ھۈنەرخانىدا ئىشلەپچىقىرىشتىن كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقىچە
تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا بىر تۈركۈم نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇلدى
7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاقسۇ شەھىرى نان كەسىپلەر باغچىسىدىكى پىششىقلاش سېخىدا نان ياقماقتا.
(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ جېن فوتوسى)
شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: دولان يۇرتى مەكىتتىن چېگرا سودىسى يېڭى شەھىرى قورغاسقىچە، مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدىن ئوت يۇرتى تۇرپانغىچە، نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بىر گۈزەل مەنزىرىگە ئايلانماقتا. تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 6 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىدىن 15ى قۇرۇلغان، يەنە 18 نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇلۇۋېتىپتۇ.
نان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ياقتۇرىدىغان ئەنئەنىۋى مەززىلىك يېمەكلىك، ئۇزاقتىن بۇيان نان ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەرخانا شەكلىدە مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن، كەسىپ بولۇپ شەكىللەنمىگەن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار ئارقا - ئارقىدىن بىر قاتار سىياسەت، تەدبىرلەرنى چىقىرىپ، نانچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى ۋە قاتلىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى، بىر تۈركۈم نانچىلىق كەسىپلەر باغچىلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى نانچىلىق كەسپىنى كۆلەملەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلدى. ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە، ھەرقايسى جايلار نانچىلىق كەسىپلەر باغچە رايونىغا تايىنىپ، كەسىپ ھاسىلىي مەھسۇلاتلىرىنى پائال ئېچىپ، كەسىپ تەرەققىياتىدىكى باشلامچى كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈپ، ئالاقىدار يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشقا تۈرتكە بولۇپ، نانچىلىق كەسپىنى تارقاق، كىچىك كۆلەمدىن كۆلەملەشتۈرۈپ، ئىنچىكىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نانچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.
ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىدىكى ئالاقىدار زاتنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلمىي ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت كاپىتالىنى پائال قوبۇل قىلىپ، شارائىتى بار رايونلاردا نانچىلىق كەسىپلەر باغچە رايونى تەسىس قىلىپ، بازارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان كۆپ خىل پەرقلىق مەھسۇلاتلارنى ئېچىپ، ناننى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، نانچىلىق كەسپىنى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىدىكى كۈچلۈك تۇتقا قىلىپ، ھەم يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىندىكى كەسىپلەرنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى تىجارەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، نانچىلىق كەسپىنىڭ ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ھەل قىلىش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇشتىكى تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇۋېتىپتۇ.