تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدىكى يېڭى پۇرسەت، يېڭى خىرىسقا دىيالېكتىكىلىق تەپەككۇر بىلەن قاراش كېرەك

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ھەرقانداق ئىشتا تەييارلىق پۇختا بولسا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ، تەييارلىق پۇختا بولمىسا مەغلۇپ بولىدۇ. «14 - بەش يىل» مەزگىلى دۆلىتىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىققان، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغاندىن كېيىن، پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىدىغان بىرىنچى بەش يىل بولۇپ، دۆلىتىمىز يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىدۇ. بۇنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئەھمىيىتى ئىنتايىن مۇھىم، زور بولۇپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى تەرەققىياتنى ياخشى پىلانلاش ئىنتايىن مۇھىم.

8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرىنىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈشكە بولغان پىكرى ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى، ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك يىرىك پىلان ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى بىر خىل مۇھىم شەكلى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى، يىراقنى كۆزلەپ، چوڭ ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ تەدبىر سوراپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىپ، يېڭى يىرىك پىلان تۈزۈشنى تەكىتلىدى. سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىن چىقىش قىلىپ، توغرا تونۇش ۋە ئىگىلەش زۆرۈر بولغان ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى چوڭقۇر شەرھلەپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدىكى يېڭى پۇرسەت، يېڭى خىرىسقا دىيالېكتىكىلىق تەپەككۇر بىلەن قاراپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئاساس قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى بارلىققا كەلتۈرۈش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىش، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئارقىلىق خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە رىقابەت يېڭى ئەۋزەللىكىنى بەرپا قىلىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىش ئارقىلىق جەمئىيەت تەرەققىياتى يېڭى ۋەزىيىتىنى كېڭەيتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

«14 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىدىغانلىقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم، زور ھۆكۈم، جەزمەن چوڭقۇر تونۇش ۋە ئىگىلەش كېرەك. ھازىر، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى شارائىتى ۋە تاشقى مۇھىتىدا چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ. تاشقى جەھەتتىن قارىغاندا، بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ پۈتۈن يەر شارىدا كەڭ تارقىلىشى بۇ چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى تېزلىتىۋەتتى، خەلقئارا ئىقتىساد، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت، خەۋپسىزلىك، سىياسىي قاتارلىق ۋەزىيەتلەرنىڭ ھەممىسىدە چوڭقۇر تەڭشىلىش يۈزبەردى، دۇنيا داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە كىردى. بۇ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، بىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ تەتۈر شامال، تەتۈر ئېقىملىق تاشقى مۇھىت ئالدىدا، جەزمەن بىر قاتار يېڭى خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئىچكى جەھەتتىن قارىغاندا، دۆلەت ئىچىدىكى تەرەققىيات مۇھىتىمۇ چوڭقۇر ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە، دۆلىتىمىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى، جەمئىيەتتىكى ئاساسلىق زىددىيەتتە ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك تارىخىي ئۆزگىرىش يۈزبەردى، داۋاملىق تەرەققىي قىلىش كۆپ تەرەپلىك ئەۋزەللىككە ۋە شارائىتقا ئىگە، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەرەققىياتنىڭ تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى يەنىلا گەۋدىلىك. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرگەندە، دۆلەت ئىچى - سىرتى مۇھىتىنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشى ھەم بىر قاتار يېڭى پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كەلدى، ھەم بىر قاتار يېڭى خىرىسلارنى ئېلىپ كەلدى، كىرىزىس بىلەن پۇرسەت تەڭ مەۋجۇت، كىرىزىس ئىچىدە پۇرسەت بار، كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدىكى يېڭى پۇرسەت، يېڭى خىرىسنى مۇپەسسەل شەرھلىدى، بۇ بىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى توغرا تونۇپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىشنىڭ ئىدىيە تەييارلىقى ۋە خىزمەت تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، كىرىزىس ئىچىدە يېڭى پۇرسەت يېتىلدۈرۈپ، ئۆزگىرىش ئىچىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىزدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدىكى يېڭى پۇرسەت، يېڭى خىرىسقا قاراشتا دىيالېكتىكىلىق تەپەككۇر بولۇش كېرەك. كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا، بىز ئەۋزەللىككە، تەشەببۇسكارلىققا، كەلگۈسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، جەزمەن ماركسىزملىق پەلسەپەنى ئۆزىمىزنىڭ ئالاھىدە قابىلىيىتى قىلىپ، ماتېرىيالىستىك دىيالېكتىكىنىڭ تۈپ ئۇسۇلىنى ئىگىلەپ، مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى تىزگىنلەش، مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى چوڭ ۋەزىيەتنى دىيالېكتىكىلىق تونۇپ ۋە ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئالاھىدىلىك، يېڭى تەلەپلەرنى چوڭقۇر تونۇپ، چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا مۇھىت ئېلىپ كەلگەن يېڭى زىددىيەت، يېڭى خىرىسلارنى چوڭقۇر تونۇپ، پۇرسەت ئېڭى ۋە خەۋپ - خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئۆزگىرىشنى توغرا تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ئىلمىي ماسلىشىپ، ئۆزگىرىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنتىلىشىمىز كېرەك. يەنە مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ماھىر بولۇپ، تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، شامالغا قارشى كېمە ھەيدەشكە جۈرئەت قىلىپ، كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

«دېڭىز بىپايان كۆرۈنمەس چېتى، مەنزىلگە قاراپ ماڭىمىز تېخى». دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات باسقۇچى، مۇھىتى، شارائىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە رىقابەت يېڭى ئەۋزەللىكىنى قايتا بەرپا قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تاللاش. ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ئۈستىدە پائال ئىزدەنسەكلا، بىز چوقۇم ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنى يېڭىپ، تەرەققىياتنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى