تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون جۇڭگو دوختۇرلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

چېن چۈەنگو سۆز قىلدى ھەم شىنجاڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىگە ياردەم بېرىۋاتقان گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ۋە ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى، تېببىي خادىملىرى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەرگە بايراملىق بەخت تىلىدى

شۆھرەت زاكىر قاتناشتى لى پېڭشىن رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئاپتونوم رايون جۇڭگو دوختۇرلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دوختۇرلار بايرىمى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تېببىي خادىملارنى ھۆرمەتلەيدىغان، سەھىيەگە ئەھمىيەت بېرىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەرنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇش، خەلقنىڭ ساغلاملىقى، بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا قاتناشتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا، بېيجىڭ داشۆ 1 - دوختۇرخانىسى يۇقۇملۇق كېسەللەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ گۇيچياڭ، بېيجىڭ دىتەن دوختۇرخانىسى يۇقۇملۇق كېسەللەر مەركىزىنىڭ مۇدىر ۋىراچى جياڭ رۇڭمېڭ، خاربىن تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرخانا باشلىقى يۈ كەيجياڭ ۋە ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى لۇ چېن، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانا كۆكرەك تاشقى كېسەللەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى جۈرئەت ئەنۋەر قاتارلىق ۋەكىللەر سۆز قىلدى. كۆپچىلىك خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىگە قاتنىشىش تەسىراتىنى سۆزلىدى ھەم شىنجاڭنىڭ دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

سۆزنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، چېن چۈەنگو سۆز قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ داۋالاش، سەھىيە - ساغلاملىق خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، قوللاپ كېلىۋاتقان دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى قاتارلىق مىنىستىرلىق، كومىتېتلار ۋە قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەرگە، شىنجاڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىگە ياردەم بېرىۋاتقان گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ۋە ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى، تېببىي خادىملىرىغا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەرگە بايراملىق سالام يوللىدى، ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى ۋە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.

چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو دوختۇرلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەرنى بايراملىق تەبرىكلىگەنلىكى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىغانلىقى ھەم سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەھىيە - ساغلاملىق خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا يۈكسەك مەسئۇل بولۇش روھىنى تولۇق نامايان قىلدى، بۇ، كەڭ تېببىي خادىملارغا بولغان تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە ئالاھىدە غەمخورلۇق بولۇپ، بىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىمىز، داۋالاش، سەھىيە - ساغلاملىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىز ئۈچۈن ئېنىق ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ سەھىيە - ساغلاملىق خىزمىتى فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇردى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش قوشۇنى ئۈزلۈكسىز زورايدى، داۋالاش مۇلازىمىتى ۋە كاپالىتى سەۋىيەسى سىجىل ئۆستى. كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەر ئالاھىدە خىزمەت ئورنىدا خەلقنىڭ ساغلاملىقى، بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. بولۇپمۇ يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى ۋە قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەر مۇتەخەسسىسلەر ۋە تېببىي داۋالاش قوشۇنى تەشكىللەپ تېز سۈرئەتتە ياردەمگە كەلدى، كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەر كامالەتكە يەتكەن داۋالاش تېخنىكىسى، ئېسىل ئىستىلى، ئىلمىي روھى، كۆزگە كۆرۈنگەن خىزمىتى ئارقىلىق «ھاياتلىقنى قەدىرلەش، ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىش، ئۆزىنى بېغىشلاش، چەكسىز مېھىر - مۇھەببەت يەتكۈزۈش»تەك ئالىيجاناب روھنى شەرھلىدى، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغدىدى.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش پائال ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ھالىتى كېڭىيىۋاتىدۇ، لېكىن ئومۇميۈزلۈك نۆللەشتۈرۈش، نەتىجىنى مۇستەھكەملەش، قايتا كۆرۈلۈشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل. كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەرنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداپ، ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولۇپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، كۆڭۈل قويۇپ قۇتقۇزۇشى - داۋالىشىنى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاساسىي مەقسەتكە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، بۇرچنى، مۇھىم تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت ئاساسىي مەقسەتكە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، خەلق ساغلاملىقىنىڭ قوغدىغۇچىلىرىدىن، ساغلام شىنجاڭنىڭ تۈرتكىچىلىرىدىن، تېببىي خادىملارنىڭ مېھرىبان قەلبىنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولۇش كېرەك. دوختۇرلۇق ئەخلاقى، مېھرىبانلىق بىلەن خەلقنى قۇتقۇزۇشنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىشتەك ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، تېببىي ئەخلاق يېتىلدۈرۈپ، مېھرىبانلىق بىلەن دوختۇرلۇق قىلىپ، مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈشنى نامايان قىلىپ، داۋالاپ ساقايتىش نىسبىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. داۋالاش تېخنىكىسىنى كامالەتكە يەتكۈزۈپ، ماھارەتنى ئۆستۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ يېڭى ئەھۋالى، يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى خىرىسىغا قارىتا، ئەڭ يېڭى بىلىملەرنى ئۆگىنىپ، ئىشلىتىپ، كىلىنىكىلىق قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئىقتىدارى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش؛ جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى بىلەن غەرب تېبابىتى دورىلىرىنىڭ بىر - بىرىنى تولۇقلىشى، ماس تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. كۆڭۈل بۆلۈپ، قوللاپ، كەيپىيات يارىتىپ، كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنى ئاسراپ، خىزمەت مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كەسىپ كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، تەمىنات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەتتىكى ئورنىنى ئۆستۈرۈپ، قىيىنچىلىق، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تېببىي خىزمەتچىلەرنىڭ كەسپىي شەرەپ تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە تېببىي خادىملارنى ھۆرمەتلەيدىغان، سەھىيەگە ئەھمىيەت بېرىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك. جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىش كېرەك. پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، «تۆت بالدۇر» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت تەرەپ مەسئۇلىيىتى»نى چىڭىتىپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسى، ئۇرۇشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتى، تەلەي سىناش پىسخىكىسى، بوشىشىپ كېتىش روھىي ھالىتىنى قەتئىي يېڭىپ، قاتتىق، ئىنچىكە، چوڭقۇر، پۇختا ئىستىل ۋە ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش ھەرىكىتى ئارقىلىق، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى بالدۇرراق قولغا كەلتۈرۈپ، چوڭ جەڭ، چوڭ سىناقتا لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن تيەن ۋېن، مەڭلىك سىيىت قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى