تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

دۆۋلېتقاننىڭ ئۈچ بېيىش يايمىسى

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: بۈگۈنكى دۆۋلېتقان ئاللىقاچان نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، ئۇ ھەر كۈنى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئۆزىنىڭ ئۈچ سودا يايمىسى ئارىسىدا چېپىپ، ئالدىراش ھەم خۇشال يۈرەتتى.

«يىگىت، قانچە ياشقا كىردىڭىز؟»

«18 ياشقا.»

ساياھەتچىلەرنىڭ دوستانە سوئالىغا، باركۆل يىگىتى دۆۋلېتقان باردام ھەمىشە مۇشۇنداق يۇمۇرىستىك جاۋاب بېرەتتى.

ئەمەلىيەتتە، ئۇ بۇ يىل 31 ياشقا كىرگەنىدى، قارىماققا ياش كۆرۈنگەچكە، ساياھەتچىلەر ھەمىشە مۇشۇنداق سورايتتى، ئۇمۇ دائىم ئەگىشىپلا مۇشۇنداق قىزىقچىلىق قىلاتتى. سودا مانا مۇشۇنداق ئازادە، خۇشال كەيپىياتتا پۈتەتتى، دۆۋلېتقاننىڭ قىزىقچىلىقى ساياھەتچىلەرگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى.

دۆۋلېتقان ئۆزىنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشىدىن ناھايىتى رازى ئىدى، ئۇ: «ئائىلمىزدە تۆت جان بار، ئىككى بالام مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ، مەكتەپتە ھەر كۈنى چۈشتە ئوزۇقلۇق تامىقى بار، خوتۇنۇم ئىككىمىز ئىشىكىمىز ئالدىدا ئىشلەپ پۇل تاپىمىز، ئەسلىدىكى تۇرمۇشىمىزغا سېلىشتۇرغاندا ھەقىقەتەن كۆپ ياخشى» دېدى.

ئىلگىرى، دۆۋلېتقان ئۆزىنى دۇنيادىكى باش قېتىنچىلىقى ئەڭ كۆپ ئادەمدەك، باش قېتىنچىلىقلىرى يايلاقتىكى ئوت-چۆپلەردىنمۇ كۆپتەك ھېس قىلاتتى.

ئۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن يىلى، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدىن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نيەنزىگوۋ ئەتراپىدىكى بىر ئاشخانىغا كېلىپ مۇلازىمەتچى بولدى، بىر نەچچە يىل ئىچىدە، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتتى. بۇ چاغلاردا، ئۇنىڭ ئاكىسى ۋە ئىنىسىنىڭ مەكتەپكە بېرىشى ئۈچۈن پۇل كېرەك ئىدى.

دۆۋلېتقان باشقىلاردىن كۆمۈر كاندا ئىشلىسە كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۈرۈمچىدىن باركۆلگە قايتىپ، ناھىيەلىك كۆمۈر كاننىڭ قۇدۇق ئاستى كان ئىشچىسىغا ئايلاندى. نەچچە يىلدىن كېيىن، ئۇ ئۆيلىنىپ بالىلىق بولدى، تۇرمۇش يۈكى تېخىمۇ ئېغىرلاشتى، نامراتلىقنىڭ كۆلەڭگىسىنى قوغلاپمۇ قوغلىۋېتەلمىدى.

2014-يىلى، دۆۋلېتقان ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە، ئۇ ئەمىن ئۆيدە ئولتۇردى، يەنە سەۋلېگۈل ئىسىملىك ياردەم بەرگەن-يۆلىگەن كادىر بىلەن تونۇشتى. سەۋلېگۈل مۇلايىم، مېھرىبان بىر ھەدە بولۇپ، ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلدى، دائىم ئۇنىڭ كىرىم يولى تېپىپ بېيىشى ئۈچۈن ئامال-چارە ئىزدىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «كونىلار <ئادەم ھۇرۇن بولسا، بايلىقى ئۇزاققا بارمايدۇ؛ ئىشچان بولسا، نامراتلىقى(ئۇزۇنغا بارمايدۇ)> دېگەن، دۇنيادا ئەمگەك قىلماي راھەت كۆرىدىغان ياخشى ئىش يوق، جاپالىق ئەمگەك سىزنىڭ بەخت ئىشىكىنى ئېچىشىڭىزدىكى ئاچقۇچ، باياشات تۇرمۇشقا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز ئەمگەك قىلىشقا تايىنىشىڭىز كېرەك.» دۆۋلېتقان بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن چوڭقۇر ئويغا چۆمدى.

شۇ يىلى، كۆلياقا يېزىلىق ھۆكۈمەت دۆۋلېتقانغا نامراتلارنى يۆلەش چارۋىسى تارقىتىپ بەردى، چارۋا بېقىشقا تايىنىپ، ئۇنىڭ ئاستا-ئاستا ئۈچ كالىسى، 20 قويى بار بولدى، تۇرمۇشى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلاندى. ئۇ ئەمگەك جەريانىدا بەخت ۋە خۇشاللىققا ئېرىشتى.

2015-يىلى، دۆۋلېتقان باركۆل كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ ئامانلىق ساقلىغۇچىسىغا ئايلاندى.

باركۆل كۆلى مەنزىرە رايونىغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەر ناھايىتى كۆپ ئىدى، دۆۋلېتقان باشقىلارنىڭ سودا قىلىپ، ساياھەت جانلانغان مەزگىلدە نۇرغۇن پۇل تاپقانلىقىنى كۆرۈپ، مەنزىرە رايونىدىكى بىر يايما ئورنىغا ئىلتىماس قىلىپ، ئۆزى ياسىغان سۈت مەھسۇلاتلىرىنى تىزدى، يەنە قالپاق، ئۇششاق يېمەكلىك، ئويۇنچۇق قاتارلىقلارنى كىرگۈزۈپ، ئىشىكى ئالدىدا ئۇششاق تىجارەت قىلدى. يايما ئورنىنىڭ چېدىر، جوزا، ئىجارە ھەققى، سۇ، توك پۇلى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ھۆكۈمەت ئۈستىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئۇ پەقەت مال كىرگۈزۈپ، سودىنى ياخشى قىلىشقا مەسئۇل بولسىلا بولاتتى. بۇ كىچىك يايما ئورنى ئۇنى ھەر يىلى 15 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم بىلەن مەنپەئەتلەندۈردى.

گەرچە باركۆل كۆلى مەنزىرە رايونىدا بىر يىلدا ئاران ئۈچ ئايلا يايما ئاچقىلى بولسىمۇ، لېكىن دۆۋلېتقان بۇنىڭدىن سودا پۇرسىتىنى توغرا تېپىپ، سودا قىلىشنىڭ لەززىتىنى تېتىدى.

ئۇ 30 مىڭ يۈەن ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇلغا ئىلتىماس قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى 10 مىڭ يۈەنگە بىر ماروژنى ماشىنىسى سېتىۋېلىپ، مەنزىرە رايونىدا ماروژنى ساتتى، سودىسى ناھايىتى ياخشى بولدى.

بۇ دۆۋلېتقاننىڭ تۇنجى سودا يايمىسى ئىدى.

ئۇ شۇ جايدىكىلەرنىڭ مەخسۇس چېدىر سېتىۋېلىپ، توي-تۆكۈن ۋە ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرىنى قىلىدىغان كىشىلەرگە ئىجارە بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ، 30 مىڭ يۈەن ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇلنىڭ بىر قىسمىنى خەجلەپ، بىر چېدىر سېتىۋېلىپ ئىجارىگە بەردى. بۇ خىل چېدىر يېنىك، ئەپلىك، بوشلۇقى چوڭ، ئەنئەنىۋى كىگىز ئۆيلەرگە سېلىشتۇرغاندا قۇراشتۇرۇش ئاسان بولغاچقا، ئىجارىگە ئالىدىغانلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ھەر يىلى ئۇنىڭ كىرىمىنى 30~40 مىڭ يۈەنگىچە ئاشۇردى.

بۇ دۆۋلېتقاننىڭ ئىككىنچى سودا يايمىسى. بۇ يايما ئەڭ كۆپ پۇل تاپىدىغان، شۇنداقلا ھەم ئەڭ كۈچ تېجەيدىغان يايما ئىدى.

بۇ بىر نەچچە يىلدا، دۆلەتنىڭ سۇلۇق يەرلەرنى قوغداش سالمىقىنى زورايتىشىغا ئەگىشىپ، باركۆلنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى بارغانسېرى ياخشىلاندى، ھەممىلا يەردە يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇلارنى كۆرگىلى بولىدىغان بولدى، ئىلگىرى قۇرۇپ ئىزى يوقۇلۇشقا بېرىپ قالغان تىكەن گۈللەر بۈگۈنكى كۈندە تومۇز كېلىشى بىلەنلا ئاجايىپ گۈزەل ئېچىلىدىغان بولدى. باركۆل خۇاجۇاڭزى كەنتى، تۇداۋخې كەنتىدىكى تىكەن گۈللەرمۇ ئاجايىپ گۈزەل ئېچىلدى، يىراقلارغا نەزەر تاشلىغاندا، ھەممە يەرنى قاپلىغان سېرىق گۈل خۇددى ئۇپۇقىغىچە يېيىلغان غايەت زور گىلەمگە ئوخشايتتى. 2018-يىلى، باركۆل بۇ يەرنى ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، تىكەن گۈل بايرىمى ئۆتكۈزۈپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

دۆۋلېتقان خۇايۈەن يېزىسى تۇداۋخې كەنتىدىكى ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىغا بېرىپ بىرەر تۈرنى تۇتۇشنى ئويلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىزگە شۇنچە ياخشى سۇپا ھازىرلاپ بەردى، شۇنچە كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش يولى بىلەن تەمىنلىدى، ئۆزىمىز كۈنىمىزنى يەنە ياخشى كەچۈرەلمىسەك، يەنە كىمدىن ئاغرىنىمىز؟»

ئۇ نېمە ئىش قىلسا ياخشى بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىۋاتقاندا، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئىنىسى قايتىپ كەلدى، ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەن مەسلىھەتلىشىپ، تۇداۋخې كەنتى ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسىدا شېرىكلىشىپ ئاشخانا ئېچىپ، ئۈچىنچى سودا يايمىسىنى ئاچتى.

«بۇ ئاشخانا 2019-يىلى ئېچىلدى، تىجارەت ۋاقتى قىسقا، تاپىدىغان پۇل كۆپ ئەمەس، لېكىن مەن كېيىنچە بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى دۆۋلېتقان تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.

2019-يىلى كۈزلۈك يىغىم پەسلى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇزۇنغا سوزۇلغان قىش يېتىپ كەلدى، دۆۋلېتقان ئۆيىدە بىكار ئولتۇرۇپ، ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىشنى خالىمىدى، ئۇ پىكاپ ھەيدەپ ئۈرۈمچى، قومۇل قاتارلىق جايلارغا بېرىپ مال توشۇپ، بىر ئايدىلا 4000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپتى.

دۆۋلېتقاننىڭ تۇرمۇشى ئاتا-بوۋىسىنىڭكىگە ئوخشىمىدى، گەرچە ئۇمۇ چارۋا باققان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئۇنىڭ بىردىنبىر تىرىكچىلىك ۋاسىتىسى بولۇپ قالمىدى، ئۇ سۇ، ئوت-چۆپ قوغلىشىپ ياشايدىغان ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئەندىزىسىدىن قۇتۇلۇپ، سىرتقى دۇنيانى كۆردى. سۇپا ۋە پۇرسەت بولغان ھامان، ئۆزىنىڭ ئىشچان قولىغا تاياندى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشەندى.

بۈگۈنكى كۈندە دۆۋلېتقان نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. ئۇ ھەر كۈنى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئۆزىنىڭ ئۈچ سودا يايمىسى ئارىسىدا چېپىپ، ئالدىراش ھەم خۇشال يۈرىدۇ.

قولىدا ئېشىنچا پۇل بولغاندا، دۆۋلېتقان خوتۇنىغا كۆلياقا يېزىسىنىڭ چازىخۇ كەنتىدىن بىر ئېغىز يولغا قارايدىغان دۇكاننى ئىجارە ئېلىپ بەردى، بىر تەرەپتىن ئائىلىسىدىن خەۋەر ئېلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن كىيىم-كېچەك ساتقاندا، ھەر يىلى يەنە خېلى كۆپ پۇل تاپالايتتى. بىر ئائىلە كىشىلىرى شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتتىكى، گۈزەل تۇرمۇش ئەمگەك ئارقىلىق گۈزەل ئىدى.

ئاپتور: چيۇ يۇڭمېي

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى