تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

جياڭسۇدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈرەك سۆزى: «مەن پەقەت ماڭا ئېھتىياجلىق جايغا كەلدىم»

     جياڭسۇدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورتاق يۈرەك سۆزى: «مەن پەقەت ماڭا ئېھتىياجلىق جايغا كەلدىم»

     ساۋ خېڭبىن جياڭسۇ يەنچېڭ شەھىرىدىن كەلگەن بولۇپ، ھازىر قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق 3-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى. بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا تۇنجى تۈركۈمدىكى «10 مىڭ كىشى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش پىلانى» بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ساۋ خېڭبىن «توختامنى ئۇزارتىش»نى تاللىدى.

     2018-يىلى 8-ئايدا شىنجاڭغا كەلگەندىن بۇيان، ساۋ خېڭبىن جياڭنەن مەدەنىيەت ئۇرۇقىنى جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ ئېغىر نامرات رايونغا چېچىشقا ئىزچىل كۈچ چىقاردى. ئۇ باشقا ئوقۇتقۇچىلارنى يېتەكلەپ مەكتەپتە چاي سەنئىتى، ساپال سەنئىتى، كەشتىچىلىك، خەتتاتلىق، خۇەيجۈ تىياتىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 نەچچە قۇياش نۇرى ئىجتىمائىي تەشكىلاتىنى ئاچتى، «بالىلار بۇنىڭغا بەكلا قىزىقىدىكەن، چۈنكى ئىلگىرى پەقەت تېلېۋىزوردىلا كۆرۈپتىكەن، ھازىر ئۆزلىرى سىناپ ھېس قىلالايدۇ. ھەر ھەپتىدە ئىجتىمائىي تەشكىلات پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ، بالىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك  قىزغىنلىق بىلەن قاتنىشىدۇ.»

     ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان قىزغىنلىقى ساۋ خېڭبىننىڭ ئويىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. بۇ قېتىم قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ مەكتەپكە مەخسۇس زاكاز قىلغان «كىلاسسىك نەزمىلەرنىڭ تارقىلىشى» ناملىق تاڭ شىئېرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىش ۋە «قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ئۈچ كىچىك خەتتاتلىق دەرسلىكى»نى ئېلىپ كەلدى. 60 قىسىملىق ھۆسىنخەت سىن كۆرۈنۈشىنى ساۋ خېڭبىن يەنچېڭدا ھۆسنىخەت ئوقۇتقۇچىسىنى تەكلىپ قىلىپ كۆڭۈل قويۇپ سىنغا ئالغانىدى.

     جياڭسۇ چاڭجوۋدىن شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن ئوقۇتقۇچى چېن يۈۋېي جياڭنەننىڭ قەغەز ئويۇش سەنئىتىنى تارقىتىش ئۈچۈن كۆپ باش قاتۇردى. بۇ يىل شىنجاڭغا كېلىشتىن بۇرۇن، چېن يۈۋېي قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئۇلۇغچات ناھىيەلىك تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ «غەربتىكى ئەڭ گۈزەل مەكتەپ» مەكتەپ مەدەنىيىتى خاس تۈرىنى بەرپا قىلماقچى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئىچىدە چاڭجوۋ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ــــ قەغەز ئويۇش ھۈنىرىنىڭمۇ بارلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، مەكتەپتە مۇناسىپ ئوقۇتقۇچى كۈچى كەمچىل ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىلىم-پەن ئوقۇتقۇچىسى چېن يۈۋېي گۈزەل-سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىدى، «مەكتەپ نېمىگە ئېھتىياجلىق بولسا، مەن شۇنى ئۆگىنىمەن».

     تەتىل ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، چېن يۈۋېي شۇ يەردىكى قەغەز ئويمىچى يىن مىڭشىن بىلەن ئالاقىلەشتى. قەغەز ئويۇش ھۈنىرىنى شىنجاڭلىق بالىلارغا ئۆگىتىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان يىن ئەپەندى توختىماي بېشىنى لىڭشىتىپ، چېن يۈۋېينى شاگىرتلىققا قوبۇل قىلىپ، قەغەز ئويۇش ھۈنىرىنى قىلچە قالدۇرماي ئۇنىڭغا ئۆگەتتى.

     جياڭسۇدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار دەرس ئۆتۈپلا قالماي، يەنە ئېتىزدا ئەمگەكمۇ قىلدى. جياڭسۇ نەنتۇڭدىن كەلگەن شياۋ جىن دائىم دېگۈدەك ئېتىزلىقتا ئىشلىدى، چۈنكى ئۇ مۇنداق دەيتتى: «دوسكىغا يەر تېرىغىلى بولمايدۇ».

     قىزىلسۇ كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شياۋ جىن دەرسخانىدا ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپلا قالماي، يەنە دائىم شۇ جايدىكى دېھقانلارغا دەرس ئۆتەتتى. ئۇ خۇرسىنغان ھالدا مۇنداق دېدى: «2018-يىلى يېڭى كەلگەندە، بۇ يەردە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئىسىم قويۇلمىغانلىقىنى، تېرىقچىلىقنىڭ ئاددىي ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى، دېھقانلاردىمۇ تاۋار ئېڭى يوقلۇقىنى بايقىدىم».

     «يېزا ئىگىلىكى ئارقىلىق دېھقانلارنى بېيىتىش» قارىشىدا چىڭ تۇرغان شياۋ جىن مەكتەپتە تەجرىبىخانا، ئەمەلىي مەشىق بازىسى قۇرۇپ، مەكتەپ سىرتىدا شۇ جايدىكى يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرىنى تەربىيەلەپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتتى، «بۇ يېزا ئىگىلىك تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، مەن بىلەن ئاكتىپ پىكىر ئالماشتۇردى، يەنە ئەستايىدىل خاتىرە قالدۇردى. مەن ئۇلارنى يېزا ئىگىلىكى ئارقىلىق باي بولغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرىمەن.» شياۋ جىن مۇشۇنداق ئىشەنچ بىلەن 2-باسقۇچلۇق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىنى باشلىدى، «مەن يەنە يېڭى تېخنىكىلارنى ئۆگىتىپ بولالمىدىم، يەنە تېخى كىرگۈزمىگەن يېڭى سورتلار بار، ئەگەر بۇ مەزگىلدە ئويلىغانلىرىمنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بولالمىسام، يەنە داۋاملىق قېلىپ قېلىشىم مۇمكىن».

     جياڭسۇدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن 203 ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوماق تەرەپلىرى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ سەۋەبى سورالغاندا، ئۇلارنىڭ جاۋابى ئويلىمىغان يەردىن ئوخشاش چىقتى ــــ «مەن پەقەت ماڭا ئېھتىياجلىق جايغا كەلدىم».

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى