تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى بارلىققا كەلتۈرەيلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

يېڭىلىق يارىتىش ئىشلەپچىقىرىش كۈچى، كارخانا ئۇنىڭغا تايىنىپ قۇدرەت تاپىدۇ، دۆلەت ئۇنىڭغا تايىنىپ گۈللىنىدۇ. ئىقتىساد، جەمئىيەت ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشقا تايىنىدىغان ماھىيەتلىك ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا تېزدىن بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك، دەپ تەلەپ قىلدى، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور مەسىلە، شۇنداقلا دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلىشنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى، دەپ تەكىتلىدى.

يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، يېڭىلىق يارىتىشنى تۇتقاندا، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرىدىغان «مۇھىم تۇتقا»نى تۇتقىلى بولىدۇ. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىدە يادرولۇق ئورۇنغا قويۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا ئىشلىرىدا تارىخىي ئۆزگىرىش بولۇش، تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ياراتتى. بۈگۈنكى كۈندە، دۆلىتىمىز مۇھىم تەسىر كۈچكە ئىگە پەن - تېخنىكا چوڭ دۆلىتىگە ئايلاندى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش رولى كۈنسېرى كۈچەيدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنە مۇھىم، زور پەن - تېخنىكىدىكى بوغما ھالەتكە دۇچ كەلدى، ئاچقۇچلۇق ساھەلەردىكى يادرولۇق تېخنىكىلاردا باشقىلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراش ھالىتىدە تۈپتىن ئۆزگىرىش بولغىنى يوق. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش يولىدا مېڭىپ، پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشقا تېخىمۇ كۆپ تايىنىپ، پەن - تېخنىكىنىڭ بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

«14 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىز يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىدۇ، دۆلەت ئىچى - سىرتى مۇھىتىنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشى بىر قاتار يېڭى پۇرسەت، يېڭى خىرىسلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات باسقۇچى، مۇھىتى، شارائىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ئوتتۇرىغا قويدى. كىرىزىس بىلەن پۇرسەت تەڭ مەۋجۇت بولغان، كىرىزىس ئىچىدە پۇرسەت بولغان، كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرغىلى بولىدىغان يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدا، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈشتىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر نۇقتا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى بارلىققا كەلتۈرۈش. شۇنى كۆرۈش كېرەككى، ھازىر، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى تېزلىشىۋاتىدۇ، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى تېز ئۆستۈرۈشىنىڭ تەخىرسىزلىكىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلەتكەندىلا، ئاندىن ھەل قىلغۇچ قەدەمنى ياخشى تاشلاپ، تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىپ، رىقابەت ۋە تەرەققىياتتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئۆز قولىمىزدا چىڭ تۇتۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە رىقابەتتىكى يېڭى ئەۋزەللىكىنى قايتا بەرپا قىلغىلى بولىدۇ. يەنە شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلاپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، رەقەملىك ئىقتىساد، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق، ھاياتلىق ساغلاملىقى، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭى ئېشىش نۇقتىسى، ئېشىش قۇتۇپىنى شەكىللەندۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى ۋە زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرگەندىلا، ئاندىن دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشقا تېخىمۇ كۆپ تايىنىدىغان، ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ كۆپ جارى قىلدۇرىدىغان يېتەكلەش تىپىدىكى تەرەققىياتنى بەرپا قىلىپ، كەلگۈسى تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى ياراتقىلى بولىدۇ.

ھازىر، دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى مىقدار جۇغلانمىسىدىن سۈپەت ھالقىشىغا ئۆتىدىغان، نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشتىن سىستېما ئىقتىدارىنى يۈكسەلدۈرۈشكە ئۆتىدىغان مۇھىم مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلالايدىغان روشەن ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش؛ دۆلىتىمىزنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ بازار ۋە مۇكەممەل كەسىپ سىستېمىسىغا زىچ تايىنىپ، يېڭى تېخنىكىنى تېز سۈرئەتتە كەڭ كۆلەمدە قوللىنىش ۋە يېڭىلاش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق ئۆزگىچە ئەۋزەللىكنى يارىتىپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش؛ كارخانىلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق رولىنى كۈچەپ جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىلارنى يېڭىلىق يارىتىش مۇھىم ئامىللىرىنى توپلايدىغان، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرىدىغان جەڭگىۋار قوشۇنغا ئايلاندۇرۇپ، پەن - تېخنىكا، مائارىپ، كەسىپ، پۇل مۇئامىلە زىچ يۇغۇرۇلغان يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئۇل تەتقىقات يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مەنبەسى، بىز سېلىنمىنى زورايتىپ، ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرۇش ۋە دادىل ئىزدىنىشكە ئىلھام بېرىپ، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنىڭ ئاساسىنى پۇختىلىشىمىز كېرەك. ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا پەن - تېخنىكا ئالاقىسى، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئىختىساسلىقلار ۋە پەن تەتقىقات كوللېكتىپىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈپ ۋە كىرگۈزۈپ، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ئىسلاھات سالمىقىنى زورايتىپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى ئەڭ زور چەكتە قوزغاپ، پەن - تېخنىكىنىڭ ھاسىلات ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

جۇڭخۇا مىللىتى يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، يېڭىلىق يارىتىشقا ماھىر مىللەت. ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، ئۇلۇغ ئىشلارنىڭ ھەممىسى يېڭىلىق يارىتىشنى ئاساس قىلىدۇ، يېڭىلىق يارىتىشنى تۇتقانلىق تەرەققىياتنى تۇتقانلىق، يېڭىلىق يارىتىشنى كۆزلىگەنلىك كەلگۈسىنى كۆزلىگەنلىك. مەۋقەنى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا قويۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنىڭ ئەسلىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قويۇپ بېرىپ، يېڭىلىق يارىتىشنى تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇپ، تەرەققىيات يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، تەرەققىيات يېڭى پۇرسىتى يارىتىپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى موتورىنى بەرپا قىلساقلا، بىز چوقۇم جۇڭگو ناملىق پاراخوتنىڭ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىپ، تېخىمۇ پارلاق تەرەققىيات ئىستىقبالىنى كۈتۈۋېلىشىغا تۈرتكە بولالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى