تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېشىللىق ئىدىيەسى، يېشىللىق ھەرىكىتى ھاللىق جەمئىيەت ئاساسىي رېڭىنى يېشىل تۈسكە كىرگۈزدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ يۈجاۋ

باغراش ناھىيەسىدىكى باغراش كۆلىنىڭ قومۇشلۇق ئىچىدىكى دەريا يولى ئەگرى - بۈگرى بولۇپ، خۇددى يېشىل رەڭلىك «سۇلۇق يەر تاشيولى»غا ئوخشايدۇ (8 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).

(نيەن لېي فوتوسى)

پوسۇلكىلارنى ئېچىشقا ناھايىتى كۈچ سەرپ قىلىنىدىغان بولۇپ، بىر قەۋەت - بىر قەۋەتتىن ئېچىشقا توغرا كېلىدۇ؛ ئوراپ قاچىلايدىغان ماتېرىياللار بەك مۇرەككەپ، يىغىۋالغىلى بولمايدۇ، بىر تەرەپ قىلىش تەس. بۇنداق ئوراپ قاچىلاش ماتېرىياللارنى ئىسراپ قىلغانلىق، مۇھىت ئاسرىمىغانلىق. يېقىندا دۆلەت بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش باش ئىدارىسى قاتارلىق سەككىز تارماق بىرلىشىپ «تېز يوللانمىلارنى يېشىل ئوراپ قاچىلاشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، تېز يوللانمىلارنى ئوراپ قاچىلاش «يېشىل ئىنقىلاب»قا تۈرتكە بولدى.

تېز يوللانما بۇيۇملىرىنىڭ زىيادە ئوراپ قاچىلىنىشى ئىلگىرى كەڭ كۆلەمدە ئەيىبلەشكە ئۇچرىغان. بۈگۈنكى كۈندە قانۇن - نىزام شەكلىدە يېشىل ئوراپ قاچىلاشقا تۈرتكە بولۇش پۈتۈن جەمئىيەتتە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يېشىللىق ئىدىيەسىنى تەشەببۇس قىلىش، يېشىل تەرەققىيات ۋە تۇرمۇش شەكلىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەنلىكنىڭ روشەن مىسالى بولۇپ قالدى. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە چوڭقۇر سىڭىپ كىرىپ، تۇرمۇش شەكلىمىزنى چوڭقۇر ئۆزگەرتمەكتە.

باش شۇجى شى جىنپىڭ: يېشىل تەرەققىياتقا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. بۇنى قوللانما قىلىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىز پىلان تۈزۈپ ئورۇنلاشتۇرۇپ يېشىل ئىشلەپچىقىرىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېشىل تۇرمۇشنى تەشەببۇس قىلدى. بۈگۈنكى شىنجاڭدا يېشىل رەڭ تەرەققىياتنىڭ يارقىن ئاساسىي رېڭىگە ئايلاندى.

يېشىل ئىشلەپچىقىرىش: يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى

كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت ئاستىدىكى زاۋۇت رايونى يېشىللىق بىلەن پۈركەنگەنىدى. سېختا يېشىل تېخنولوگىيە قوللىنىلىدۇ، چاڭ - توزان، بۇلغىما قويۇپ بېرىلمەيدۇ.

شىنجاڭ فۇفېڭ بىيو پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئېچىتىش سېخىدا، ئېچىتىش باكى توختىماي ئايلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ھاۋادا بۇرۇننى ئېچىشتۇرىدىغان پۇراق يوق ئىدى. بۇنىڭ سەۋەبى، فۇفېڭ بىيو پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئىقتىسادىي ئۈنۈم بىلەن يېشىل ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە نىسبەتەن ماسلاشقان بىللە ئۆتۈش ئەندىزىسىنى تېپىپ چىقىپ، قوناقنى پىششىقلاپ بىيو پولىساخارىد، ئامىنو كىسلاتاسىغا ئايلاندۇرۇپ، چىقىرىندىلارنى ئېچىتىپ بىيوئورگانىك ئوغۇتقا ئايلاندۇرۇپ، قوناق خام ماتېرىيالىنى «تولۇق ئىستېمال قىلدى».

بۇ شىركەتنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە شىركىتىمىز كىچىك تۈردىكى ئامىنو كىسلاتاسى، مىكرو ئورگانىزملىق پولىساخارىد ئاساس قىلىنغان مەھسۇلات زەنجىرىنىڭ «يېزا ئىگىلىكى - بىيوياسىمىچىلىق - كىچىك تۈردىكى ئامىنو كىسلاتاسى، مىكرو ئورگانىزملىق پولىساخارىد ھەم ئوغۇت - دېھقانچىلىق»تىن ئىبارەت ئايلانما ئىقتىساد تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى، مەھسۇلاتلىرىمىز پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلدى.

كارخانىلارنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش جەريانىدىكى ئېنېرگىيە، بايلىقتىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش نىسبىتى زور دەرىجىدە ئاشتى، يېشىل ئىشلەپچىقىرىش ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. 2018 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئالدى بىلەن ئۆلكە دەرىجىلىك يېشىل ياسىمىچىلىق سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش، ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ يېشىل تەرەققىي قىلىش بويىچە تېخنىكا ئۆزگەرتىشكە 450 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشىنى تاماملىشىغا تۈرتكە بولۇپ، 258 مىڭ توننا ئۆلچەملىك كۆمۈر ئېنېرگىيەسى تېجەشنى، 4 مىليون 970 مىڭ توننا سۇ تېجەشنى ئىشقا ئاشۇردى.

ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا دۆلەت دەرىجىلىك باھالاپ بېكىتىشتىن ئۆتكەن يېشىل زاۋۇت 34كە يېتىپ، سان جەھەتتە ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى ئۆلكىلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. بۇنىڭ ئارقىسىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېشىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش ئىرادىسى ۋە تىرىشچانلىقى بار.

بۇ يىل 5 - ئايدا، ئاپتونوم رايونىمىز «2020 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ سانائەت يېشىل تەرەققىياتى ھەرىكەت لايىھەسى»نى بېسىپ تارقىتىپ يولغا قويۇپ، يېشىل لايىھەلەش، يېشىل تېخنىكا ۋە ھۈنەر - سەنئەت، يېشىل ئىشلەپچىقىرىش، يېشىل باشقۇرۇش، يېشىل تەمىنلەش زەنجىرى تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، يېشىل تەرەققىياتنى مەھسۇلاتنىڭ پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكىگە سىڭدۈرۈپ، ھەم ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدىغان، ھەم ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدىغان يېشىل تەرەققىيات ئەندىزىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش: يېڭى بوشلۇقنى تەرەققىي قىلدۇردى

بىرنەچچە مو سۇلۇق ئېتىزدا راك بىلەن كۆكتات بىللە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. ئاقتۇ ناھىيەسى شىنشىن شياباۋ ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى بىلەن سۇلۇق يەر ئاغدۇرۇپ تېرىقچىلىق قىلىشتىن ئىبارەت ئەسلىدىكى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئىلمىي ئېكولوگىيەلىك لايىھەلەش ئارقىلىق ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچ ئېلىپ كەلدى.

«يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ قالدۇقلىرىنى ئېچىتىدىغان بىيوباكتېرىيە ئارقىلىق سۇنىڭ كىسلاتالىق - ئىشقارلىق دەرىجىسىنى تەڭشەپ، جياۋبەي تېرىپ سۇنى ساپلاشتۇرۇپ، ئېتىزدا شياۋلۇڭشيا بېقىپ ئۇنىڭغا ياۋا ئوت - چۆپلەرنى يېگۈزىمىز، قىغلىرى جياۋبەي ئېتىزىدىكى ئوغۇتنى كۆپەيتىدۇ.» بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى چېن جۈچۈەن مۇنداق چۈشەندۈردى: بۇنداق دەۋرىيلەشتۈرگەندە راك بىلەن كۆكتاتلارنى بىللە ئۆسۈپ يېتىلدۈرگىلى، باقمىچىلىق تاشلاندۇقلىرىنى زىيانسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

تېرىقچىلىق بىلەن باقمىچىلىقنى دەۋرىيلەشتۈرۈش، دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىقنى بىرلەشتۈرۈش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېشىل بايلىقنى كۈچەپ جانلاندۇرغانلىقىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى.

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىش يولىدا قەتئىي مېڭىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا قوش پايدىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھاللىق جەمئىيەتكە يۈرۈش قىلىش يولىدا ماڭغانسېرى ئىشەنچكە تولدى.

«باش ئەتىيازدا شاخ - شۇمبىلار كۆيدۈرۈلىدۇ، ھەممە يەرنى ئىس - تۈتەك، كۈل قاپلاپ كېتىدۇ.» ئون نەچچە يىل بۇرۇنقى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىق خىزمىتى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ خۇسۇڭتۇ خارسۇن موڭغۇل يېزىسىدىكى دېھقان جېڭ يۈمىننىڭ ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىدە. ھالبۇكى بۇ بىرنەچچە يىلدا، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى يېزىلاردىكى شاخ - شۇمبىلاردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش ۋە تاشلاندۇق سولياۋ يوپۇق، دېھقانچىلىق دورىسى بوتۇلكىلىرىنى يىغىۋېلىشنى كۈچەيتتى. ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر - سەنئىتى قالاق، بۇلغىشى ئېغىر تۈرلەرنى قەتئىي شاللىۋەتتى ۋە ئەمەلدىن قالدۇردى. ئورگانىك خىمىيەۋى ئوغۇت ئىشلەپچىقىرىش ۋە يېشىل يېمەكلىك پىششىقلاش كارخانىلىرىنى كىرگۈزۈشنىڭ ھەممىسى يېشىل تەرەققىيات بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولدى.

سانائەت كېرەكسىز سۈيىنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈپ قويۇپ بېرىشتىن دەۋرىي پايدىلىنىشقىچە، سۇ بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسىنى ئومۇميۈزلۈك كىرگۈزۈشتىن ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئېچىشقىچە، دېلەن سۇچىلىق تېخنىكىسى پاي چەكلىك شىركىتى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سانائەت باغچە رايونلىرى ۋە سانائەت كارخانىلىرىنىڭ كۆپ ساھەدىكى سۇ بۇلغىنىشىنى تۈزەش ھەم سۇ بايلىقىدىن قايتا پايدىلىنىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

«شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقى تەمىناتى بىلەن سانائەت ئەندىزىسى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت گەۋدىلىك، بىز سۇ بۇلغىنىشىنى تۈزەشكە كۈچ چىقىرىپ، پاسكىنا سۇنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈپ قويۇپ بېرىشتىن دەۋرىيلىك پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشقا كارخانىلارنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشى ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئېلىپ كەلدۇق.» بۇ شىركەتنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە، كارخانىمىز شىنجاڭدىكى نۇرغۇن كارخانىنى سانائەت كېرەكسىز سۈيىنى بىر تەرەپ قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى، ئالاقىدار ساھەلەردىكى جەمئىي 12 باغچە رايونىدىكى خېرىدارلارنى يېشىل ياسىمىچىلىق سىستېمىسى بويىچە ھەل قىلىش لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى، سانائەت باغچە رايونىدىكى كارخانىلارنىڭ سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق كۆرسەتكۈچنى %50تىن %100كىچە ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بەردى.

يېڭىلىق يارىتىش سىياسىتىنى تۈزۈش، سانائەت رايونى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش، مۇھىم، زور تۈرلەرنى باشلاش، پەن - تېخنىكا، پۇل مۇئامىلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، سۇپا قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەر ئارقىلىق، «قەپەسنى بوشىتىپ قۇشنى ئالماشتۇرۇش» ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىز ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەردە ئۈنۈم ھاسىل قىلماقتا.

يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇش: تۇرمۇشتىكى يېڭى مودىغا ئايلاندى

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىز ئاددىي، مۇۋاپىق، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىپ، مەدەنىي، ساغلام تۇرمۇش كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.

«گۈرۈچ، كۆكتات يۇيغان سۇنى يىغىپ گۈللەرنى سۇغارغىلى بولىدۇ، ھاۋا تەڭشىگۈچنى 24 سائەت ئېچىپ قويۇش ھاجەتسىز، كىيمەيدىغان كىيىملەرنى ئولتۇراق رايوندىكى كونا كىيىملەرنى يىغىۋېلىش ساندۇقىغا سېلىپ قويسا بولىدۇ... بۇلارنىڭ ھەممىسى تۇرمۇشتا تەۋسىيە قىلىشقا ئەرزىيدىغان <يېشىل پىرىنسىپ>.» ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى سۇڭ شاۋخۇڭ ئېنېرگىيە تېجەش كەسىپ ئەھلى بولۇپ، تۇرمۇشتىكى يېشىل ھەرىكەتكە نىسبەتەن زور تەسىراتقا ئىگە.

يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇش يېڭى سۆزلۈك ئەمەس، نۇرغۇن كىشى «يېشىل»نى تۇرمۇشىغا سىڭدۈردى. «يېمەكلىكنى ئىسراپ قىلماسلىق ھەرىكىتى» تېجەشلىك بولۇشتا مودىغا ئايلاندى، ھەمبەھرە ئىقتىساد بايلىق تېجەشكە تۈرتكە بولدى، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىش ھاسىلىي بايلىقنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتتى...

يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇش كۈندىلىك تۇرمۇشتىلا ئەمەس، يەنە ياشاش مۇھىتىدىمۇ ئىپادىلىنىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرى بەخت يولىدىكى «شىڭفۇباۋ پاسسىپ سەرپىياتلىق ئىمارەت» كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئېنېرگىيە تېجەش ئۈنۈمى ۋە تېخىمۇ يۇقىرى ئازادىلىك دەرىجىسى بىلەن ئالقىشقا ئېرىشتى.

بۇ ئىمارەت ئۆز قۇرۇلمىسى ئارقىلىق يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىسسىقلىق ساقلاش، ئىسسىقلىق ئۆتكۈزمەسلىكتەك ئىقتىدارنى ھازىرلايدۇ ھەم قۇياش ئېنېرگىيەسى ۋە ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ئىسسىقلىق تارقىتىشىدىن پايدىلىنىپ ئۆينى ئىسسىقلىق مەنبەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەمىنلىنىدىغان ئېنېرگىيەنى ئاز ئىشلىتىدۇ ياكى ئىشلەتمەيدۇ، ھەر يىلى ھەر كىۋادرات مېتىرغا سەرپ قىلىنىدىغان تەبىئىي گاز ئۈچ كۇب مېتىرغىمۇ يەتمەيدۇ، بۇ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئادەتتىكى ئېنېرگىيە تېجەيدىغان قۇرۇلۇش سەرپىيات مىقدارىنىڭ ئاران ئۈچتىن بىر قىسمىغىلا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىز يېڭىدىن سېلىنىدىغان تۇرالغۇلاردا %75 ئېنېرگىيە تېجەش قۇرۇلۇش لايىھە ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىشنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتى ئادەتتىن تاشقىرى تۆۋەن، پاسسىپ سەرپىياتلىق ئىمارەتلەرنى نۇقتىدا سىناق قىلىش، ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرىدۇ.

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك ئاممىۋى ئاپپاراتلار پائال تۈردە يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان، مۇھىت ئاسرايدىغان، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شەكلىنى تەشۋىق قىلدى، تەشەببۇس قىلدى. ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە دۆلەت ئېنېرگىيە ئۈنۈمى باشلامچىلىرىدىن ئالتىنى، دۆلەت دەرىجىلىك تېجەشچان ئاممىۋى ئاپپارات ئۈلگە كۆرسىتىش ئورنىدىن 36نى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تېجەشچان ئاممىۋى ئاپپارات ئۈلگە كۆرسىتىش ئورنىدىن 243نى بەرپا قىلدى.

ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش، ئەمەلىيەت بولغاچقا، ئاپتونوم رايونىمىز مول ھەم جانلىق بولغان يېشىل ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شەكلى ئارقىلىق يېشىل ھاللىق سەۋىيە نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى