تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدىكى 50 تېببىي خادىم قەسەم بېرىپ پارتىيەگە كىردى

  ئانار بۇلۇت/ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر ليۇ مېڭمېڭ): 8-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدا، 50 يولداشنىڭ پارتىيەگە كىرىش قەسەم بېرىش مۇراسىمى ھەر قايسى ئاغرىقلار رايونىدا ماس قەدەمدە ئۆتكۈزۈلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانا ۋاقىتلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، دوختۇرخانا باشلىقى يۈ ئەيپىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ 50 يولداشنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدىكى ئىپادىسى گەۋدىلىك بولدى، شۇنداقلا پارتىيە تەشكىلىگە پائال يېقىنلاشتى، دوختۇرخانا ۋاقىتلىق پارتىيە كومىتېتى يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىش ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىغا تەستىقلىتىش ئارقىلىق، بۇ 50 يولداشنى كاندىدات پارتىيە ئەزالىقىغا قوبۇل قىلدى.

  4-بىنا 10-ئاغرىقلار رايونىنىڭ دوختۇرى لى جيې يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىدە پارتىيەگە كىرگەنلىكىدىن پەخىرلەندى ھەمدە مەسئۇلىيىتىنىڭ ھەسسىلەپ ئاشقانلىقىنى ھېس قىلدى. «مەن پارتىيەگە كىرىش قەسىمى بېرىشتىن بۇرۇنمۇ ئىزچىل بىر پارتىيە ئەزاسىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئۆزۈمگە تەلەپ قويۇپ كەلگەن، ھەر بىر ئاغرىقنى كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىپ، ئۇلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ۋە پىسخىكا ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىپ كەلدىم» دېدى لى جيې.

  7-ئاينىڭ ئاخىرى، لى جيې تۇرۇۋاتقان ئاغرىقلار رايونى بىر ئاغرىقنى قوبۇل قىلدى، دوختۇرخانىغا كىرگەن ئالدىنقى بىر نەچچە كۈندە، لى جيې ئۇنىڭ دائىم كۆپ گەپ قىلمايدىغانلىقىنى، يان تېلېفون ئويناپ، باشقىلار بىلەنمۇ پاراڭلاشمايدىغانلىقىنى بايقىدى.

  «دەسلەپتە ئۇ كۈندۈزى ئۇخلىغاندىن باشقا، تېلېفون ئوينايتتى، تاماقنىمۇ تۈزۈك يېمەيتتى. مەن ئۇنىڭ كۆڭلىدە بىرەر ئىش باردەك، پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەشكە ئېھتىياجلىقتەك ھېس قىلدىم». شۇنىڭدىن كېيىن، لى جيې ھەر كۈنى كېسەلخانىنى تەكشۈرگەندە ئۇنىڭ بىلەن كۆپرەك پاراڭلىشىپ، ئۇنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى چۈشەندى. بۇ ئاغرىق بارا-بارا باشقا ئاغرىقلار بىلەن پاراڭلىشىدىغان بولدى.

  «بىز بىر نەچچە دوختۇر نۆۋەتلىشىپ ئۇنى ۋاقتىدا ئارام ئېلىپ، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلىدۇق، ئۇ يەنە بىر پىلان جەدۋىلى تۈزۈپ، ھەر كۈنلۈك مەشغۇلاتىنى مۇقىملاشتۇردىمۇشۇنداق قىلغاندا ئۇنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق ئىدى» دېدى لى جيې.

  بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا، بۇ ئاغرىق ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، ئۇ قايتىش ئالدىدا كارىۋات بېشىدا بىر پارچە خەت قالدۇرۇپ قويدى، خەتتە مۇنداق دېيىلگەنىدى: «بۇ مەزگىلدە ماڭا ھەمراھ بولغىنىڭلارغا رەھمەت، ئاق خالات كىيگەن سىلەر نۇرغا ئوخشاش مېنىڭ تۇرمۇشۇمنى نۇرلاندۇردۇڭلار...»

  لى جيې بىلەن بىللە پارتىيەگە كىرگەن شۈ چاۋ 7-ئاينىڭ 23-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا كەلگەن بولۇپ، 1-بىنا 1-ئاغرىقلار رايونىنىڭ مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. «يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە پارتىيەگە كىرىش ھاياتىمدىكى قىممەتلىك كەچۈرمىش بولۇپ قالدى، قەسەم بەرگەندە قوللىرىم تىترەپ كەتتى، بەك ھاياجانلاندىم» دېدى شۈ چاۋ.

  شۈ چاۋ ھەر كۈنى ئاغرىقلارنى داۋالىغاندىن باشقا، يەنە سېسترالار بىلەن بىرلىكتە ئاغرىقلار رايونىدا گىمناستىكا ئويناشقا يېتەكچىلىك قىلاتتى، ئاغرىقلارنى يېتەكلەپ بىرلىكتە ئۇسسۇل ئويناپ، ھەرىكەت قىلاتتى.

  «پارتىيەگە كىرگەندىن كېيىن، بىزدە تېخىمۇ كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولۇشى، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ھەر بىر ئاغرىقنى كۆڭۈل قويۇپ داۋالاپ، ئۇلارنىڭ بالدۇرراق ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. بۇ قېتىمقى قۇتقۇزۇش-داۋالاش بىرىنچى سېپىدىكى تېببىي خادىملارنىڭ كۆپىنچىسى پارتىيە ئەزاسى، ئالدىنقىلارنىڭ تۆھپە قوشۇش روھى ھەر ۋاقىت مېنى ئۈزلۈكسىز تىرىشىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ» دېدى شۈ چاۋ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى