تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتىن ئىبارەت بۇ ماھىيەتتىن تۈزەش ئۈنۈملۈك رېتسېپىدىن ياخشى پايدىلىنايلى

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

چىگىش، مۇرەككەپ زىددىيەت ۋە مەسىلىلەر ئىچىدىن ئاساسىي زىددىيەت ۋە زىددىيەتنىڭ ئاساسىي تەرىپىنى چىڭ تۇتقاندىلا، «بىرىنى تۇتۇش ئارقىلىق ھەممىگە تەسىر كۆرسىتىش» ئۈنۈمىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش دەل پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ۋە ئالاھىدىلىكىنى ئومۇميۈزلۈك تەھلىل قىلىش ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويغان ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشتىكى ماھىيەتتىن تۈزەش ئۈنۈملۈك رېتسېپى.

ھازىر، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئېغىر زەربىسى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشىنىڭ تەسىرىدە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى مىسلىسىز قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا دۇچ كەلدى، قانچىكى مۇشۇنداق ۋاقىتتا، بېسىمنى شۇنچە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىش تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىنى ياخشىلاشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، ئىشنى ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسىدىن باشلاپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىنىڭ ئېھتىياج ئۆزگىرىشىگە بولغان ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتۇر.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئۈنۈمسىز تەمىناتنى زور كۈچ بىلەن تۈگىتىپ، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەت ئىلكىدىكى مۈلۈك، دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلار، تىجارەت - سودا مۇھىتى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلەتتى، تەرەققىيات شەكلى كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلما سىجىل ئەلالىشىپ، ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى تېز ئالمىشىپ، تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. كىشىنى خۇشال قىلىدىغان بۇ ئۆزگىرىشلەر تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى گەۋدىلەندۈردى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىش ئېشىشنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يېتىلدۈرۈش، ئالدىن بايقاش ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، تېخىمۇ مۇھىمى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە بىز جەزمەن چىڭ تۇرىدىغان ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىقتىسادىي خىزمەتنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى.

تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتا، دىيالېكتىكىلىق تەپەككۇردىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. تەمىنات تەرەپ بىلەن ئېھتىياج تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىنى دىيالېكتىكىلىق ئىگىلەپ، ھەم تەمىنات تەرەپكە ئەھمىيەت بېرىش، ھەم ئېھتىياج تەرەپكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بىر تەرەپتىن، تەمىنات تەرەپكە كۈچەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئىزدەپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن، ئېھتىياج تەرەپتە خەلق تۇرمۇشى يۆنىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىستېمالنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇپ، بازار ئېھتىياجىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىش كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز «بۇزۇش» «تۇرغۇزۇش» «تۆۋەنلىتىش»نى مۇھىم نۇقتا قىلىپ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ۋە «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق كۆپ جەھەتتە ماسلىشىپ كۈچەپ، «تەمىنات» بىلەن «ئېھتىياج»نىڭ ھەرقايسىسىنىڭ مۇھىم تەرىپى بولۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرغاچقا، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى تەمىنات - ئېھتىياج تەڭپۇڭلۇقىنى ئىشقا ئاشۇردى.

تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتا، مۇقىم بولۇشنى باش ئورۇنغا قويۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك. خەۋپ - خەتەر، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتا، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ۋاقتىدا تاقابىل تۇرۇپ، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزگەندە، ئاندىن تەرەققىيات رىتىمى ۋە تەڭشەش - تىزگىنلەش سالمىقىنى ئىلمىي، پۇختا ئىگىلەپ، ئىقتىسادنىڭ تېخىمۇ تەكشى، مۇقىم، كۈچلۈك بولغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ. ھازىرقى ۋەزىيەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى چۆرىدەپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ كەسىپ سىياسىتى ۋە سېلىنما يۆنىلىشىنى نىشانلاپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئۇزاق مۇددەتلىك ئېھتىياجنى كۆزلەپ، مەۋقەنى ئۆز ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، كەمتۈكلۈكلەر، ئاجىز تۈرلەرنى تولۇقلاشقا بىرلەشتۈرۈپ، تۈرلەرنى ئىلمىي پىلانلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تۈر قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىقنى ساقلاش كېرەك.

تەرەققىيات تېما، ئىسلاھات كۈچ سەرپ قىلىش. خەۋپ - خەتەر، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتا، بىز تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتىن ئىبارەت بۇ ماھىيەتتىن تۈزەش ئۈنۈملۈك رېتسېپىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، باشتىن - ئاخىر ئىسلاھات چارىسى ئارقىلىق تەرەققىيات داۋامىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ماھىر بولساقلا، چوقۇم شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئۇزاققىچە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى