تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش تېزلىتىلدى قارا كۆمۈرنى «ئاق ئالتۇن»غا ئايلاندۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ليۇ شياڭ، شى شىن، جېن شىشىن، جاڭ ئاۋ، لۈ يىخەن، ئىختىيارىي مۇخبىر چاڭ يىيى

كىچىك كۆمۈر پارچىسىنى قاتلاممۇقاتلام ئىنچىكە، چوڭقۇر پىششىقلاپ «تولۇق ئىستېمال قىلىش» ئارقىلىق، تەبىئىي گاز، بېنزىن، ئورىيا، پولى ئولېفىن قاتارلىق نەچچە ئون خىل ساھە ھالقىغان مەھسۇلاتلارنى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ئارقىلىق كەسىپنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى، كەسىپ زەنجىرى، قىممەت زەنجىرى مىسلىسىز ئۇزارتىلدى، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش ئارقىلىق، قارا كۆمۈرنى «ئاق ئالتۇن»غا ئايلاندۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، شېنخۇا شىنجاڭ خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاپتوماتلاشقان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە سانسىزلىغان دانچىسىمان پولى ئولېفىن «ئوراپ» خالتىغا قاچىلىنىۋاتاتتى، بۇلار، ئىككىلەمچى كارخانىلارغا توشۇلۇپ، تۈرلۈك سولياۋ بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلىدۇ.

پولى ئولېفىننى ئىشلەپچىقىرىدىغان خام ماتېرىيال كۆمۈر، لېكىن زاۋۇت رايونىدا، قىلچىلىكمۇ كۆمۈر توزىنىنى كۆرمىدۇققۇ؟

«تولۇق يېپىق شەكىلدىكى كۆمۈر چۈشۈرۈش، ساقلاش، سەپلەش سىستېمىسىدا كۆمۈر توزانلىرىنىڭ ھەممە يەردە ئۇچۇپ يۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.» شېنخۇا شىنجاڭ خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى سۈپەت تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ۋۇ گوشياڭ بۇنىڭدىكى سىرنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «شىركىتىمىزنىڭ پۈتۈن يۈرۈش تېخنولوگىيە لىنىيەسىنى لايىھەلەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى يۇقىرى، ئۆلچىمى قاتتىق، تۈرلۈك مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەلىرىگە بىر يولىلا 3 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سالدۇق، بۇ ئاساسلىقى قالدۇق گازنى بىر تەرەپ قىلىش، كېرەكسىز سۇنى بىر تەرەپ قىلىش، قاتتىق تاشلاندۇقنى بىر تەرەپ قىلىش، ئۇۋاق كۆمۈرنى تۈزەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ».

سىجىل ياخشىلانغان ئىشلەپچىقىرىش تېخنولوگىيەسى كۆمۈر توزانلىرىنى كۆزدىن «بىراقلا يوقاتتى». كىشىلەر كۆرەلمەيدىغان جايدا، شېنخۇا شىنجاڭ خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى يەنە يېڭى دەۋردە كۆمۈردىن ئولېفىن ئىشلەپچىقىرىش كەسپىدىكى پاكىز يول ئۈستىدە كۈچەپ ئىزدەنمەكتە ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزمەكتە.

بايلىقتىن پايدىلىنىش تۈجۈپىلەشتۈرۈلۈپ، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنىڭ ئاساسى پۇختىلاندى.

«ئىشلەپچىقىرىشنى يۈرۈشتۈرۈش جەھەتتە، تېخنىكلار كۆپ تەرەپتىن كۆمۈر مەنبەسى ئىزدەپ، كۆمۈر ماسلاشتۇرۇش تەجرىبىسىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، گازلاشتۇرۇش پېچىغا ماس كېلىدىغان كۆمۈر تۈرى ۋە كۆمۈر ماسلاشتۇرۇش نىسبىتىنى ئوڭۇشلۇق تېپىپ چىقتى؛ تېخنولوگىيە تەرتىپىدە، «ئېنېرگىيە تېجەش 2 + 4» يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسىنى يېڭىلىق يارىتىپ قوللىنىپ، گازلاشتۇرۇش پېچىدا بەش پېچنىڭ ئورنىغا تۆت پېچ ئىشلىتىپ يۈرۈشتۈرۈش شەكلىنى قوللىنىپ، بىرىكمە گاز بىلەن يېتەرلىك تەمىنلەش ئېھتىياجىنى قاندۇردۇق، كۆمۈر يېقىلغۇ قىلىنىدىغان پار قازاندا ئۈچ قازاننىڭ ئورنىغا ئىككى قازان ئىشلىتىپ يۈرۈشتۈرۈش شەكلىنى قوللىنىپ، پۈتۈن زاۋۇتنىڭ پار تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئېھتىياجىنى قاندۇردۇق، گازلاشتۇرۇش پېچىنىڭ ئوتتۇرىچە ئايلىنىش دەۋرىنى 30 كۈنگە يەتمەيدىغان ئەھۋالدىن 70 كۈندىن كۆپرەككە ئۇزارتتۇق» دېدى ۋۇ گوشياڭ.

دۆلەت دەرىجىلىك يېشىل زاۋۇت بولۇش سۈپىتى بىلەن، شېنخۇا شىنجاڭ خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى يېشىل تەرەققىيات سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، ئېنېرگىيەنى ئايلاندۇرۇش نىسبىتىنى 2017 - يىلىدىكى %35تىن نۆۋەتتىكى %41كە ئۆستۈردى، بىر توننا ئېتىلېن ۋە پىروپىلېن ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى 2017 - يىلىدىكى 3178 كىلوگىرام ئۆلچەملىك كۆمۈردىن نۆۋەتتىكى 2657 كىلوگىرام ئۆلچەملىك كۆمۈرگە تۆۋەنلەتتى.

شىنجاڭدا، يېڭىلىق يارىتىلغان، ئەلالاشتۇرۇلغان تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كۆمۈر بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرغانلار يالغۇز شېنخۇا شىنجاڭ خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىلا ئەمەس. بۇ شىركەتتىن 100 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جايدا، زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قەد كۆتۈرمەكتە.

شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا كىرگەندە، يەر ئاستى بايلىقىغا يوشۇرۇنغان «قۇدرەتلىك كۈچ» بىلەن زامانىۋى سانائەت پەن - تېخنىكا ئۇلۇغ كۈچىنىڭ سوقۇلۇشىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، بۇنداق سوقۇلۇش گىرەلىشىپ يېشىل تەرەققىياتنىڭ ئىناق مېلودىيەسىنى ھاسىل قىلدى. 2014 - يىلى، شىنجاڭ گوتەي شىنخۇا خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى 11 مىليارد 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شەرقىي جۇڭغاردا كۆمۈرنى ئاساس قىلغان نازۇك خىمىيە سانائىتى ئايلانما ئىقتىساد سانائەت باغچىسىنى قۇردى، نۆۋەتتە بىرىنچى قارارلىق تۈردىكى يىلىغا 200 مىڭ توننا مېتانول ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسى، 400 مىڭ توننىلىق كالتسىي كاربىد قۇرۇلمىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى. «تۈر قۇرۇلمىسىغا تاللاپ ئىشلىتىلگەننىڭ ھەممىسى دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ئىلغار تېخنولوگىيە تېخنىكىلىرى، ئاساسلىق مەھسۇلاتلىرى كۆمۈرنى ئاساس قىلغان قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى نازۇك خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرى بولۇپ، شەرقىي جۇڭغار رايونىدىكى مول كۆمۈر بايلىقىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش ۋە چوڭقۇر پىششىقلاپ پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شۇ جاينىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى كەسىپ ئەۋزەللىكى ۋە ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ» دېدى شىركەت كەسپىي بۆلۈمىنىڭ باش دىرېكتورى خې شوۋفېڭ.

كەسىپ زەنجىرى ئەلالاشتۇرۇلۇپ ۋە ئۇزارتىلىپ، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنىڭ ئىستىقبالى كېڭەيتىلدى.

شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا، بىر قاتار سىياسەت، تەدبىرلەر كۆمۈر بايلىقىنى ئۇنىۋېرسال ئېچىش، ئۈنۈملۈك تەقسىملەش، تەكرار پايدىلىنىشقا يېتەكلەپ، بۇ جاينىڭ زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسىپ زەنجىرىنى يەنىمۇ ئۇزارتىشقا تۈرتكە بولدى، يۇقىرى ئېقىندىكى كارخانىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى ۋە قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى، ھەتتا كېرەكسىز داشقال، كېرەكسىز ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسى تۆۋەن ئېقىندىكى كارخانىلارنىڭ «ئالقىنىدىكى گۆھەر»گە ئايلاندى.

شىنجاڭ خۇڭرۇي ئاليومىنچىلىق چەكلىك شىركىتى ئاساسلىقى ئاليومىن قېتىشمىلىق ياپىلاق نۆكچە، پىروكاتلانغان يۆگەملىك خام ماتېرىيال قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئاليومىن قېلىپلاشقان ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. شىركەت ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لى شياڭمىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: زاۋۇتىمىز شەرقىي جۇڭغار ئاليومىن ئىنچىكە، چوڭقۇر پىششىقلاش كەسىپلەر باغچىسىدا قۇرۇلغان، يېقىن ئەتراپتىكى، شۇ جايدىكى ئېلېكتىرولىزلانغان ئاليومىن كارخانىلىرى چىقارغان ئاليومىن سۈيى ۋە ئاليومىن نۆكچىسىنى ئىشلىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، كۆمۈر - ئېلېكتىر - ئاليومىن ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىش كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈردى.

نۆۋەتتە، شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا ماكانلاشقان كارخانا 800دىن كۆپرەككە يېتىپ، جەمئىي 277 مىليارد 200 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىشنى تاماملاپ، كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، كۆمۈر ئېلېكتىر مېتاللۇرگىيەسى، يېڭى ماتېرىيال، يېڭى ئېنېرگىيەدىن ئىبارەت ئالتە چوڭ كەسىپنى شەكىللەندۈرۈپ، ئەۋزەل بايلىقلارنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش، ئۇل ئەسلىھەلەرنى كەڭ كۆلەمدە قۇرۇش، ئېنېرگىيە كەسپىنى كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇشتەك ھەمبەھرىلىنىش، ماسلىشىش ھالىتىنى بارلىققا كەلتۈردى. «بىرنەچچە يىللىق تىرىشچانلىق ئارقىلىق، بىز يۇقىرى ئۈنۈملۈك، پاكىز، يېشىل، ئايلانما تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقتۇق، زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى.» شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جوۋ يوۋرېن مۇنداق دېدى: «كېيىنكى قەدەمدە، بىز تىرىشىپ شەرقىي جۇڭغارنى دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى