خې خۇڭيى 2013-يىل كەسىپ ئالماشتۇرۇپ، ئۈرۈمچى ناھىيەسى بەنفاڭگۇ بازىرىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە بەنفاڭگۇ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، بىرىنچى شۇجى بولغان. ئۇ 2208 كەنت ئاھالىسىنىڭ يۇقۇمغا قارشى جەڭ «قوماندانى»، شۇنداقلا ئۇلارنى غەمدىن خالاس قىلىدىغان، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىدىغان باشلامچى. خې خۇڭيى: «مەن 26 يىل قىسىمدا تۇرغان، 30 يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە ھەربىيدىن كەسىپ ئالماشتۇرغان كادىر، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بۇيرۇقىنى ئاڭلاپ ھەرىكەتكە كەلدىم، يۇقۇمغا قارشى جەڭدە مەن بار، بىز چوقۇم غەلىبە قىلىمىز!»
تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرلار ۋاڭ چىمىڭ، چىن پېڭ، يىن تۇڭيۈەن، ياڭ گۇاڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار لى يۈمېي، نى زىلى، چېن يۈنلياڭ، جاۋ لىتىڭ خەۋىرى، فوتوسى) «ھەربىي لاگېردىن چېكىنىپ چىققان تەقدىردىمۇ، قەلبىمىزدىكى ئاتاكىغا ئۆتۈش سىگنالى بىزنى كۈرەشكە چاقىرىپ، يۇقۇمغا قارشى بۇ ئالاھىدە جەڭدە غەلىبە قىلىشقا چاقىردى!» دېدى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىي جوۋ يوۋچياڭ 8-ئاينىڭ 20-كۈنى مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا.
جوۋ يوۋچياڭ شىنجاڭ شياڭدا شىجى قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى شۆبە شىركىتىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى. 7-ئاينىڭ 17-كۈنى ئەتىگەندىلا، ئۆزى تۇرۇشلۇق ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) شىنشىڭ مەھەللىسىنىڭ پىدائىيلارغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلگەن بۇ كومپارتىيە ئەزاسى، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىي دەرھال تىزىملاتتى. نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش-ئۆلچەشتە، ئۇ ئاھالىلەرنى تەرتىپنى ساقلاشقا پائال يېتەكلىدى، ئاھالىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا، ئۇ سەۋرچان، ئىنچىكە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاپتوموبىل ھەيدەپ مەھەللىنىڭ ئاغرىقلارنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىش-ئەكىلىشى، ئايرودۇرۇم ۋە ۋوگزاللاردىن ئۈرۈمچىگە كەلگەن ھەم ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىدىغانلارنى ئاپىرىش-ئەكىلىشىگە ماسلاشتى.
ئەمەلىيەتتە، ئۈرۈمچىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش جېڭىدە، يەنە جوۋ يوۋچياڭغا ئوخشاش نۇرغۇن ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىپ، ھەربىيلەرنىڭ خىسلىتى ۋە تەشەببۇسكارلىقى، مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى.
ئارمىيەدىن چېكىنگەن بۇ ھەربىيلەرنىڭ ھەربىيلىك ھاياتى ئاز بولغانلىرىنىڭ ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە، كۆپ بولغانلىرىنىڭ 20 يىلدىن ئاشىدىغان بولۇپ، يالقۇنجاپ تۇرغان ياشلىق باھارى، جۇشقۇنلۇققا تولغان ھەربىي لاگېر ئاللىبۇرۇن بۇ پەرزەنت ئەسكەرلەرنىڭ جىسمىدا چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان ئىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى كومپارتىيە ئەزاسى، يەنە بەزىلىرى مەھەللە كادىرى، 1- شۇجى، بەزىلىرى تېببىي خادىم، بەزىلىرى پىدائىي، ئۇلار ھەربىي فورمىسىنى سېلىۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىن خەلق ئېھتىياجلىق بولغاندا، يەنىلا بىر پىشقەدەم ئەسكەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، يۇقۇمغا قارشى كۈرەش قىلدى، «ئەگەر جەڭ بولسا، چاقىرغان ھامان كېلىمىز» دېگەن جاراڭلىق قەسىمىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى.
جوۋ يوۋچياڭ، 2012-يىلى ئارمىيەدىن چېكىنگەن، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) شىنشىڭ مەھەللىسىنىڭ پىدائىيسى. جوۋ يوۋچياڭ مۇنداق دېدى: «ئارمىيەدىن چېكىنگەن بولساقمۇ، قەلبىمىزدىكى ئاتاكىغا ئۆتۈش سىگنالى بىزنى جەڭگە چاقىرىدۇ!».
ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىي پىدائىي ۋۇ جيەنشىن(ئوڭدا) ۋە چىن شىجۈن. ۋۇ جيەنشىن، 1992-يىل ئارمىيەگە قاتناشقان، 2004-يىل ئارمىيەدىن چېكىنگەن. بۇ قېتىم يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى چىماشەن مەھەللىسى يىخې شەنجۇاڭدا تۇرۇشلۇق ئارمىيەدىن چېكىنگەن بۇ ئىككى ھەربىي ئىلتىماس قىلىپ پىدائىي بولۇپ، باشقا ھەمراھلىرى بىلەن بىرلىكتە ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلدى. ئۇلار مۇنداق دېدى: «يۇقۇمغا قارشى جەڭدە بىز قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرساق بولمايدۇ، ھەربىيلەرنىڭ خىسلىتىنى نامايان قىلىپ، قىزغىنلىق بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىمىز كېرەك».
جۇاڭ تىجۈن، 1993-يىلى ئارمىيەدىن چېكىنگەن، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى باھار يولى جەنۇبىي مەھەللىسى شىنچېن ئولتۇراق رايونىنىڭ پىدائىيسى. جۇاڭ تىجۈن مۇنداق دېدى: «ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىي بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، تۆنۈگۈنىمىزگە ئۆكۈنمەي، ئەتىمىزدىن ئەندىشە قىلماي، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىمىز».
جېڭ تاۋ، 1995-يىلى ئارمىيەدىن چېكىنگەن. يۇقۇم مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسى ئائىلىلىكلەر قورۇسىدا پىدائىي بولۇپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى. جېڭ تاۋ مۇنداق دېدى: «ھەربىيلىك ھاياتى بىزنى جاپادىن قورقمايدىغان، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىن باش تارتمايدىغان قىلدى».
جاڭ زۇۋېي، 1989-يىلى ئارمىيەدىن چېكىنگەن. ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى باھار يولى جەنۇبىي مەھەللىسى شىنچېن ئولتۇراق رايونىنىڭ پىدائىيسى. جاڭ زۇۋېي مۇنداق دېدى: «مەن ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىي، گەرچە ھەربىي فورمىنى سېلىۋېتىپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن بولساممۇ، خىسلىتىمنى يوقاتمايمەن. مەن ھەربىيلەرنىڭ ئېسىل پەزىلىتىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، جان-دىلىم بىلەن ئاھالىلەرگە خىزمەت قىلىمەن».