تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

خەلق ساقچىلىرى شەرەپلىك تارىخىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتەيلى

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

جۇڭگو خەلق ساقچىلىرى ساقچى بايرىقى بېرىش مۇراسىمى 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى خەلق سارىيىدا تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلق ساقچىلىرى قوشۇنىغا بايراق بەردى ھەم تەلىم سۆزى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بارلىق خەلق ساقچىلىرىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، خەلق ساقچىلىرىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى، جەمئىيەت مۇقىملىقى، خەلق مەنپەئىتىنى قوغداشقا قوشقان مۇھىم، زور تۆھپىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، خەلق ساقچىلىرى قوشۇنىغا «پارتىيەگە سادىق بولۇش، خەلققە مۇلازىمەت قىلىش، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىش، ئىنتىزامدا قاتتىق بولۇش»تىن ئىبارەت ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلق ساقچىلىرى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە قوشۇن قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

ساقچى بايرىقى خەلق ساقچىلىرى قوشۇنىنىڭ مۇھىم بەلگىسى، خەلق ساقچىلىرىنىڭ شان - شەرىپى، مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنىڭ سىمۋولى. ساقچى بايرىقى بېرىش مۇراسىمىنىڭ تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، خەلق ساقچىلىرى قوشۇنىغا بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە رىغبەتلەندۈرۈشى، تۈرتكە بولۇشىنى تولۇق نامايان قىلىپ، خەلق ساقچىلىرى قوشۇنىنىڭ ئىنقىلابىيلىشىش، مۇنتىزىملىشىش، كەسپىيلىشىش، كەسىپلىشىش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. خەلق ساقچىلىرى قوشۇنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەگە سادىق بولۇش، خەلققە مۇلازىمەت قىلىش، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىش، ئىنتىزامدا قاتتىق بولۇشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە تەلىپىنى دۆلەت خەۋپسىزلىكى، جەمئىيەت مۇقىملىقى، خەلق مەنپەئىتىنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، خەلق ساقچىلىرى شەرەپلىك تارىخىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز پۈتۈشى كېرەك.

پارتىيەگە سادىق بولۇش، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش خەلق ساقچىلىرى قوشۇنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن سىياسىي گېن. خەلق ساقچىلىرى قوشۇنى باشتىن - ئاخىر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر پارتىيە بايرىقىنى بايراق قىلىپ، پارتىيەنىڭ يۆنىلىشىنى يۆنىلىش قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىرادىسىنى ئىرادە قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنۇپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، مۇتلەق سادىق، مۇتلەق ساپ، مۇتلەق ئىشەنچلىك سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلىشى كېرەك.

خەلق ساقچىلىرى خەلق ئارىسىدىن كەلگەن، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتقان. ئۇزاقتىن بۇيان، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، خەلق ساقچىلىرى باشتىن - ئاخىر بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ۋەزىپىسىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، قۇربان بېرىشتىن قورقماي، شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلاپ، قان - تەرى، ئىسسىق قېنى، ھەتتا ھاياتى بەدىلىگە خەلقنىڭ تىنچ - ئامان، بەختلىك تۇرمۇشى ئۈچۈن يىمىرىلمەس پولات ئىستىھكام قۇرۇپ چىقتى. خەلق ساقچىلىرى قوشۇنى باشتىن - ئاخىر خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنى تولۇق سەپەرۋەر قىلىپ، ئاممىنى تولۇق تەشكىللەپ، ئاممىغا تولۇق تايىنىپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىش داۋامىدا تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ كاپالەتلىك، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىشى كېرەك. قانۇننى ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ ئاممىۋى ئىشەنچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەربىر دېلونى بېجىرىش، ھەربىر ئىشنى بىر تەرەپ قىلىش داۋامىدا تىرىشىپ خەلق ئاممىسىغا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. باشتىن - ئاخىر ساقچىلار قوشۇنىنى سىياسىي ئارقىلىق قۇرۇش، ساقچىلار قوشۇنىنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىنتىزامدا قاتتىق بولۇش، ئىستىلدا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، شەخسىي مەنپەئىتىدىن كېچىپ ئومۇم ئۈچۈن ئىشلەپ، شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلق ئاممىسىنى رازى قىلىدىغان يۇقىرى ساپالىق، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان خەلق ساقچىلىرى قوشۇنىنى كۈچەپ تاۋلاپ چىقىش كېرەك.

جەڭ دۇمبىقى چېلىنىپ يۈرۈش قىلىشقا ئۈندىمەكتە، پالاق كۈچەپ ئۇرۇلۇپ يەلكەن چىقىرىلماقتا. يېڭى تارىخىي شارائىتتا، خەلق ساقچىلىرى قوشۇنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىم سۆزىنىڭ روھىنى سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، سىياسىي بىخەتەرلىكنى قوغداش، جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقىنى قوغداش، خەلقنىڭ خاتىرجەملىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت يېڭى دەۋردىكى بۇرچ - ۋەزىپىسىنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىپ، تىرىشىپ «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى