تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

ئالتاي ۋىلايىتىدىكى 270 مىڭ 900 مو يەردىكى بۇغداي ئورۇش باسقۇچىغا كىردى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر دۇ پىڭفېي خەۋىرى): ھازىر، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتىدە 270 مىڭ 900 مو بۇغداي ئورۇش باسقۇچىغا كىردى، ھەر قايسى ناھىيە (شەھەر)لەردىكى تېرىقچىلار ھاۋا ئوچۇق، پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بۇغداي ئورۇپ، ئاشلىقنىڭ ئامبارغا تولۇق كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلماقتا.

بۇ بىر قانچە كۈندە، جېمىنەي ناھىيەسىنىڭ ئۇلاستى بازىرى چوڭ كۆكچى سۇغىرىش رايونىنىڭ بۇغدايلىقىدا، كومبايىنلار ئۇياق-بۇياققا چېپىپ، ئېتىزدا ئالدىراش مەنزىرە شەكىللەندى. بۇغداي تېرىغۇچى ليۇ جىچاڭ مۇنداق دېدى: «بىز ئىككى كومبايىن بىلەن بىرلىكتە مەشغۇلات قىلماقچى بولدۇق، كۈنىگە 400 مو بۇغداي ئورۇيالايمىز».

جېمىنەي ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك-يېزا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ياڭ يۈنفانىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل جېمىنەي ناھىيەسىنىڭ بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمى 42 مىڭ 600 مو بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئورگانىك بۇغداينىڭ تېرىلغۇ كۆلىمى 14 مىڭ 100 مو، ئومۇمىي تېرىلغۇ كۆلىمى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 20 مىڭ مو ئاشقان. نۆۋەتتە تۈرلۈك كومبايىندىن 11نى ئىشقا سېلىپ، بالدۇر ئورۇش، بالدۇر قۇرۇتۇش، ئامبارغا بالدۇر كىرگۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇغداينىڭ ئامبارغا تولۇق كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلغان. 8-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە، بۇ ناھىيە 11 مىڭ مو يەردىكى بۇغداينى ئورۇپ بولغان بولۇپ، ھەر مو يەردىن 450 كىلوگىرام ئەتراپىدا ھوسۇل ئالغان.

جىڭ ناھىيەسىنىڭ چاغانغول يېزىسى جالتىرتاس كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى قۇداباي مىرانبېكنىڭ بۇغدايلىقىدا، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتچىلىرى ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «بۇ يىل مەن تېرىغان ئون مو بۇغدايدىن مول ھوسۇل ئالدىم، ھازىر ھەممىسىنى ماشىنا بىلەن ئورۇۋاتىمىز، ھەم ۋاقىت، ھەم كۈچ تېجەلدى».

ئىگىلىنىشىچە، 8-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە، ۋىلايەت بويىچە جەمئىي 15 مىڭ 981 توننا بۇغداي سېتىۋېلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە، كۈزگى بۇغداي 247 توننا بولۇپ، ھەر كىلوگىرامىنىڭ سېتىۋېلىنىش باھاسى 2.50 يۈەن بولغان؛ يازغى بۇغداي 15 مىڭ 734 توننا بولۇپ، ھەر كىلوگىرامىنىڭ سېتىۋېلىنىش باھاسى 2.20 يۈەندىن 2.45 يۈەنگىچە بولغان.

قەلبىنۇر ھېزىم تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى