تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتقا كۈچەلدى يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوزغىتىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاڭ جىلى، ياڭ شۇخەن، ۋاڭ جېن، ئەن شىيۈ، جانبولات ماناربېك

ئارا تۈرۈك سانائەت باغچە رايونىغا جايلاشقان شىڭشېڭ ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنىنىڭ كۆمۈر قېزىش نەق مەيدانىدا پەقەت تۆتلا ئىشچى مەشغۇلات قىلماقتا (7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تارتىلغان). شىنجاڭ جياڭنا كانچىلىق چەكلىك شىركىتى 180 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ كىرگۈزگەن پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تۇنجى ئايلانما چاقلىق داۋاملاشما تېخنولوگىيەلىك كۆمۈر قېزىش تۈرىدە ئىشچىلار كاندا مەشغۇلات قىلمايدۇ، بەلكى 5G تورى ئارقىلىق يىراقتىن كونترول قىلىدۇ.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ جېن فوتوسى)

«بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىركىتىمىز ئىشلەپچىقارغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ تۈرى ۋە سانى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلار سانى ۋە خادىملارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئاشتى. بۇنداق نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە جابدۇق ياسىمىچىلىقى ساھەسىدىكى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ پايدىسىدىن بولدى» دېدى 8 - ئاينىڭ 12 - كۈنى شايار بوشىرەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى چەكلىك شىركىتى كادىرلار بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ۋۇ يۇڭچېڭ.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىنىڭ قوش تەسىرىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدا شايار بوشىرەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى چەكلىك شىركىتىگە ئوخشاش ئوڭۇشسىز ۋەزىيەتتە يۈكسەلگەن بۇنداق كارخانىلار يەنە خېلى كۆپ. ئالدىنقى يېرىم يىلدا پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 3246 كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىسىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6 ئاشتى. 6 - ئايدىكى ئېشىش سۈرئىتى %12.2كە يېتىپ، 2014 - يىلى 2 - ئايدىن بۇيانقى يەككە ئايدىكى ئەڭ يۇقىرى ئېشىش نىسبىتىنى ياراتتى.

بۇ سانلىق مەلۇماتلار شۇنى كۆرسىتىپ بەردىكى، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش جەريانىدا، ئاپتونوم رايونىمىز باشتىن - ئاخىر تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكەن.

«ھەل قىلغۇچ قەدەم» ياخشى تاشلاندى

«قوشۇش، ئېلىش ئۇسۇلى» ياخشى ئىشلەندى

«بىز تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ <قوشۇش ئۇسۇلى> ۋە <ئېلىش ئۇسۇلى>نى تىرىشىپ ياخشى ئىشلىدۇق، مەسىلەن، <مۇردا كارخانا>لارنى تازىلاپ، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاپ، كارخانىلارنىڭ توك ئىشلىتىش تەننەرخىنى تۆۋەنلەتتۇق؛ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى سېتىشنى كېڭەيتىپ، بازار ئېچىشقا مەدەت بېرىپ، كارخانىلارنىڭ غەم - ئەندىشىنى تۈگىتىپ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا، تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا ياردەم بەردۇق» دېدى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى ۋاڭجۈن.

تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى بويلاپ، ئاقسۇ ۋىلايىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېنېرگىيە - خىمىيە سانائىتى، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، سودا - ئەشيا ئوبوروتى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى - مېتاللورگىيە، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەردىن ئىبارەت «ئالتە چوڭ كەسىپ توپى»نى بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى يېڭىچىلاشتۇرۇش، ئەۋزەل كەسىپلەرنى توپلاشتۇرۇش، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى كۆلەملەشتۈرۈشتەك يېڭى كەيپىياتنى بارلىققا كەلتۈردى.

تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ «قوشۇش، ئېلىش ئۇسۇلى»دا، ئازايغىنى تۆۋەن دەرىجىلىك تەمىنات بىلەن ئۈنۈمسىز تەمىنات، قوشۇلغىنى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى. 2019 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزدا يىللىق توك چىقىرىش مىقدارى 300 مىڭ كىلوۋاتتىن تۆۋەن بولغان جەمئىي 596 مىڭ 500 كىلوۋاتلىق كۆمۈر ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىلىرى تاقالدى، سېتىلىش ئالدىدىكى تاۋار ئۆي كۆلىمى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %6.5 تۆۋەنلىدى، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ مۈلۈك - قەرز نىسبىتى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 0.1 پىرسەنت پوئېنت ئازايدى، كارخانىلارغا چېتىلىدىغان مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش تۈرلىرى ئالدىنقى يىلىدىكى 24 تۈردىن 13 تۈرگە قىسقارتىلدى...

شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە ۋە قېزىلما بايلىقى مول، شۇنداقلا ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىككە ئىگە. كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ «ھەل قىلغۇچ قەدەم»ى ياخشى تاشلىنىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ «قوشۇش، ئېلىش ئۇسۇلى» ياخشى ئىشلىنىپ، «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا نەتىجە - ئۈنۈم گەۋدىلىك بولۇپلا قالماي، يەنە بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى قوزغىتىلىپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاشۇرۇلۇپ، ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچى قويۇپ بېرىلىپ، خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچەيتىلدى، ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم ئايلىنىشى ۋە ساغلام تەرەققىي قىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

كۆپ يىللاردىن بۇيان، كۆمۈرچىلىك كەسپى ئىزچىل تۆۋەنلەش بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتقانىدى، قومۇل شەھىرى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كونا - يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئالماشتۇرۇش، كەسىپنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قەدىمىنى ئۈزلۈكسىز تېزلەتتى. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، قومۇل شەھىرى مەۋقەنى ھازىر بار بولغان كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، بايلىقتىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىش ئۈنۈمى ۋە ئېنېرگىيە ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، «سۈپەت ۋە دەرىجىگە ئايرىش، ئېنېرگىيە بىلەن خىمىيە سانائىتىنى بىرلەشتۈرۈش، توپلاشتۇرۇپ بىرلىكتە ئىشلەپچىقىرىش»تىن ئىبارەت «كۆمۈر − خىمىيە سانائىتى − توك − پار» بىر گەۋدىلەشكەن كۆمۈردىن پاكىز ئېچىپ پايدىلىنىشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

يېڭى كەسىپ ھالىتى يېتىلدۈرۈلدى

يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى زورايتىلدى

تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش جەريانىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئەمەلىي كارخانىلار پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېڭى كەسىپ ھالىتىنى يېتىلدۈرۈش، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى زورايتىشنىڭ خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك كۈچەيتىشتىكى ئەڭگۈشتەر ئىكەنلىكىنى تولۇق ھېس قىلدى.

2010 - يىلىدىن بۇيان، پولات - تۆمۈر ساھەسى بىرمەھەل پەسكويغا چۈشۈپ قالدى، باۋگاڭ گۇرۇھى شىنجاڭ 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر چەكلىك شىركىتى يېڭىلىق يارىتىپ تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق، قىيىن شارائىتتا تىپنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدى. بۇ شىركەتنىڭ ئوكسىگېنلىق دومنا پېچىغا ئوت يېقىلىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، ئەنئەنىۋى دومنا پېچقا سېلىشتۇرغاندا، ئوكسىگېنلىق دومنا پېچنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى. كاربونسىزلاشتۇرۇش ھۈنەر - سەنئىتى، كۆمۈر گازىدىن تەكرار پايدىلىنىش قاتارلىق ئىلغار تېخنىكىلار كاربون قويۇپ بېرىش مىقدارىنى %40تىن كۆپرەك ئازايتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى %40 ئاشۇرالايدۇ. شىركەت پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر شياۋ گودۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: «بىز ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلار ئىلگىرىكى ئادەتتىكى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى ئاساس قىلىشتىن، تاختا ماتېرىيال، قېلىپلاشقان ماتېرىيال، ئەلا سۈپەتلىك ماتېرىيال قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك مەھسۇلاتلارغا قاراپ تەرەققىي قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېشىل تەرەققىيات ۋە ئاقىل ياسىمىچىلىق جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، بىر تۈركۈم ماشىنا ئادەمنى سەپلەپ، غەربىي شىمال بويىچە تۇنجى ئەقلىيئىقتىدارلىق پولات يۆگىمە ماتېرىيال ئامبىرى قۇرۇپ چىقتۇق. كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، قىممەت زەنجىرىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىمىز».

تىتان رۇدىسى دەسلەپكى پىششىقلاش ئارقىلىق يۇقىرى تىتانلىق ئۇۋاق ۋە بۇلۇتسىمان تىتانغا ئايلاندۇرۇلغاندىن كېيىن، زىچلىقى تۆۋەن بولغانلىقى ۋە تىتان مېتالىنىڭ خۇسۇسىيىتى سەۋەبىدىن ئاسان ساقلىغىلى بولمايدۇ. يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان مەزگىلدە، قومۇل شەھىرى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر باغچە رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ شياڭشېڭ يېڭى ماتېرىيال پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى چوڭقۇر پىششىقلاش ئارقىلىق بۇ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلدى. بۇلۇتسىمان تىتان قەدەممۇقەدەم پىششىقلاپ ئىشلىنىپ تىتان كالتەك، يۆگەم ماتېرىيال، سوقما دېتال، قېتىشما تاختا ماتېرىيالىغا ئايلاندۇرۇلدى، ساقلاش قولايلىق بولدى، بازار كېڭەيدى، قوشۇلما قىممىتى ئاشتى. كېيىنكى قەدەمدە، بۇ شىركەتنىڭ پەن - تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىش كوللېكتىپى پەن تەتقىقات ئاپپاراتى تەشكىللەپ قۇرۇپ، تىتاننى پىششىقلاپ ئىشلەپ كۆپ سانلىق ئىستېمالچىلارغا يۈزلەنگەن مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرىدۇ.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كانچىلىق كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.1 ئاشتى؛ ياسىمىچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتى %2.7 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.2 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى. ئېغىر سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى %6.4 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2.7 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى؛ يېنىك سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى %1.3 ئاشتى. بىر قاتار ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئېشىشى يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ تۈرتكىسىدىن ئايرىلالمايدۇ.

كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىلدى

رىقابەت كۈچ ئاشۇرۇلدى

كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، پەرقلەرنى توغرا تاپقاندىلا، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلىغاندىلا، كارخانىلارنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچى، مەھسۇلاتلارنىڭ بازار رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

8 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ يېڭىمەھەللە يېزىسى ئاياغ لەڭگەر كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى داڭ يۈ ئادەتتىن تاشقىرى ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ئۇ كۈنى كەنتتە پىشقان شىنمېيلارنى ئۈزۈش باشلانغان تۇنجى كۈن ئىدى. ئۇ بىر تەرەپتىن كەنتتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىر تەرەپتىن كەنت ئاھالىلىرىنى نۇقتىلارغا بۆلۈپ ئۈزۈشكە تەشكىللەپ، كارخانىلارنى ئىشىك ئالدىغا كېلىپ سېتىۋېلىشقا ماسلاشتۇردى. كارخانىلار شۇ كۈنى ئۈزۈلگەن ئىككى توننىدىن ئارتۇق شىنمېينىڭ ھەر كىلوگىرامىنى 14 يۈەندىن سېتىۋالدى، ئارقىدىن سوغۇق ساقلاش ئاپتوموبىلى ئارقىلىق قەشقەر ئايرودۇرۇمىغا يەتكۈزۈپ، شۇ كۈنى كەچتىلا ئىچكىرى رايونلارغا ماڭدۇردى.

كەنت ئاھالىسى موللا يۈسۈپ ئائىلىسىنىڭ 20 مو شىنمېيلىقى بولۇپ، بۇلتۇر 50 مىڭ يۈەن ساپ كىرىم قىلغانىدى، بۇ يىل كىرىمى تېخىمۇ ئاشىدۇ. ئۇ ۋە كەنتتىكى دېھقانلارنىڭ كۆڭلىگە شۇ ئايانكى، شىنمېيدىن قىلىۋاتقان كىرىم بۇ ئىككى يىلدا ئۇدا ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما كەمتۈكلۈكلەرمۇ ئاز ئەمەس. مەسىلەن، ھوسۇل مەسىلىسى، ئەشيا ئوبوروتى مەسىلىسى ۋە سېتىش بازىرى مەسىلىسى.

پەيزاۋات ناھىيەسى باغ - ئورمانچىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى بەرپا قىلىش، يېزا ئىگىلىكى ئۈچۈن ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىدىغان باغ - ئورمان كەسپىي تېخنىكا مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇش، باشلامچى كارخانىلارنى كىرگۈزۈش، دېھقانلارنى ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشقا يېتەكلەش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، بۇ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلىدى. بۇ يىل، پۈتۈن كەنتتىكى 5000 مودىن ئارتۇق يەردىكى شىنمېينىڭ ئوتتۇرىچە مو بېشى ھوسۇلى 500 كىلوگىرامغا يېتىدۇ، ھوسۇلنى ئەڭ كۆپ ئالغان دېھقانلارنىڭ مو بېشىدىن ئالىدىغان ھوسۇلى 1.2 توننىغا يېتىپ، مو بېشى كىرىمى 10 مىڭ يۈەندىن ئېشىشى مۇمكىن.

ساھە، كارخانىلارنىڭ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش ئېڭىمۇ ئوخشاشلا ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. گۇما ناھىيەسى كوئېنلۇن لۈيۈەن ئېشەك سۈتى تالقىنى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدا، مۇخبىر ئەينەك ئايرىپ تۇرغان ئىشلەپچىقىرىش سېخى ئىچىدىكى ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىلغار ئاپتوماتلاشقان ئۈسكۈنىلەر ئىكەنلىكىنى كۆردى. ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ زېشى مۇنداق تونۇشتۇردى: مەھسۇلاتنىڭ رىقابەت كۈچى سۈپەتتە، ئەگەر سۈپەت ياخشى بولمىسا، پۈتكۈل ساھەگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ھەرقانچە كۆپ قىيىنچىلىققا يولۇقساقمۇ، باقمىچىلىق، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تەربىيەلەش، پىششىقلاش، توشۇش، سېتىش قاتارلىق ھەربىر ھالقىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلايمىز. كېيىنكى قەدەمدە ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدا سوغۇق ساقلاش زەنجىرى مەركىزى قۇرۇپ، گۇما ناھىيەسىدىن خوتەن شەھىرىگە توشۇشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى راۋانلاشتۇرىمىز.

يۇقۇم قاتارلىق پايدىسىز ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاز بولمىغان ساھە قىيىنچىلىققا ئۇچرىدى. ھالبۇكى، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممە بىر نىيەتتە تىرىشىپ ئىشلەپ، قانچىكى جاپالىق، خەتەرلىك بولغانسېرى، شۇنچىكى ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئىشەنچ ۋە جاسارەت بىلەن، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى