تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىرخىللاشقان رىقابەتنى ھەل قىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشىپ كاپالەتلىك قىلىش

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاڭ جىلى، ياڭ شۇخەن، ۋاڭ جېن، ئەن شىيۈ، جانبولات ماناربېك

يېزا ئىگىلىكىدە تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەريانىدا، ئاپتونوم رايونىمىز مەۋقەنى ئېكولوگىيە ئەۋزەللىكى ۋە جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قويۇپ، ئاشلىق، پاختا، چارۋا مال، باغ - ئورمان، كۆكتات، خاس زىرائەتلەرنى كەسىپلەر بويىچە ئورۇنلاشتۇردى، ھەرقايسى جايلاردىكى ھۆكۈمەتلەر، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش كارخانىلىرى ۋە دېھقانلار بىرخىللاشقان رىقابەتنى ھەل قىلىشتا تېخىمۇ ئېنىق پىكىر يولىغا ئىگە بولدى، ھوسۇل ۋە كىرىمنى ئاشۇرۇشتا تېخىمۇ ئېنىق نىشانغا ئىگە بولدى.

يېزا ئىگىلىكى تەمىنات قۇرۇلمىسى ۋە بايلىق تەقسىماتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئەلالىشىشى، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئەندىزىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تىپ ئۆزگەرتىشى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپىتىنىڭ يەنىمۇ ئۆسۈشى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ يەنىمۇ ئۇزىرىشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش مىقدارى ۋە سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان كارخانىلار ۋە دېھقانلارغا تېخىمۇ كۆپ پايدا ئېلىپ كەلدى.

ھوسۇلنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، تىپنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش

ئېڭىزلىقتىكى توم - توم بۇغداي غوللىرىدا مول ھوسۇل ئىزى قالغانىدى، كۆكتات بازىسىدىكى كەينى - كەينىدىن ئۇلاپ ئۆستۈرۈش مال مەنبەسىنى بېيىتتى، ياڭاق، چىلان، نەشپۈت قاتارلىقلار كۆپلەپ مېۋىگە كىردى... 8 - ئايدىكى ئاۋات ناھىيەسىدە دالىلاردا يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسى تەڭشەلگەن، ئېتىزلار تۈجۈپىلەپ تېرىلغان، دېھقانلار مول ھوسۇلنى خۇشال - خۇرام كۈتۈۋالغان مەنزىرە بارلىققا كەلدى.

ھوسۇلنىڭ ئېشىپ، ئۈنۈمنىڭ ئۆسۈشى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇلازىمەتتە يېڭىلىق يارىتىش، پەن - تېخنىكا كۈچ بېغىشلاش، ئۇچۇر تىرىكى ئارقىلىق «ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش، كېۋەزنى ئەلالاشتۇرۇش، باغۋەنچىلىكنى كۈچەيتىش، چارۋىچىلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، خاس كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش» يولىدا ياخشى ماڭغانلىقىدىن بولدى. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى يەن خۇا مۇنداق تونۇشتۇردى: يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز - ئېرىق قۇرۇلۇشى، كېۋەز سورتىنى ئەلالاشتۇرۇش، زاكازلىق ئىشلەپچىقىرىشنى قانات يايدۇرۇش، ئۆلچەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىشقا تۈرتكە بولۇش، باغ - ئورمانچىلىق تېخنىكا مۇلازىمىتى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنى يېتىشتۈرۈش، زورايتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىرخىللاشقان رىقابەتنى ھەل قىلىش، ھوسۇلنى ئاشۇرۇپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشكە تىرىشىپ كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرلىرى ھېسابلىنىدۇ.

«مەن 14 مو يەرگە بادام تىكتىم، ئەسلىدە بىر مو يەردىن ئاران 100 كىلوگىرام ئەتراپىدا ھوسۇل ئالغىلى بولاتتى. 2018 - يىلىدىن باشلاپ، تېخنىكلار ئىشىك ئالدىغىچە كېلىپ، ئۇلاپ سورتنى ياخشىلاش، چېچەكلەشتىن بۇرۇن ئوغۇتلاش، چېچەكلەش مەزگىلىدە چاڭلاشتۇرۇش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن بىزنى ھەقسىز تەمىنلىدى، بادامنىڭ مو بېشى ھوسۇلى 280 كىلوگىرامغا يەتتى، مېۋىسىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى چىرايلىقلاشتى، باھاسىمۇ ئىلگىرىكىدىن ئوبدان بولدى» دېدى يەكەن ناھىيەسى ئارال يېزىسى بۆلۈمە كەنتىنىڭ ئاھالىسى مەمەتئىمىن تۇرسۇن 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنى.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.7 ئاشقان. بۇغداي ھوسۇلى %0.1، چوشقا، كالا، قوي، ئۆي قۇشلىرىنىڭ قوتان - كاتەكتە بېقىلىۋاتقان سانى %3.9 ئاشقان، مېۋە - چېۋە ھوسۇلى %26.7 ئاشقان، كۆكتات ۋە يېمەكلىك زەمبۇرۇغى ھوسۇلى %11.4 ئاشقان.

يېشىل تەرەققىي قىلىپ سۈپەتلىك ماركا يارىتىش

بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز ئورگانىك، يېشىل، ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگىسى ۋە ئېكولوگىيەلىك ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جاي قوغداش بازىسى قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، ئەۋزەللىك ۋە خاسلىقنى جارى قىلدۇرۇپ، ساغلام، قۇۋۋەتلىك فۇنكسىيەلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتتى.

باغ - ئورمان كۆلىمى 14 مىليون مودىن ئاشىدىغان جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا، كەڭ باغۋەنلەر يېشىل ئۆستۈرۈش، پەرۋىش قىلىشنىڭ تەمىنى تېتىدى. «ياڭاق ئۆستۈرۈش كۆلىمى ۋە ھوسۇلىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بازار رىقابىتى بارغانسېرى كەسكىنلەشتى، لېكىن ئورمانچىلىق مەيدانىمىزدىكى ياڭاقلارنىڭ سېتىلىش باھاسى باشتىن - ئاخىر بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، ھەر يىلى مەملىكەت بويىچە كۆرگەزمە، يەرمەنكىلەردە مۇكاپاتقا ئېرىشىپ كەلدى، بۇلتۇر يەنە دۇبەيگە 300 توننا ياڭاق ئېكسپورت قىلدۇق. رىقابەت كۈچىمىز ئىلمىي سۇغىرىش، ئوغۇتلاش، پەرۋىش قىلىش ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئۆستۈرۈشتىن كەلگەن» دېدى ئونسۇ ناھىيەسى مۇبېن ئاشلىق - ياغ - ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ ئىشچىسى جاۋ ۋۇجۇڭ.

مۇخبىرلارنىڭ ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى تۇپراق - ئوغۇت ۋە يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەش تەتقىقات ئورنى تەتقىق قىلىپ ياسىغان يېڭى تىپتىكى ئوغۇت سېرىق چىرىندى كىسلاتالىق ئاممونىي دى فوسفات بىرىكمە ئوغۇتىنى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ئونسۇ ناھىيەسىدە تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ خىل ئورگانىك ئوغۇتنى چۆنەك ئېچىپ كۆمۈش ھاجەتسىز بولغاچقا، ئوغۇت، ئەمگەك كۈچى تېجىلىپ، ھەر مو يەرنىڭ تەننەرخنى تېجەپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش قىممىتى 300 يۈەنگە يېتىدىكەن، نۆۋەتتە ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە ئەتراپتىكى ۋىلايەت، ئوبلاستلاردا ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئىشلىتىلىۋېتىپتۇ.

«ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىز مېۋىلىك دەرەخ، بۆلجۈرگەن، تاۋۇز، قوغۇن، تاتلىق قوناق ئۆستۈرۈش، توخۇ، ئۆردەك، غاز بېقىشنىڭ ھەممىسىدە يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرغاچقا، مەھسۇلاتلىرىمىز شەھەرلىكلەرنىڭ ناھايىتى ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. بۇنىڭدىن كېيىن، يېشىل، زىيانسىز يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىسى بەرپا قىلىپ، يېشىل، ساغلام يېمەكلىكلەرنى تېخىمۇ يىراقلارغا ساتىمىز» دېدى دۆربىلجىن ناھىيەسى جاربۇلاق دېھقانچىلىق مەيدانى شياداچۈ كەنتى شېڭجىڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزاسى دەي شىڭلۇ.

ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى جىپسىلاشتۇرۇپ پۇرسەت ئىزدەش

«ئىلگىرى بىز ئۆستۈرگەن ئۆرۈكلەرنىڭ ھوسۇلى تۆۋەن، سېتىش يوللىرىمۇ راۋان ئەمەس ئىدى، پۇلغا يارىمىغاچقا ئۆرۈكلەرنى كالتەك بىلەن قېقىپ چۈشۈرەتتۇق. بۇ ئىككى يىلدا، ئۆستۈرۈشتە تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەندۇق، سېتىشتا كارخانىلار سېتىۋالىدىغان بولدى، بىر كىلوگىرام ئۆرۈكنى ئون يۈەنگە ساتالايدىغان بولدۇق. بىز ئۆرۈك ئۈزگەندە زېدە قىلىۋېتىشتىن ئەنسىرەپ، ھەممىسىنى بىر تال، بىرتالدىن ئۈزدۇق» دېدى ئۆرۈك ساتقان پۇلىنى تاپشۇرۇۋالغان يېڭىسار ناھىيەسى ئوچار بازىرى يېڭىمەھەللە كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى توختى غوپۇر 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى مۇخبىرلارغا.

زاكاز بويىچە ئۆرۈك سېتىۋالىدىغان شىنجاڭ يوۋلېگو يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئۆرۈكتىن قاق، مېغىز، بالقاق، مېۋە ئۇيۇتمىسى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى پىششىقلىدى. بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ يۈچيەن مۇنداق دېدى: «شىركىتىمىز بېيجىڭ، شاڭخەي، تيەنجىن، گۇاڭجوۋدا 50 نەچچە بىۋاسىتە سېتىش دۇكىنى تەسىس قىلدى، بېيجىڭ، خېبېي، جېجياڭدا ئامبار قۇردى ھەم ئۈچىنچى تەرەپ ئارقىلىق چەت ئەلگە ئېكسپورت قىلدى».

ئاپتونوم رايونىمىزدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كارخانىسى 12 مىڭ 500گە يەتتى، شىنجاڭ يوۋلېگو يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە ئوخشاش مۇشۇنداق خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، ئوبوروت قىلىش، سېتىش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەن كارخانىلار بارغانسېرى كۆپەيدى.

شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش سۇپىسى قۇرۇپ، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىنىڭ پايدىسىنى سىجىل قويۇپ بېرىپ، تور ۋە تور سىرتىدىكى كۆپ مەنبەلىك سېتىش يوللىرىنى يۇغۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېتىز بېشىدىن تاماق ئۈستىلىگىچە بولغان ئوبوروتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ قولايلىق يارىتىپ بەردى.

نەنجىڭ شەھىرىدىكى «رەڭدار غۇلجا» دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ھېس قىلىش دۇكىنى نەنجىڭ شەھىرى بىلەن غۇلجا شەھىرىنىڭ ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىقىدىكى تور سىرتىدىكى ئەمەلىي دۇكان بولۇپ، دۇكانغا غۇلجا شەھىرىنىڭ يەتتە چوڭ خاس يۈرۈشلۈك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى تىزىلغان. بۇ يىل، نەنجىڭ شەھىرى ئارقا سەپ تەمىناتىدا سېتىۋېلىش، سودا بازىرى بەرپا قىلىش، تور سىرتىدىكى تور نۇقتىلىرىدا سېتىش، توردا ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق سېتىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت، ئىستېمالنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدىكى ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى چەكلەيدىغان قىيىن نۇقتا ۋە توسۇق نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، غۇلجا شەھىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئورگانغا كىرگۈزۈش، مەكتەپكە كىرگۈزۈش، كارخانىغا كىرگۈزۈش، ئىستېمال بازىرىغا كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ ھوسۇلنى ئاشۇرۇشى، كىرىمنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • دولانا پىشتى
  • شىنجاڭ كورلا: كىشىنى مەستخۇش قىلىدىغان كۈز مەنزىرىسى
  • ئالتۇن كۈزدىكى پاختا يىغىش ئالدىراشلىقى