۇم سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى تەشەببۇسكارلىق ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلقئارا رىقابەتتىكى تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، تەرەققىيات يېڭى ئەۋزەللىكىنى بەرپا قىلىپ، تەرەققىيات يېڭى مەنزىلىنى ئاچالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى