تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

رەھمەت سىلەرگە، ئاق خالاتلىق جەڭچىلەر!

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدىكى دوختۇر-سېسترالار ئاغرىقلار رايونىدا «مېھىر-شەپقەت سۇپىسى»، «ھەقسىز تاللا بازىرى»، «مېھىر-شەپقەت يېمەكلىك پونكىتى» تەسىس قىلىپ، ئاغرىقلارغا ھەقسىز بۇيۇملارنى تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بەردى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدىكى دوختۇر-سېسترالار دوختۇرخانىدىن چىققان ھەربىر ئاغرىققا تەبرىك كارتىسى ۋە بىر قاچا جياۋزى سوۋغا قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: «مەن دوختۇرخانىغا كىرگەندىن بۇيان، سىلەر كۆڭۈل قويۇپ داۋالاپ ۋە پەرۋىش قىلىپ، ماڭا كۆيۈنۈپ، مېنى ئىلھاملاندۇرۇپ، ۋىرۇسنى يېڭىش ئىشەنچىمنى ئاشۇردۇڭلار. لېكىن ئۆزۈڭلار تومۇز ئىسسىقتا، ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان مۇداپىئە كىيىمىنى كىيىۋېلىپ، بىز ئاغرىقلار ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز مۇلازىمەت قىلدىڭلار، سىلەرنىڭ ھەربىر سۆز-ھەرىكىتىڭلار ئاكتىپ كۈچكە تولغان، بىزنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى …» 8-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدا، دوختۇرخانىدىن چىقىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان بىر ئاغرىق بۇ خەتنى يېزىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدىكى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش قەھرىمانلىرىغا رەھمەت ئېيتتى، ئەڭ ئالدىنقى سەپتە كۈرەش قىلىۋاتقان ئاق خالاتلىق جەڭچىلەرگە ھۆرمىتىنى بىلدۈردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئورۇنلاشقان داۋالاش ئەترىتى ھەر كۈنى ئاغرىقلار يازغان رەھمەت خېتىنى تاپشۇرۇۋالاتتى، بەزىلىرى بىر نەچچە بەت يېزىلغان بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ دوختۇرخانىغا كىرىپ داۋالانغاندىن تارتىپ داۋالىنىپ ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققۇچە بولغان ئارىلىقتىكى قەلب مۇساپىسىنى بايان قىلغان؛ بەزىلىرى گەرچە قىسقا يېزىلغان بولسىمۇ، لېكىن چوڭقۇر مىننەتدارلىق ۋە ۋىرۇس ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئىشەنچى سىڭدۈرۈلگەن؛ بەزىلىرىدە يېزىلغان سۆزلەر ئاددىي بولسىمۇ، لېكىن ھەقىقىي ھېسسىيات ئىپادىلەنگەنىدى …

  ئەمەلىيەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئورۇنلاشقان داۋالاش ئەترىتىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرى ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرىنى بىر پارچە رەھمەت خېتى بىلەنلا سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. بۇ نۆۋەتلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، داۋالىنىپ ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىقلارنىڭ ئارقىسىدا، دۆلەت تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ داۋالاش ئەترىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى داۋالاش ئەترەتلىرى كېچە-كۈندۈز بەدەل تۆلەپ، بىرلىكتە تىرىشىپ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر بار.

  «كىچىكلىتىلگەن نۇسخىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى» يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىگە ئاتلاندى

  ئۈرۈمچىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يېڭىدىن يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق 6-خەلق دوختۇرخانىسى ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانا بولۇپ بېكىتىلدى.

  يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ بىرىنچى ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى پارتىيە كومىتېتى ئالدى بىلەن 183 سەرخىل خادىمدىن تەشكىللەنگەن داۋالاش ئەترىتىنى بىرىنچى سەپكە ئاتلىنىشقا ئەۋەتتى، ئۇلار يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئاۋانگارت بولۇپ قالدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ داۋالاش ئەترىتى نۆۋەتتىكى بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدىكى ھەر قايسى داۋالاش ئەترەتلىرى ئىچىدىكى ئادەم سانى ئەڭ كۆپ داۋالاش ئەترىتى بولۇپ، مەمۇرىي باشقۇرۇش، كىلىنىكىلىق داۋالاش، پەرۋىش قىلىش ۋە ئارقا سەپ كاپالىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەرخىل كوللىكتىپ، خۇددى «كىچىكلىتىلگەن نۇسخىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى»نى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش «جەڭ مەيدانى»غا كۆچۈرۈپ كەلگەنگە ئوخشايتتى. يىل بېشىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى خۇبېيدا يۈزبەرگەندە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى 142 سەرخىل خادىمنى تاللاپ شىنجاڭنىڭ 3-تۈركۈمدە خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنى تەشكىللەپ، «دەرىجىدىن تاشقىرى كىچىكلىتىلگەن نۇسخىدىكى خەلق دوختۇرخانىسى»نى ۋۇخەنگە كۆچۈرگەنىدى.

  بۇ قېتىم ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يۈ ئەيپىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ پارتىيە كومىتېتى شۇجىسى، باش دوختۇرخانا باشلىقى بولۇپ، ئومۇمىي خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى لۇ چېن ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى بولۇپ، داۋالاش، پەرۋىش قىلىش، دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلىدى.

  10دىن ئارتۇق ئادەمدىن تەشكىللەنگەن ئارقا سەپ كاپالىتى ئەترىتى ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدىكى تېببىي خادىملار، ئاغرىقلار ۋە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇشقا مەسئۇل بولۇپلا قالماي، يەنە ئارقا سەپ كېسەلخانا ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى، سۇ، توك كاپالىتى، رېمونت قىلىش، يېمەك-ئىچمەك تەقسىملەپ يەتكۈزۈش، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش، تازىلىق ۋە ئۇنىۋېرسال كەسىپلەرنى ماسلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولدى.

  ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش-داۋالاشتەك ئېغىر ۋەزىپە كىلىنىكىلىق دوختۇر-سېسترالارنىڭ زىممىسىگە چۈشتى. ئۇلار مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى بىلەن بىرلىكتە، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا دىياگنوز قويۇپ داۋالاش لايىھەسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان 7-نۇسخىسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى)»غا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، كىلىنىكىلىق قۇتقۇزۇش-داۋالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئاغرىقلار دوختۇرخانىدىن چىقتى.

  «مېھىر-شەپقەت سۇپىسى» دوختۇر-سېسترالارنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ۋە ئاسرىشىنى ئاغرىقلارغا يەتكۈزدى

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە يالۇغى ئاغرىقلىرىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش داۋامىدا، «ئۈچ ئۈلۈشى داۋالاش، يەتتە ئۈلۈشى پەرۋىش قىلىش» يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاندى.

  8-ئاينىڭ 11-كۈنى، چىرايلىق «مېھىر-شەپقەت سۇپىسى» داۋالاش ئاپتوموبىلى ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ 3-بىنا 5-ئاغرىقلار رايونىدىكى ئايرىش كېسەلخانىسىدىن ئۆتكەندە، دىققەتنى تارتتى. سۇپا كۆچمە ئاپتوموبىلىغا قاچىلانغىنى داۋالاش دورىسى، داۋالاش بۇيۇملىرى بولماستىن، بەلكى يېڭى مېۋە-چېۋە، سۈت ۋە چىش چوتكىسى، چىش پاستىسى، تارغاق، ساپما كەش قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرى بولۇپ، كۆچمە كۆلەڭگىسى پۈتكۈل ئاغرىقلار رايونىدىكى ئاغرىقلارغا ئىللىقلىق ئاتا قىلدى.

  «3-كارىۋاتتىكى تاغا، بۇ سىزگە لازىم بولغان چىش چوتكىسى، ساپما كەش، چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، سىزگە يەنە باشقا نەرسە لازىممۇ؟» ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ سېسترالار باشلىقى بەي جىئەي كىچىك قول ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ ماڭغاچ سورىدى. «لازىم ئەمەس، رەھمەت سىلەرگە. ئەتىگەندە ئورنۇمدىن تۇرۇپلا ئالما يېگۈم كەلگەن، ئويلىمىغان يەردىن ئالغاچ كېلىپسىلەر، سىلەر ھەقىقەتەن كىشىلەر ئارىسىدىكى پەرىشتە ئىكەنسىلەر» دېدى بۇ ئاغرىق داۋالاش ئەترىتى ئېلىپ كەلگەن ئالمىنى ئېلىپ خۇشال ھالدا.

  ئاغرىقلار رايونى كارىدورىدا ئاۋازنى ئاڭلىغان ئاغرىقلار ئارقا-ئارقىدىن كېسەلخانىدىن چىقىپ، «مېھىر-شەپقەت سۇپىسى»نى ئورۇۋېلىپ، ئۆزلىرىگە كېرەكلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئالدى. 9-كارىۋاتتىكى ئاغرىق بەي جىئەيگە مۇنداق دېدى: «سىلەر بەك گۈزەل ھەم جاپاكەش. بىز چوقۇم داۋالاشقا ياخشى ماسلىشىمىز، بۇنداق تومۇز ئىسسىقتا سىلەر مۇداپىئە كىيىمىنى كىيىۋېلىپ ۋىرۇسنى ئايرىدىڭلار، لېكىن بىزگە بولغان كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈشنى ئايرىمىدىڭلار، سىلەرگە رەھمەت، سىلەر ئەڭ گۈزەل كىشىلەر.» «مېھىر-شەپقەت سۇپىسى»دىن باشقا، ئاغرىقلار رايونىدا يەنە «ھەقسىز تاللا بازىرى»،«مېھىر-شەپقەت يېمەكلىك پونكىتى» بار ئىدى.

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، جىسمانىي جەھەتتىكى داۋالاشتىن باشقا، روھىي جەھەتتىكى تەسەللىمۇ ئوخشاشلا مۇھىم. 1-بىنا 5-ئاغرىقلار رايونىدا، 70 ياشتىن ھالقىغان بىر بوۋاي چاي ئىچمەيتتى، تاماق يېگۈسى كەلمەيتتى. «تاماق يېمىسىڭىز، كېسىلىڭىز قانداق ساقىيىدۇ؟» ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئىككى سېسترالار باشلىقى ۋاڭ يەن بىلەن جاڭ جىڭ ناھايىتى تىت-تىت بولدى.

  بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ۋاڭ يەن بىلەن جاڭ جىڭ ۋۇخەنگە بېرىپ يۇقۇمغا قارشى جەڭگە قاتناشقان ئىدى، ئىككىسى دورا بىلەن داۋالاشتىن سىرت، روھىي جەھەتتىكى تەسەللىنىڭمۇ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى بىلەتتى. شۇنىڭ بىلەن، جاڭ جىڭ تەرەپ-تەرەپتىن ئالاقىلىشىپ، پەللە پۇرچىقى  تېپىپ، بوۋاينىڭ قۇلاق قىسمىغا پۇرچاق بېسىپ بېرىش بىلەن بىرگە قورساق قىسمىنى ئۇۋۇلاپ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى قىلدۇردى. كېسەللىك ئەھۋالى تەدرىجىي ياخشىلىنىپ، بوۋاي ئارزۇسى بويىچە دوختۇرخانىدىن چىقتى. ماڭىدىغان چاغدا، ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا ۋاڭ يەن بىلەن جاڭ جىڭغا:«سىلەرنىڭ بۇ مەزگىلدە قىزىمغا ئوخشاش ھالىمدىن خەۋەر ئالغىنىڭلارغا رەھمەت» دېدى. گەرچە بۇ پەقەت بىر ئېغىز رەھمەت سۆزى بولسىمۇ، لېكىن ۋاڭ يەن بىلەن جاڭ جىڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھەرقانچە جاپا تارتسىمۇ، ھارسىمۇ ئەرزىيتتى.

  ئاغرىقلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن، دوختۇر-سېسترالار ھەرخىل ئاماللارنى تاپتى. ھەر كۈنى ئاغرىقلارنى باشلاپ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش گىمناستىكىسى، ئوشۇق پومپىسى ھەرىكىتى ئىشلىدى، يەتتە قەدەملىك قول يۇيۇش ئۇسۇلىنى قولمۇقول ئۆگەتتى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى پىسخىكىلىق يېتەكلەش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلدى، ھەربىر دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىقلارغا ئىللىق تەبرىك كارتىسى ۋە بىر قاچا ئالاھىدە تىنچ-ئامانلىق جياۋزىسى سوۋغا قىلدى. كۆپچىلىك شۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى، دوختۇر-سېسترالارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ قۇتقۇزۇشى-داۋالىشى ۋە پەرۋىش قىلىشى ئاستىدا، ئاغرىقلار ساقىيىپ ساغلام بولالايدۇ.

(ليۇ چىڭ، جاڭ شيۇمىن، لياۋجىن، ۋاڭ يەن خەۋىرى، سۈرەتنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى تەمىنلىگەن )

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى