تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خەلقنىڭ ساغلاملىقى، بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىمىز

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دوختۇرلار بايرىمى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەرنى ئىلھاملاندۇردى −

خەلقنىڭ ساغلاملىقى، بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىمىز

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

جۇڭگو دوختۇرلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەرنى بايراملىق تەبرىكلىدى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان تېببىي خىزمەتچىلەر چوڭقۇر ئىلھاملاندى، كۆپچىلىك باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، تېببىي ئەخلاقنى قەدىرلەپ، داۋالاش تېخنىكىسىنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، تېببىي ئىستىلغا ئەمەل قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىگە ئېلىپ، تېبابەتچىلىك تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ساغلام جۇڭگو قۇرۇش، خەلقنىڭ ساغلاملىقى، بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«بىز تېببىي خادىملارنىڭ بۇرچى خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغداش، خەتەر سەۋەبىدىن چېكىنمەيمىز، جاپا - مۇشەققەت سەۋەبىدىن بوشىشىپ كەتمەيمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانا ئېغىر كېسەللەر تېببىي 2 - بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ما لۇڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھال سورىغانلىقىدىن ئىنتايىن ئىللىقلىق ھېس قىلغانلىقىنى، قەلبىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچ - قۇدرىتىگە تولغانلىقىنى ئېيتتى، «دوختۇرخانىدا يەنە قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا ئېھتىياجلىق ئاغرىقلار بار. بىز باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھېرىپ - چارچاشتىن قورقماي، جاپا - مۇشەققەتتىن قورقماي، باتۇرلۇق بىلەن ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىمىزگە ئالىمىز، ئاغرىقلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىپ دوختۇرخانىدىن چىقىشى بىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيىمىز».

ياڭ شۆيۈ ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى تەجرىبىخانىسىنىڭ خادىمى، ئۇ ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان مۇداپىئە كىيىمى كىيىپ، بېشىدىن ئايىغىغىچە «قوراللىنىپ»، ھەر كۈنى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش تەجرىبىخانىسىغا كىرىپ ئاز دېگەندە تۆت - بەش سائەت ئىشلەيدۇ، «باش شۇجىنىڭ يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش بىرىنچى سېپىدىكى تېببىي خىزمەتچىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىدىن زور ئىلھاملاندىم. يۇقۇمنىڭ ئۆزى بۇيرۇق! بىز تەكشۈرۈش تەجرىبىسىنى تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ دەل، توغرا ئىشلىسەكلا، ئاندىن يۇقۇمنى ياخشى تىزگىنلەشكە ياردەم بېرەلەيمىز. ۋىرۇسنى مەغلۇپ قىلىش، پۇقرالارنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىنى قوغداش ئۈچۈن، قىلغانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئەرزىيدۇ».

يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى نېرۋا ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ كاندىدات مۇدىر ۋىراچى باۋ گوچىڭ بۇ دوختۇرخانىنىڭ قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىگە ئاجرىتىپ ئەۋەتىلىپ، نەچچە ئون دوختۇر - سېسترا بىلەن بىرلىكتە بىر تەرەپتىن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان گۇمانىي ئاغرىقلارنى ئىلغاپ تەكشۈرسە، بىر تەرەپتىن باشقا خەتەرلىك، ئېغىر ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، «مەن باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەۋقەنى ئىش ئورنۇمغا قويۇپ، داۋالاش تېخنىكىسىنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، ئاغرىقلارنىڭ ھاياتىنى قوغدايمەن».

ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى داۋالاش مەمۇرىيىتى، داۋالاشنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى فېڭ دۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ھەرىكىتىمىزدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش، تېببىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، تېببىي پەن - تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش رولىمىزنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، خەلققە مۇلازىمەت قىلىدىغان تېخىمۇ كۆپ ياخشى دوختۇرلارنى تەربىيەلەيمىز؛ تېببىي خادىملارنىڭ تەن ساغلاملىقىغا چىن قەلبىمىزدىن كۆيۈنۈپ، ئۇلارنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىمىز.

«داۋالاش - سەھىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى تېببىي خىزمەتچىلەرنىڭ جاپالىق ئەجرىدىن ئايرىلالمايدۇ.» ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئۇل تەتقىقات باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى يۈ يىڭرۇڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، پەن تەتقىقات سۇپىسى قۇرۇلۇشى، پەن - تېخنىكا تۈرى سېلىنمىسى ھەم ئىختىساسلىقلار مەدىتى قاتارلىق تەرەپلەردە داۋالاش - سەھىيە ئىشلىرى سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ داۋالاش - سەھىيە ساھەسىدىكى ئاچقۇچلۇق رولىنى تىرىشىپ جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەرنىڭ يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشىنى قوللاپ، داۋالاش تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ داۋالاش پەن تەتقىقات نەتىجىلىرى ئارقىلىق كەڭ پۇقرالارنى مەنپەئەتلەندۈرىمىز.

(مۇخبىر سۇ لۇپىڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار لى چۇنشيا، چاۋ جىن، يۈ مېڭرەن، شيې خۇيبيەن، پىراكتىكانت خۇ شۆشەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى