شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا ئۇنىۋېرسال ئىچكى كېسەللىكلەر 2-بۆلۈمىنىڭ سېستراسى ياڭ لىپىڭ
ۋاقىت: 8-ئاينىڭ 26-كۈنى
ئورۇن: ئۈرۈمچى شەھىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانا 4-بىنا 5-قەۋەت ICU2 (ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش 2-ئۆيى) ئاغرىقلار رايونى
ياڭ لىپىڭنىڭ خىزمەت سۈرىتى (يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن مەزگىلدە تارتىلغان).
بەش سائەت ئالدىراش يۈرۈپ ئاغرىقلار رايونىدىن چىققاندا، ئېرىم ۋېيشىندا:«بۈگۈن ئەھۋال قانداقراق؟» دەپ سورىدى. مەن ئۇنىڭغا:«كۈندىن-كۈنگە ياخشى» دەپ جاۋاب بەردىم. بۇ ئاغرىقلارنىڭ ھالىتى، شۇنداقلا مېنىڭمۇ ھالىتىم ئىدى. تۇنجى قېتىم ICUغا قەدەم قويغان ۋاقتىمغا قارىغاندا، باشتىكى ئەندىشە، جىددىيلىك يوقاپ، ھازىر تەمكىن، سالماق بولۇپ قالغانىدىم. بۇ ئۇنتۇلغۇسىز كەچۈرمىش ماڭا شۇنى ھېس قىلدۇردىكى، خەتەردىن قورقۇش ئادەمنىڭ تەبىئىتى، لېكىن مېھىر-مۇھەببەت ۋە كۆڭۈل قويۇش ئۇنى يېڭەلەيدۇ.
بۈگۈن مېنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ ICU ئاغرىقلار رايونىدا كۈرەش قىلىۋاتقىنىمنىڭ 30-كۈنى.
30 كۈن ئىلگىرى، ماڭا نىسبەتەن بۇ قېتىمقى ICUدا ئاغرىقلارنى پەرۋىش قىلىش خىزمىتى ئىنتايىن چوڭ رىقابەت ئىدى.
مەن تۇرۇۋاتقان ئاغرىقلار رايونىدىكى قوبۇل قىلىنىپ داۋالىنىۋاتقان ئاغرىقلار «مۇھىمنىڭ مۇھىمى». بۇ يەردە، نۇرغۇن ئاغرىقلار دۈم يېتىپ ھاۋا ئالماشتۇرىدۇ، بەزى ئاغرىقلارنىڭ بەدىنىگە نۇرغۇن نەيچىلەر سانجىلغان بولۇپ، پەقەتلا مىدىرلىيالمايدۇ. بىر قىسىم ئاغرىقلارنىڭ دۈم يېتىشىغا ياردەم بېرىپ، نەيچە ئورنىنىڭ يۆتكىلىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك، بۇ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى مەشغۇلات بولۇپ، مەشغۇلات جەريانىدىكى سەۋەنلىك ياكى بىپەرۋالىقتىن يۇقۇملىنىش خەتىرى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.
ياڭ لىپىڭ مۇداپىئە كىيىمىنىڭ كەينىگە ئاۋتىمەن سىزىۋالغان بولۇپ، بۇ «ۋىرۇسنى مەغلۇپ قىلىش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى.
كىشىلەرنىڭ ۋەھىمىسى كۆپىنچە ناتونۇش ۋە نامەلۇم كىشىلەردىن كېلىدۇ. ئىلگىرى ICU كېسەلخانىسىدا ئېغىر كېسەل ئاغرىقلىرىنى پەرۋىش قىلىش خىزمىتىنى ئىشلەپ باقمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ناھايىتى كۈچلۈك يۇقۇمچانلىققا ئىگە بولغاچقا، جىددىيلىشىشتىن خالىي بولالمىغانىدىم.
سەككىز يىلغا يېقىن ئېغىر كېسەل ئاغرىقلىرىنى كۆزىتىش تەجرىسىگە ئىگە سېسترالار باشلىقى شيې شيۇخۇا بىر تەرەپتىن خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى تاپشۇرغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن ماڭا تەسەللى بېرىپ، ئۆزىڭىزگە بەك بېسىم قىلىۋالماڭ، ھەممە ئادەم ئىشنى بىرىنچى قەدەمدىن باشلىغان، مەسىلىگە يولۇققاندا، ۋاقتىدا مەسلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ، دېدى.
ياڭ لىپىڭ ICU كېسەلخانىسىدىكى ئېغىر كېسەل ئاغرىقىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالماقتا.
7-ئاينىڭ 28-كۈنى، مەن ICUغا رەسمىي قەدەم باستىم. مۇداپىئە كىيىمىنى كىيگەندىن كېيىن، ئاڭلاش ۋە كۆرۈش ئىقتىدارىم توسالغۇغا ئۇچرىدى، ئاغرىقلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشمۇ ئاسانغا توختىمىدى، لېكىن ياخشى يېرى، مەن پەرۋىش قىلغان تۇنجى ئاغرىق «ناھايىتى مېھرىبان» ئىدى.
ئۇ بىر ئىنتايىن ئۈمىدۋار ئاغرىق ئىدى. ICUدا، بۇ خىل ئاكتىپ ئېنېرگىيەنىڭ تەسىر قىلىش كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك. ئۇنى پەرۋىش قىلغاندا، تەڭ دېمەتلىك بولغاچقا گەپلىرىمىز بىر يەردىن چىقاتتى. خۇشال بولۇشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئۇنىڭ ئەھۋالى ناھايىتى تېزلا ياخشىلىنىپ، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىنلا ئادەتتىكى بۆلۈمگە يۆتكىلىپ داۋاملىق داۋالاندى. ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: «ئەمەلىيەتتە ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىدىكى ھەر بىر ئاغرىقنىڭ كەيپىياتى ئېغىر، لېكىن سىلەر دېگەن پەرىشتە، بىزنى داۋالاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كېسەلخانىدىكى ۋىرۇس قاپلىغان تۇماننى تارقىتىۋېتەلەيسىلەر.»
بۇ سۆز، ماڭا ھەربىر ئاغرىقنىڭ ھالىدىن تېخىمۇ ياخشى خەۋەر ئېلىش جاسارىتى ۋە ئىشەنچىنى ئاتا قىلدى، مەن بۇ تۇنجى ئۇچراتقان ئاغرىقتىن تولىمۇ مىننەتدار مەن، ئەمەلىيەتتە ئۇمۇ بىر پەرىشتە.
8-ئاينىڭ 18-كۈنى، مەن چوڭ-كىچىك تەرىتىنى تۇتالمايدىغان بىر ئەر ئاغرىقنى پەرۋىش قىلىۋاتقاندا، ئۇ يىغلاپ كەتتى. ئۇ:«بالام بىلەن تەڭ دېمەتلىك ئىكەنسىز، ھالىمدىن خەۋەر ئېلىپ، بەك جاپا چەكتىڭىز» دېدى. ئۇنىڭ ماڭا رەھمەت خېتى يازغۇسى بار ئىدى، لېكىن قولىدا قەلەم تۇتقىدەك كۈچى يوق ئىدى. ئۇ مىننەتدارلىقىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، كېيىن ماڭا يۈزتۇرا «رەھمەت» ئېيتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشى مەن ئۈچۈن ئەڭ زور ئىلھام ئىدى.
ياڭ لىپىڭ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى مۇداپىئە كىيىمىنىڭ كەينىگە ئاۋتىمەن سىزىۋالغانىدى، بۇ «ۋىرۇسنى مەغلۇپ قىلىش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى.
ICUدىكى پەرۋىش خىزمىتى بەدەن پەرۋىشى بولۇپلا قالماستىن، يەنە كۆپ قىسمى روھىي جەھەتتىكى تەسەللى ئىدى. ICUدا، بىز ئاغرىقلارنىڭ ئائىلىدىكىلىرى. مەن خىزمەت جەريانىدا، ئاز-ئازدىن ئۆگىنىپ، تەجرىبە توپلىدىم، كۈندىلىك ئالدىراشچىلىق ۋە خىزمەت داۋامىدىكى كۆڭۈل بۆلۈش، يەنە ئاغرىقلار بىلەن بولغان مېھىر-مۇھەببەت، خىزمەتداشلار ئارىسىدىكى زىچ ماسلىشىش، ئاغرىقلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشى .... قاچانلاردىندۇر، مەندىكى جىددىيلىك ۋە ئەنسىرەشلەرنى غايىب قىلغانىدى.
ھەش-پەش دېگۈچە بىر ئاي ئۆتۈپ كەتتى، ICU ئاغرىقلىرىنىڭ پەرۋىش خىزمىتىگە تەمكىنلىك، سالماقلىق بىلەن يۈزلىنەلەيدىغان بولدۇم. بۇ مەزگىلدە، مەنمۇ ھەممىنىڭ ئاستا-ئاستا ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. بىز ھەممىمىز تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىۋاتىمىز، ئاغرىقمۇ شۇ، مەنمۇ شۇ، كۆپچىلىكمۇ شۇ، جەمئىيەتمۇ ھەم شۇنداق. غەلىبە كۈنلىرىنىڭ تېزرەك يېتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مۇخبىر ليۇ يىمىڭ رەتلىگەن، سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچىلار تەمىنلىگەن
قەلبىنۇر ھېزىم تەرجىمىسى