تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ئىسلاھات جەمئىيەت ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. يېقىندا ئېچىلغان ئىقتىساد، جەمئىيەت ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىشنى تەكىتلەپ مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويۇشىغا ئەگىشىپ، ئىسلاھاتمۇ يېڭى ۋەزىپىگە دۇچ كەلدى، جەزمەن تېخىمۇ زور جاسارەت، تېخىمۇ كۆپ تەدبىر ئارقىلىق، چوڭقۇر قاتلاملىق تۈزۈلمە - مېخانىزم توسالغۇلىرىنى تۈگىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن ئىسلاھات دۆلىتىمىزدە 40 نەچچە يىل ئالغا سىلجىتىلىپ، دۇنيا ئېتىراپ قىلىدىغان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، دەل ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات، ئىلگىرىلىشىنىڭ ھاياتىي كۈچ مەنبەسى چىڭ تۇتۇلۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىدىيەدە ئازاد بولۇنۇپ، جەمئىيەت ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئازاد قىلىنىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇلۇپ، جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچى ئازاد قىلىنىپ ۋە ئاشۇرۇلۇپ، جۇڭگو خەلقى بېيىش، قۇدرەت تېپىش مۇساپىسىدە ھەل قىلغۇچ قەدەم تاشلىدى. بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مىسلىسىز سالماق بىلەن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، تۈزۈمدە مۇھىم، زور يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، نۇرغۇن قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، نۇرغۇن جىددىي ئېقىن، خەتەرلىك ساھىللاردىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ نامايان قىلدى.

جەمئىيەت ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلەيدۇ، جەمئىيەت مۇناسىۋىتى ۋە جەمئىيەت پائالىيىتىنى تەڭشەيدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزممۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشكەندىلا، ئاندىن جەمئىيەت ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش تەلىپىگە ئۈزلۈكسىز ئۇيغۇنلىشالايدۇ. ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، تەرەققىيات مۇھىتى قانچىكى كەسكىن، مۇرەككەپ بولغانسېرى، شۇنچىكى ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى جەھەتتىكى تۈزۈملەرنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشى بىلەن ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئايلىنىشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارنىڭ زەربىسىگە تاقابىل تۇرۇشقا ماھىر بولۇش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويغاندا، تېخىمۇ كۆپ تەتۈر شامال، تەتۈر ئېقىملىق تاشقى مۇھىت ئالدىدا، بىر قاتار يېڭى خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى قانداق قىلغاندا ياخشى قىلغىلى بولىدۇ؟ تەرەققىياتتا يەنىلا گەۋدىلىك بولۇۋاتقان تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى ئالدىدا، خەلقنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان تەلىپىنى قانداق قىلغاندا قاندۇرغىلى بولىدۇ؟ «تەرەققىيات تېما چىقىرىدۇ، ئىسلاھات كۈچ سەرپ قىلىدۇ.» تەرەققىياتنىڭ ئىچكى شارائىتى ۋە تاشقى مۇھىتىدا چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، تەرەققىيات يېڭى ئەۋزەللىكى يارىتىش، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئېچىش ئۈچۈن، جەزمەن ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىش كېرەك. پەقەت ئىسلاھاتنىڭ بۆسۈش ۋە يول باشلاش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھاتقا تايىنىپ ئۆزگىرىشكە يۈزلىنىپ، يېڭى ۋەزىيەت ئېچىپ، ئىسلاھاتقا تايىنىپ تەرەققىياتتىكى بوغما ھالەتنى تۈگىتىپ، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى مۇجەسسەملەپ، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى چوڭ ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىغا تۈرتكە بولغاندىلا، «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى غەلىبىلىك تاماملاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلغىلى بولىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە، دۆلىتىمىزنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكى كۆرۈنەرلىك، ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارى ئاشقان، ئىقتىساد ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن، ماددىي ئاساسى پۇختا، ئادەم كۈچى بايلىقى مول، بازار بوشلۇقى كەڭ، تەرەققىيات ئېلاستىكلىقى كۈچلۈك، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى مۇقىم بولۇپ، داۋاملىق تەرەققىي قىلىشتا كۆپ تەرەپتىكى ئەۋزەللىك ۋە شارائىتقا ئىگە، بۇ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش ئىشەنچى ۋە غەيرىتىنىڭ بولغانلىقىدا. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىسلاھات قانچىكى چوڭقۇرلاشقانسېرى شۇنچىكى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، قەدەمنى تېز ھەم پۇختا ئېلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي تۇراقلىشىپ قالغان مەنپەئەت توسۇقىنى تۈگىتىش، تەرەققىياتقا توسالغۇ بولۇۋاتقان تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىللەتلىرىنى تۈگىتىش كېرەك، بىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يولى ئۈستىدە دادىل ئىزدىنىپ، تۈزۈملەرنى تېخىمۇ پىشىپ يېتىلدۈرۈپ، تۇراقلاشتۇرۇپ، تەرەققىياتنى تېخىمۇ سۈپەتلىك قىلىپ، ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ سەۋىيەلىك قىلىپ، خەلقنى تېخىمۇ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىشىمىز كېرەك. سوتسىيالىستىك تۈپ ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازارنى بايلىق تەقسىملەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇزاققىچە مۇقىم بولغان، مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان تۈزۈم مۇھىتى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. مۈلۈك ھوقۇقى ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك بازار سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئادىل رىقابەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىپ، جەمئىيەت ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بارلىق كۈچ مەنبەسىنى تولۇق قوزغىتىشىمىز كېرەك.

40 نەچچە يىللىق تارىخ شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى بىر قېتىملىق ئۇلۇغ ئىنقىلاب، دەل بۇ ئۇلۇغ ئىنقىلاب جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئۇلۇغ ھالقىشىغا تۈرتكە بولدى. يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويۇپ، يېڭى پۇرسەت، يېڭى خىرىس ئالدىدا، داۋاملىق تاغقا يولۇققاندا يول ئاچىدىغان، سۇغا يولۇققاندا كۆۋرۈك سالىدىغان روھ بىلەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى قوزغاتساقلا، بىز چوقۇم يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى مۇساپىدە يېڭى تېخىمۇ زور مۆجىزىلەرنى يارىتالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى