تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى شىنجاڭدىن چىقىدىغان كۆپلىگەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى يېڭىدىن ئاچىدۇ، ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى شىنجاڭدىن چىقىدىغان قىسمەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. 9 - ئايدىن باشلاپ، يەنە شىنجاڭدىن چىقىدىغان كۆپلىگەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى يېڭىدىن ئاچىدۇ، ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ ئىچىدىكى ھەرقايسى ئايرودۇرۇملارمۇ ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن شىنجاڭدىن ئايرىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار مەخسۇس ئورنى تەسىس قىلىپ، مەكتەپكە قايتىش ئالاھىدە تېز مۇلازىمەت يېشىل يولى ئېچىپ، ئوقۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن مەكتەپلەرگە قايتىدىغان يولۇچىلارنىڭ ئوڭۇشلۇق سەپەرگە چىقىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، 168 يولۇچى ئولتۇرغان بىر نۆۋەتچى ئايروپىلان ئالتايدىن شىئەنگە قاراپ ئۇچتى، بۇ، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىركىتى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان 14 - قېتىملىق شىنجاڭ ئوقۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە ھۆددىگە ئالغان ئايروپىلان. 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنىگىچە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى جەمئىي 2000دىن ئارتۇق شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپكە قايتىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. نۆۋەتتە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئۈرۈمچى − بېيجىڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلانلار بېيجىڭ داشىڭ ئايرودۇرۇمىغا قونىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈرۈمچى − كۆكخوت − چىڭداۋ قاتارلىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.

ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى لەنجوۋ، خەيكوۋ، جېڭجوۋ قاتارلىق جايلارغا ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈردى، 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يەنە ئۈرۈمچىدىن گۇاڭجوۋ، خاڭجوۋ، چاڭشا، شيامېن، تيەنجىن قاتارلىق جايلارغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى كەينى - كەينىدىن ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن دەسلەپكى مەزگىلدە كۈنىگە بىر نۆۋەت قاتنايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈرۈمچى − لەنجوۋ − گۇاڭجوۋ بېرىش - كېلىش لىنىيەسىنى يېڭىدىن ئاچىدۇ، ھەر كۈنى بىر نۆۋەت قاتنايدۇ، بېرىش - كېلىشتە 360تىن ئارتۇق ئورۇن بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ.

شيامېن ئاۋىياتسىيەسى 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدىن تيەنجىن، شيامېن، چاڭشا، خاڭجوۋدىن ئىبارەت تۆت جايغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئۈرۈمچى − يىنچۇەن − فۇجوۋ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ئۈرۈمچىدىن جىنەن، چۈەنجوۋ، جېڭجوۋ، فۇجوۋغا ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى