شىنجاڭ گېزىتى، ئاقسۇ، 8-ئاينىڭ 27-كۈنى خەۋىرى ( ئىختىيارىي مۇخبىر شى يۈسۈن خەۋەر قىلىدۇ): «بۇ نەسىللىك كەپتەرلەرمۇ تۇخۇمدىن چىقاي دەپ قالدى، ئادەتتە 40 كۈن بىر دەۋر بولىدۇ، كەپتەر بېقىشتا چوقۇم ئىشچان بولۇش كېرەك...» يېقىندا، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ توپلۇق يېزىسى شور كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى گۈلنىسا ئەمەر باشقا كەنت ئاھالىلىرىگە كەپتەر بېقىش تەجرىبىسىنى تونۇشتۇردى.
ئىلگىرى، گۈلنىسا ئىشلەمچىلىك قىلىپ تۇرمۇشىنى قامدىغاچقا، نامراتلىق سىزىقى گىرۋىكىدىن نېرى كېتەلمەيتتى. كەنتتە گۆش كەپتىرى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقاندا، دۆلەت باج باش ئىدارىسى ئاقسۇ شەھەرلىك باج ئىدارىسىنىڭ شور كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى تۇنجى بولۇپ ئۇنى ئېسىگە ئالدى.
خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجى شى پەن يەنە ئۆزى 17 مىڭ يۈەن غەملەپ، گۈلنىسانىڭ ئىككى قەۋەتلىك كەپتەر كاتىكى سېلىشىغا ياردەم بەردى ھەم خىزمەت ئەترىتى تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەشكە، سېتىش يوللىرى بىلەن ئالاقىلىشىشقا مەسئۇل بولدى. قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە. گۈلنىسانىڭ كۆڭۈل قويۇپ باشقۇرۇشى بىلەن، ئۈچ ئايدىلا 74 نەسىللىك كەپتەرنىڭ سانى بىر قاتلاندى، بۇ يىل 15 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىشى بىلەن، كەنت ئاھالىلىرى ئارقا-ئارقىدىن كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنى ئىزدەپ، گۆش كەپتىرى كەسپىگە قاتنىشىشنى ئۈمىد قىلدى.
نۆۋەتتە، پۈتۈن كەنتتىكى %85 ئائىلە بۇنىڭغا قاتناشتى، گۆش كەپتىرى 30 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، مەھسۇلات قىممىتى 800 مىڭ يۈەنگە يېقىنلاشتى.
قەلبىنۇر ھېزىم تەرجىمىسى