تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 3550 كادىر مەھەللە بىرىنچى سېپىگە چۆكتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاۋ چۇنخۇا، لى چۇنشيا خەۋەر قىلىدۇ: ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۇ قېتىمقى يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۈچۈن جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. 8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ليۇ جۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: ئۈرۈمچى شەھىرى مەھەللىلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى ئۇللۇق ۋە ئاچقۇچلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شەھەر دەرىجىلىك ئورگانلاردىكى 3550 كادىرنى مەھەللە بىرىنچى سېپىگە چۆكۈشكە تەڭشەپ تەقسىملەپ، 49 مىڭدىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام كادىرى بىلەن بىللە مەھەللە دائىرە پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ بىرتۇتاش باشقۇرۇشىغا كىرگۈزۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ كۈچلۈك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈردى.

يېپىق شەكىلدە باشقۇرۇش تەلىپى بويىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى مەھەللىلەر ئادەم، ئاپتوموبىللارنىڭ كىرىپ چىقىشىنى تىزىملاشنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلىدى؛ ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ، بىرمۇ ئائىلە چۈشۈپ قالماسلىق، بىرمۇ ئادەمنى قالدۇرۇپ قويماسلىقنى ئىشقا ئاشۇردى؛ گۇمانىي ئاغرىق مىسالى بايقالسا دەرھال دوكلات قىلىپ، ئايرىش، يۆتكەپ توشۇشنى ياخشى ئىشلىدى؛ مەھەللىدىكى ئەخلەتلەرنى ۋاقتىدا تازىلاپ، ئاممىۋى رايونلارنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشنى ۋاقتىدا قانات يايدۇرۇپ، ئەڭ زور چەكتە يۇقۇم تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئالدى.

ھەرقايسى مەھەللىلەر جەمئىيەت ئالاقىسى يۇمشاق دېتالى ئۇچۇر سۇپىسى، رادىيو قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىياسەت، تەدبىرلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ئاھالىلەرنى قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە يېتەكلىدى. يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى مەركىزى(ئورنى، پونكىتى، نۇقتىسى)گە تايىنىپ، ئاھالىلەرنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات ۋەرىقى تارقاتتى. ئاھالىلەرنىڭ ئەندىشە - گۇمانلىرىنى تۈگىتىش خىزمىتىنى نۇقتىدىن نۇقتىغا ياخشى ئىشلىدى.

ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتى يەنىمۇ كۈچەيتىلدى، مەھەللىدىكى كۆكتات دۇكانلىرى، تاللا بازارلىرى، دورا دۇكانلىرى تىجارەت ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشقا ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇلدى، پىدائىيلار ئاھالىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى تەرتىپلىك، ئېھتىياجغا قاراپ «ئۇچراشماي» تەقسىملەپ يەتكۈزۈش بىلەن بىللە، نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش، پىسخىكىلىق يېتەكلەش، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا ياردەملىشىشكە تەشكىللەندى؛ 11 مىڭ 800 تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتى ۋە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار بېقىلىدىغان كىشىلەرگە زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى تارقىتىپ بېرىلدى، قەرەللىك تۈردە قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ھەقسىز «خالتىلىق كۆكتات» تارقىتىپ بېرىلدى؛ ئاھالىلەر «توردىكى دۆلەت ئېلېكتىر تورى»، جىفۇباۋ، ۋىيشىن، شۆليەن چۇڭجىباۋ قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق سۇ، توك، گاز قاتارلىق چىقىملارنى تۆلەشكە يېتەكلىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا بولغان تەسىرى ئىمكانقەدەر ئازايتىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى