تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

يۇقۇم مەزگىلىدە تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىڭىزدىن ئەنسىرىدىڭىزمۇ؟ ئۈرۈمچى شەھىرى قىسمەن تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى سىياسىتىنى تەڭشىدى

   ئانار بۇلۇت/ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىرلار گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن تۇڭيۈەن، جانات تولقىن): 8-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 17دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا 34-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

   بەزى شەھەر ئاھالىلىرى يۇقۇم مەزگىلىدە تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى ھەر ئايدا تولۇق تاپشۇرالماسلىق سەۋەبىدىن قەرز ئېلىشقا تەسىر يېتىشىدىن ئەندىشە قىلدى. بۇ ھەقتە، ئۈرۈمچى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چياۋ يى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان تاپشۇرغۇچى ئورۇن ۋە ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ مەبلەغ بېسىمىنى ئەڭ زور دەرىجىدە يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئاممىۋى فوندى مەركىزى قىسمەن تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى سىياسىتىنى ۋاقتىدا تەڭشىدى.

   بىرىنچى، بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتتە قىيىنچىلىقى بار كارخانىلار «ئۈرۈمچى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تاپشۇرۇشنى باشقۇرۇش چارىسى»نىڭ ئادەتتىكى تەرتىپى بويىچە، تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تاپشۇرۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ياكى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. كارخانىنىڭ تىجارەت ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كېيىن، تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تاپشۇرۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشكە ياكى تولۇقلاپ تاپشۇرۇشنى بېجىرىشكە بولىدۇ. 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، ئىدارە تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى ۋاقتىدا تاپشۇرالمىسا، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تاپشۇرۇش خاتىرىسى نورمال تاپشۇرۇش دەپ قارىلىدۇ. ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تاپشۇرۇش ۋاقتى ئۇدا ھېسابلانسا، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قەرز ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش ھوقۇق-مەنپەئىتىگە تەسىر يەتمەيدۇ.

   ئىككىنچى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملىنىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانغان ياكى تېببىي كۆزىتىلگەنلەر، بىرىنچى سەپتىكى داۋالاش خادىملىرى، مەھەللە خىزمەتچىلىرى، پىدائىيلار قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە قاتناشقان خادىملار، شۇنداقلا يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە كىرىم مەنبەسىدىن ۋاقتىنچە ئايرىلىپ قالغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى قەرزىنى نورمال قايتۇرالمىسا، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن قەرزنى قايتۇرۇپ بولسىلا، مەركىزىمىز قەرز پۇلنىڭ قەرەلى ئۆتۈپ كەتكەن بويىچە بىر تەرەپ قىلمايدۇ، قەرەلى ئۆتۈپ كەتكەنلىك خاتىرىسى سۈپىتىدە ئىناۋەت گۇۋاھلىقى تارمىقىغا يوللىمايدۇ.

   ئۈچىنچى، ئۆي ئىجارە ھەققىنى تۆلەشكە تېگىشلىك ئۆي ئىجارە ئالغۇچى ئىشچى-خىزمەتچىلەر توردا «بىر بېكەت شەكلىدە» ئۆي ئىجارە پۇلىنى چىقىرىپ ئېلىش كەسپىنى بېجىرەلەيدۇ. ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆيى يوق، تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى ئۇدا تاپشۇرغىنىغا ئۈچ ئاي بولغان ھەمدە ئۆيى يوقلۇقى ھەققىدىكى ئىسپات، ئىجارە ئالغانلىق ھەققىدىكى ئىسپات بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغان بولسا، «يان تېلېفون ئاممىۋى فوندى» APPسىغا بىۋاسىتە كىرىپ، ئۆي ئىجارە پۇلىنى چىقىرىپ ئېلىش كەسپىنى بېجىرسە بولىدۇ. ئۈرۈمچى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ خىزمەتچىلىرى توردا تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ، تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كېيىن دەل ۋاقتىدا ھېساباتقا كىرگۈزىدۇ. ئىشچى-خىزمەتچىلەر بازار ئارقىلىق ئۆي ئىجارە ئېلىپ تۇرغان بولسا، بىر يىلدىن ئېشىپ كەتمىگەن ئۆي ئىجارە ھەققىنى چىقىرىپ ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. چىقىرىپ ئېلىش ئۆلچىمىنىڭ يۇقىرى چېكى ھەر ئايدا 1500 يۈەن بولۇپ، ئاي بويىچە بېرىلىدۇ.

   يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزى «ئىدارىدە نۆۋەتچىلىك قىلىش + ئۆيدە ئىشلەش + توردا بېجىرىش» خىزمەت ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ئىش بېجىرىش سورۇنلىرىنى ئومۇميۈزلۈك دېزىنفېكسىيەلەش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كەسپىي خىزمەتلەرنى نورمال ئىلگىرى سۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، توردا مۇلازىمەت قىلىشنى «ئۈزۈپ قويماسلىق»نى ئىشقا ئاشۇردى. تور تىجارەت زالى، 12329 مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى، يان تېلېفون APPسى، ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسى قاتارلىق لىنىيە مۇلازىمەتلىرىنى مۇقىم يۈرۈشتۈرۈپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كەسىپ بېجىرىش ئېھتىياجىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قاندۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى