تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

قۇرۇلما ساياھەتنى چۆرىدەپ تەڭشەلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ليۇ خۇڭ، دۇڭ لياڭ

8 - ئاينىڭ 23 - كۈنى سەھەر، موڭغۇلكۈرە دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسىغا ئېگىزدىن نەزەر سالسىڭىز، كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت، مۇز چوققا - قارلىق تاغ، ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان تېكەس دەرياسى، يۇلتۇزلاردەك تارالغان سۇلۇق يەرلەر، تاغ - دالىلارنى قاپلىغان ئالتۇن رەڭلىك ئوت - چۆپلەر، ئەگرى - بۈگرى دەريا يولىدىن شەكىللەنگەن گۈزەل بىر پارچە يۆگىمە رەسىمنى كۆرىسىز.

(لى ۋېنۋۇ فوتوسى)

تىيانشاندا تەرەققىيات دولقۇنى كۆتۈرۈلدى، ساياھەت دولقۇن بېشىدا مەزمۇت تۇردى.

2018 - يىلى 8 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، ئاپتونوم رايون ساياھەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، «ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش»نى ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم، زور تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويدى، «ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش» دولقۇنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا كۆتۈرۈلدى.

ئىككى يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون يۇقىرى ئورۇندىن تۈرتكە بولدى، پۈتۈن شىنجاڭ تېز ھەرىكەتكە كەلدى، «كەسىپلەر ساياھەتنى چۆرىدەپ ئۆزگەرتىلدى، مەھسۇلاتلار ساياھەتنى چۆرىدەپ كۈچەيتىلدى، قۇرۇلما ساياھەتنى چۆرىدەپ تەڭشەلدى، ئىقتىدار ساياھەتنى چۆرىدەپ سەپلەندى، خەلق تۇرمۇشى ساياھەتنى چۆرىدەپ گۈللەندۈرۈلدى»، پۈتۈن رايون ساياھىتىدىكى بۇ كاتتا نومۇرلار بىپايان قۇم دېڭىزى، مۇزلۇق تاغ، قارلىق دالا، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ ئارىسىدا قالتىس ئورۇنلاندى، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپى «شىددەت بىلەن» ئاشتى − 2019 - يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە كۈتۈۋېلىنغان چېگرا ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى تۇنجى قېتىم 200 مىليون ئادەم قېتىمنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، 345 مىليارد 265 مىليون يۈەن ساياھەت كىرىمى يارىتىپ، ئايرىم - ئايرىم %41.6 ۋە %40.4 ئاشتى. تۈۋرۈك كەسىپنىڭ دەسلەپكى شەكلى بارلىققا كەلدى.

بۈگۈنكى كۈندىكى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى يىرىك، تۆۋەن ئۈنۈملۈك پەسىل خاراكتېرلىك ساياھەتتىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك، يۇقىرى سۈپەتلىك پۈتۈن پەسىللىك، پۈتۈن مەزگىللىك ساياھەتكە ئۆزگەردى، نوقۇل مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىلىرى ساياھىتىدىن پۈتۈن رايون، پۈتۈن شىنجاڭ ساياھىتىگە ئۆزگەردى، بېكىنمە ھالەتتىكى ئىچكى ئايلانما ساياھىتىدىن ئېچىۋېتىلگەن «ساياھەت +»غا ئۆزگەردى. ھەممە يەردە مەنزىرە، ھەممە ۋاقىتتا مەنزىرە بار بولغان پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭ يۆگىمە رەسىمى كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولۇشقا باشلىدى.

قۇرۇلما تەڭشىلىپ، ساياھەتچىلىك «تۈۋرۈك»كە ئايلاندى

بۇ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى قىسمەن رايونلارنىڭ پۈتۈن رايون ساياھىتى تەرەققىياتىدىكى بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇمات −

بۇرچىن ناھىيەسى: 2019 - يىلى، پۈتۈن ناھىيە بويىچە 7 مىليون 794 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنىپ، 9 مىليارد 40 مىليون يۈەن ساياھەت ئۇنىۋېرسال كىرىمى يارىتىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم %42.1 ۋە %68.8 ئاشتى؛ ساياھەتكە تايىنىپ كەسىپكارلار 18 مىڭغا يېتىپ، ئومۇمىي ئەمگەك كۈچىنىڭ %50ىنى ئىگىلىدى، ساياھەت كىرىمى دېھقان - چارۋىچىلار ئومۇمىي كىرىمىنىڭ %50ىنى ئىگىلىدى؛ جەلپ قىلىنغان جەمئىيەت كاپىتال سېلىنمىسى 14 مىليارد 130 مىليون يۈەنگە يېتىپ، تۇراقلىق مۈلۈك ئومۇمىي سېلىنمىسىنىڭ %82ىنى ئىگىلىدى؛

تېكەس ناھىيەسى: 2019 - يىلى، پۈتۈن ناھىيە بويىچە 3 مىليون 210 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنىپ، 2 مىليارد 600 مىليون يۈەن ساياھەت كىرىمى يارىتىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم %52 ۋە %54 ئاشتى؛ ساياھەتتە بىۋاسىتە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 23 مىڭغا يەتتى؛ جەلپ قىلىنغان جەمئىيەت كاپىتال سېلىنمىسى 15 مىليارد يۈەنگە يەتتى؛

ئارشاڭ ناھىيەسى: 2019 - يىلى، پۈتۈن ناھىيە بويىچە 2 مىليون 60 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنىپ، 3 مىليارد 90 مىليون يۈەن ساياھەت ئۇنىۋېرسال كىرىمى يارىتىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم %87.3 ۋە %121 ئاشتى.

...

يۇغۇرۇشقا باب كەلسىلا يۇغۇرۇلدى، يۇغارغىلى بولسىلا تولۇق يۇغۇرۇلدى. ئىككى يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار ساياھەتچىلىكنى تۈۋرۈك كەسىپ سۈپىتىدە نۇقتىلىق بەرپا قىلدى، ساياھەتچىلىكنىڭ 1 -، 2 -، 3 - كەسىپلەردىكى سالمىقى تېز ئاشتى. بولۇپمۇ ساياھەت بايلىقى نىسبەتەن مول رايونلار ساياھەتچىلىكنى نۇقتىلىق كەسىپ سۈپىتىدە كۆڭۈل قويۇپ يېتىلدۈرۈپ، قۇرۇلمىنى ساياھەتنى چۆرىدەپ تەڭشەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىپ، رايون بايلىقىنى ئورگانىك بىرىكتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ساياھەت كەسپىنىڭ چوڭقۇرلۇق ۋە كەڭلىك بوشلۇقىغا قاراپ كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولۇپ، «ھەممىلا يەردە مەنزىرە بولۇش، ھەممىلا ۋاقىتتا مەنزىرە بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

ساياھەت بايلىقى مول بولغان بۇرچىن ناھىيەسى «ساياھەتچىلىكنى ئاساسىي گەۋدە قىلىش، 1 - كەسىپكە تەسىر كۆرسىتىش، 2 - كەسىپكە تىرەك بولۇش»تەك تەرەققىيات پىكىر يولىنى بېكىتىپ، «مەنزىرە بىلەن شەھەرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، ئوقنى بويلاپ ئېچىش، كۆپ نۇقتىدىن كۈچەش، مارجاندەك تۇتاشتۇرۇش» ئومۇمىي قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن ئورۇنلاشتۇردى؛ تېكەس ناھىيەسى ناھىيە، يېزا، كەنت «ئۈچ دەرىجىلىك شۇجىلار» پۈتۈن رايون ساياھىتى خىزمىتىنى تۇتۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق شەھىرى ۋە دۇنياۋى مىراس يېرىدە ساياھەت كەسپى مۇھىم ئامىللىرىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، «سەپەرنى تېزلىتىپ ساياھەتنى ئالدىرىماي قىلىش» ساياھەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، مەنزىرە بىلەن شەھەرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، كەسىپ بىلەن شەھەرنى يۇغۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى... ھەرقايسى جايلار بايلىق توپلاش، قۇرۇلما تەڭشەش ئارقىلىق، «ساياھەت +» كەسپىنىڭ تۈرتكىلىك ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ، «ساياھەت + زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى»نى ئىنچىكە ئىشلەپ، «ساياھەت + مەدەنىيەت»نى چوڭقۇر ئىشلەپ، «ساياھەت + ساغلاملىق، كۈتۈنۈش»نى يېڭىدىن ئىشلەپ، ساياھەت كەسپىنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، سىڭىپ كىرىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ساياھەت كەسىپ زەنجىرىنى ھەر تەرەپلىمە، يوچۇقسىز بەرپا قىلىپ، A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرىنى يادرولۇق نۇقتا، يېزا - كەنت ساياھىتىنى تەرەققىيات ئاساسىي ئوقى قىلغان، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپلەر يۇغۇرما تەرەققىي قىلىدىغان كەسىپ ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى، ساياھەتچىلىكنىڭ «بىر كەسىپ گۈللەنسە ھەممە كەسىپ گۈللىنىدىغان» باشلامچىلىق، تۈرتكىلىك رولى كۈنسېرى گەۋدىلەندى.

«بوشلۇق» تەڭشىلىپ، ھەممىلا جايدا مەنزىرە بار بولدى

مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ئېگىنبۇلاق يېزىسى يۆلياڭدى كەنتىگە كەلگىنىمىزدە، ئەنئەنىۋى تۇرالغۇ، مىللىي ئۆرپ - ئادەت، قول ھۈنەرۋەنچىلىك، تەبىئىي مەنزىرە بىر گەۋدىلەشكەن ئەنئەنىۋى كەنت كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولدى.

يەن شياڭفۇ يۆلياڭدى كەنتىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، شۇنداقلا تۇنجى بولۇپ ھۆكۈمەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ پۇقراۋى قونالغۇ سالغان كەنت ئاھالىسى ئىدى. ئۇ مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: يۆلياڭدى كەنتىگە بىر يىلدىكى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ساياھەتچىلەر كېلىدۇ. ساياھەتچىلەر سەھرا مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىپ، دېھقانلار قونالغۇسىدا قونۇپ، بىرنەچچە ۋاق مەززىلىك دېھقان تامىقى يەپ، يەرلىك بىرقانچە شىنجاڭ كۈيىنى ئاڭلاپ، «ساياھەت قىلىشقا باب كېلىش، ياشاشقا باب كېلىش» جەريانىدا تېپىلغۇسىز سەھرا مەنزىرىسىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

«ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش» ئىستراتېگىيەسى ۋە پۈتۈن رايون ساياھىتى تەرەققىيات يىرىك پىلانىنىڭ تۈرتكىسىدە، قەدىمدىن تارتىپ «تىيانشاننىڭ شەرقىي دەرۋازىسى، بېشبالىق قەلئەسى» دەپ نام ئالغان مورى «تىيانشاننى ئايلىنىپ ساياھەت قىلىش − پۈتۈن مەنزىرىلىك شىنجاڭ» سەرخىل لىنىيەسىگە كىرگۈزۈلگەن مۇھىم بېكەتكە ئايلاندى، بۇ، مورىنىڭ ساياھەتچىلىكنى ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈك كەسىپ قىلىپ بەرپا قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتتى. پۈتۈن ناھىيە بويىچە خاس ساياھەت يېزا - بازىرى، خاس كىچىك بازار، گۈزەل يېزا - كەنت، خاس كوچا رايونى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرى «نۇقتا» قىلىنىپ، بەنشەن ساياھەت تاشيولى، يېشىل كارىدور «لىنىيە» قىلىنىپ، ئۇل ئەسلىھە، ئاممىۋى مۇلازىمەت «دائىرە» قىلىنىپ، «نۇقتا، لىنىيە، دائىرە» ئارقىلىق پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش پىلانى بېكىتىلدى، «مەنزىرە بىلەن شەھەرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، مەنزىرە بىلەن كەنتنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش، مەنزىرە بىلەن كەسىپنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، ئومۇمىي خەلق قاتنىشىش»تەك پۈتۈن رايون ساياھىتى تەرەققىيات ئەندىزىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى.

ئىككى يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز مەمۇرىي رايون چېگراسى ۋە ساھە قورغىنىنى بۇزۇپ تاشلاپ، زور كۈچ بىلەن قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، شىنجاڭ ئىچىنى تۇتاشتۇرۇپ راۋانلاشتۇرۇش، رايون ساياھىتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى بوشلۇقىنى ئىشقا ئاشۇرماقتا. كۆلەملەشكەن، يۇقىرى ئۆلچەملىك، نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بىر تۈركۈم ساياھەت تۈرلىرىنى ئېچىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش تۇتقا قىلىندى، دۆلەت 4A دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەنزىرە رايونى 100دىن ئاشتى؛ «S101 تىيانشان جۇغراپىيەلىك رەسىم كارىدورى، تاشقورغان - يەكەن قەدىمىي يولى، چېشى قەدىمىي يولى» قاتارلىق سەرخىل ساياھەت لىنىيەلىرىنى نۇقتىلىق ئۆزگەرتىش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، «ئۈچ ئايلانما، بىر لىنىيە» ساياھىتى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرۈلدى؛ شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى بازارغا قارىتا، شەھەر دەم ئېلىش ساياھىتى لىنىيەسى، دەم ئېلىش كۈنى ئىستىراھەت ساياھىتى لىنىيەسى، مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيىتى ساياھىتى ۋە ئالاھىدە ساياھەت لىنىيەلىرى ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى؛ تۆمۈريول، تاشيول ۋە لىنىيە بويىدىكى بايلىققا تايىنىپ، تۆمۈريول ساياھىتى سەرخىل لىنىيەسى ۋە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش سەرخىل لىنىيەسى ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى؛ جەنۇبىي شىنجاڭ ساياھىتىدىكى كەمتۈكلۈكنى نىشانلاپ، «قەشقەر قەدىمىي شەھىرى - تاشقورغان - يەكەن - مارالبېشى - ئاتۇش - قەشقەر» ساياھەت ئايلانما لىنىيەسى ئوتتۇرىغا چىقىرىلىپ، رايون ساياھىتى قۇرۇلمىسىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، مەنزىرە رايونى، ئىستىراھەت رايونى، مال سېتىۋېلىش رايونى، كىچىك بازار، دالىدا قونۇش ئورنى، يېشىل يول قاتارلىق كۆپ ئىقتىدار بىرلەشتۈرۈلگەن چوڭ ساياھەت مەنزىلگاھى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىنىپ، پۈتۈن رايون «ياشاشقا باب كېلىش، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا باب كېلىش، ساياھەت قىلىشقا باب كېلىش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

ئاۋات پەسىل بىلەن كاسات پەسىل تەڭشىلىپ، «تۆت پەسىل ناخشىسى» ياڭرىتىلدى

ھەر يىلى 11 - ئايدىن كېيىنكى يىلى 4 - ئايغىچە، يېرىم يىلغا سوزۇلغان قىش، ئەتىياز پەسلى ئىلگىرى شىنجاڭ ساياھىتىدىكى كەمتۈكلۈك ئىدى. «كاسات پەسىلدىمۇ كاسات بولماسلىق»نى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز قىش، ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ ساياھىتىنىڭ «تۆت پەسىل ناخشىسى»نى ياڭراتتى.

قار - مۇزلۇقمۇ بايلىق. قىش پەسىللىك ساياھەت ئۆتكىلىنى ھۇجۇم بىلەن ئېلىش جېڭى ئالدى بىلەن قار ماكانى ئالتايدا باشلاندى. ئالتاي ۋىلايىتى ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە ۋاقىت سەرپ قىلىپ، پۈتۈن ۋىلايەت بويىچە قىش پەسىللىك ساياھەتتە ئادەم سانىنى ياز پەسىللىك ساياھەتنىڭكىدىن ئاشۇرۇپ، يازدا قاينام - تاشقىنلىققا چۆمىدىغان، قىشتا چۆلدەرەپ قالىدىغان ھالەتنى ئۆزگەرتىپ، ياز پەسىللىك، قىش پەسىللىك ساياھەتتىن ئىبارەت ئىككى قاناتنى تەڭ پەرۋاز قىلدۇرۇپ، بىر پەسىللىك ساياھەتتىن تۆت پەسىللىك ساياھەتكە يۈكسىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئالتاينىڭ قار - مۇز ساياھىتىنىڭ داڭقىنى چىقىرىش ئۈچۈن ئالتايلىقلار كۆپ كۈچ سەرپ قىلدى. تور ۋە تور سىرتى ماركېتىڭى، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلغان شەھەرلەر ماركېتىڭى، بايراملىق ماركېتىڭ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ماركېتىڭى، نەق مەيدان ماركېتىڭى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلنى تەڭ ئوتتۇرىغا چىقاردى.

جاپانىڭ تېگى ئالتۇن. 2018 − 2019 يىللىق قىش پەسىللىك ساياھەت مەزگىلىدە، ئالتاي ۋىلايىتىدە قىش پەسلىدە مېھمانسارايلارنىڭ خېرىدارلار بىلەن تولۇش نىسبىتى %90تىن يۇقىرى بولۇپ، ئالتاي شەھىرىنىڭ قىش پەسىللىك ساياھىتىدە ئادەم سانى تۇنجى قېتىم ياز پەسلىنىڭكىدىن ئېشىپ، ئالتاينىڭ قىش پەسىللىك ساياھىتى قىزغىنلىق دەرىجىسى جەھەتتە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىگە كىردى، ئالتاي شەھىرى يەنە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە «2018 - يىللىق ئون ياخشى قار - مۇز ساياھىتى شەھىرى» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

ئالتاينىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش ئۈنۈم ئېففېكتى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ پۈتۈن رايون، پۈتۈن ۋاقىت ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۈرۈمچى، ئالتاي، چۆچەك ھەمدە قاراماي قاتارلىق بىرقانچە چوڭ قار - مۇز ساياھىتى تەۋەلىك رايونى شەكىللەندى؛ ھەرقايسى جايلاردا مۇز ئويما كۆرگەزمىسى، مۇز چىراغ سەيلىسى ھەم قار - مۇز سەيلىسى، قىشلىق بېلىق تۇتۇش بايرىمى، يېڭى يىلنى تەبرىكلەش قار - مۇز پائالىيىتى، قار - مۇز دۇنياسى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئالاھىدە جانلىنىپ، ئىلگىرى چۆلدەرەپ قالغان زامان - ماكان ئەندىزىسى قىزىپ كەتتى.

«ئون چاقىرىملىق شاپتۇل چېچىكىدە قىزاردى بارچە، شامال چىقىپ خۇش پۇراققا تولدى ھەممە يەر.» ھەر يىلى 3 - ئايدىن باشلاپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىن شىمالىي شىنجاڭغىچە ئۆرۈك چېچىكى، شاپتۇل چېچىكى ۋە تاغ - دالىلارنى قاپلىغان تاغ گۈللىرى ئارقا - ئارقىدىن ئېچىلىپ، ساياھەتچىلەرنى بەس - بەستە جەلپ قىلىدۇ. ئىككى يىلدىن بۇيان، قۇرۇلما ساياھەتنى چۆرىدەپ تەڭشىلىش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۆت پەسىللىك ساياھەت تەمىناتى تەڭپۇڭ بولۇشقا باشلىدى، شىمالىي شىنجاڭ قىش پەسىللىك قار - مۇز مەنزىرىسى ساياھىتىنى نۇقتىلىق ئاچتى ۋە يۈرۈشتۈردى، جەنۇبىي شىنجاڭ قۇملۇق مەنزىرىسى، تارىخىي مەدەنىيەت ۋە مىللىي ئۆرپ - ئادەت ساياھىتىنى نۇقتىلىق يېتىشتۈردى، ئەتىياز پەسىللىك «چېچەك ساياھىتى» ۋە ئالتۇن كۈزدىكى توغراق فوتو سۈرەت ساياھىتىنىڭ سۈپىتىنى بېيىتتى ۋە ئۆستۈردى.

«شەھەر بىلەن يېزىلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، مەنزىرە بىلەن شەھەرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، پۈتۈن رايون بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش، تۆت پەسىللىك ئىستىراھەت» پىكىر يولى بويىچە، ئاپتونوم رايونىمىز «پۈتۈن مەنزىرە شەكلىدە پىلانلاش، پۈتۈن پەسىلدە ھۇزۇرلىنىش، پۈتۈن جەمئىيەت قاتنىشىش، پۈتۈن كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ھەر تەرەپلىمە مۇلازىمەت قىلىش، پۈتۈن رايون بويىچە باشقۇرۇش»نى تەرەققىيات يولى، يادرولۇق مەنزىرە رايونلىرى، مۇھىم، زور تۈرلەرنى ۋاسىتە قىلىپ، ساياھەت كەسىپ زەنجىرىنى ئىلمىي بەرپا قىلىپ، يۇغۇرما تەرەققىياتنىڭ يېڭى تەدبىرى، يېڭى مېخانىزمى، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، دەسلەپكى نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.