تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولۇپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

لى پېڭشىن ئۈرۈمچى شەھىرىدە مەھەللىلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولۇپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىن 25 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى لى پېڭشىن ئۈرۈمچى شەھىرىدە مەھەللىلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى كادىرلاردىن ھال سورىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولۇپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، تەستە قولغا كەلگەن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى تىرىشىپ مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

لى پېڭشىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر قىسىم ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى، ئۆزى سالغان ئۆي ئولتۇراق رايونىغا كېلىپ، مەھەللىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، مۇھىتنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش، يۇقۇم كۆرۈلمىگەن ئولتۇراق رايون بەرپا قىلىش، ئاممىۋى باشقۇرۇش - مۇلازىمەت قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىگىلىدى، بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرۇۋاتقان ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، مەھەللە خىزمەتچىلىرىگە رەھمەت ئېيتتى ھەم ئۇلاردىن ھال سورىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەھەللىلەر ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ۋەزىپىسى ئىنتايىن ئېغىر، كۆپچىلىك ئاتاكىدا ئالدىغا ئۆتۈپ، ئۇدا جەڭ قىلىپ، جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسەتتى، يۇقۇمنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ بىرىنچى سەپتىكى خادىملارغا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش سالمىقىنى ھەقىقىي زورايتىپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ، پىسخىكىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، كەڭ كادىرلارنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە خاتىرجەم ئاتلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

لى پېڭشىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نۆۋەتتە يۇقۇم ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ، «تۆت تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتى»نى يەنىمۇ چىڭىتىپ، ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولۇپ، قىلچە بوشاشماي نۇقتىلىق ئولتۇراق رايونلار، مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش نۇقتىلىرى ۋە جەمئىيەت قاتلىمىدىن باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىشنى ياخشى تۇتۇپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى كەم - كوتسىز پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. مەھەللە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئامما خىزمىتىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى تەشۋىقاتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىياسەت، تەدبىرلىرىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، مۇلازىمەت كاپالىتىنى ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەپ، كەيپىياتنى تەڭشەشنى سەۋرچانلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ چۈشىنىشى ۋە قوللىشىنى ئەڭ زور چەكتە قولغا كەلتۈرۈپ، ياخشى ئىشنى ياخشى بېجىرىش، ئەمەلىي ئىشنى پۇختا قىلىش كېرەك. ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەلىپى بويىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىياسىتىنى تەڭشەشكە بولىدىغان يۇقۇم كۆرۈلمىگەن ئولتۇراق رايونلارنىڭ دائىرىسىنى پائال، پۇختا، جانلىق، تەرتىپلىك ھالدا تەدرىجىي كېڭەيتىپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئاساس سېلىش كېرەك.

لى پېڭشىن مۇنداق تەكىتلىدى: رايون(ناھىيە)لۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىرىنچى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىلىق ۋە رايون(ناھىيە)لۇق پارتىيە كومىتېتى شۇجىسىنىڭ بىرىنچى سەپ باش قوماندانىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، مەسىلىلەرنى بايقاشقا، مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشقا، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ماھىر بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىياسىتى بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت يېتەكچىلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەربىر ئاساسىي قاتلام كادىرىنى سىياسەتتە زېرەك ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ، ھەربىر تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرىنى ئىلمىي، ئۆلچەملىك ھالدا پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى بالدۇرراق قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۈ خەيرۇڭ، تيەن ۋېن، ۋەن خەيچۇەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى