شىنجاڭ گېزىتى، باي، 8-ئاينىڭ 27-كۈنى تېلېگراممىسى (ئىختىيارىي مۇخبىر جاۋ شىنياڭ خەۋىرى): نامرات ئائىلە دېگەن قالپاقنى چۆرۈپ تاشلىغاندىن كېيىن، باي ناھىيەسىنىڭ ئونباش يېزىسى تۆۋەن كېۋەزلىك كەنتىنىڭ ئاھالىسى ھەنىپە ئابىت يول ماڭسىمۇ ئۆزىنى يېنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدى.
ئەسلىدە، دۆلەت باج باش ئىدارىسى باي ناھىيەلىك باج ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئۇنىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش قەرز پۇلىغا 23 قوي سېتىۋېلىشىغا ياردەم بېرىپ، باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىنىش بىلەن بىللە، يەنە ئۇنى كالا، قوي باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قاتناشتۇرۇپ، ئۇنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەرگەنىكەن.
خىزمەت ئەترىتى يەنە «بازا+باقمىچىلىق ئائىلىسى+ھەمكارلىق كوپىراتىپى» تىجارەت ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن ھاۋالىلىك باشقۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاپ، تارقاق باقمىچىلارنى يىغىپ چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇردى. ھەر يىلى كوپىراتىپقا كىرگەن كەنت ئاھالىلىرىگە ھاۋالىلىك باشقۇرۇۋاتقان كالا، قويلارنىڭ سانى بويىچە پايدا تەقسىملىنىپ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 15 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. ھازىر كەنتتە ھەنىپەگە ئوخشاش باقمىچى ئائىلىدىن 71سى بار، بۇنىڭ ئىچىدە 27سى نامرات ئائىلە.
قەلبىنۇر ھېزىم تەرجىمىسى