شىنخۇا تورى خەۋىرى: ئالتۇن كۈز پەسلى، ئەنخۇي ئۆلكىسى فېيدۇڭ ناھىيەسى گۇچېڭ جىنفەن جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى تېرىقچىلىق كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى 500 مودىن ئارتۇق جۈخار گۈلىدىن ھوسۇل ئېلىندى، ئېتىز باشلىرىدا ھەممە ئالدىراش مەنزىرە ھاسىل بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى «شىركەت + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + نامرات ئائىلە»دىن ئىبارەت كەسىپلەشكەن تىجارەت ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، دەنسەن، سېرىق جۈخار گۈلى، گۇڭجۈ، خاڭجوۋ ئاق جۈخار گۈلى قاتارلىق جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنى تېرىش ئارقىلىق، تېرىقچىلىق، تاماشا قىلىش، پىششىقلاش، سېتىش بىر گەۋدە قىلىنغان كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، شۇ جايدىكى 100دىن ئارتۇق دېھقاننىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ھەل قىلىپ، 78 نامرات ئائىلىنىڭ ئىشىك ئالدىدىلا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم قىلدى.
(شۈ چىڭيۇڭ فوتوسى)