تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

13-ئاغرىقلار رايونىدىكى سېسترا: ئاغرىقنىڭ ھەربىر تەپسىلاتىنى بىز كۆڭلىمىزدە ساقلايمىز

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن خەۋەرى): «بىز كەتتۇق! غەيرەت قىلىڭلار!» «غەيرەت قىل!» 8-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 13تە، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن د‍وخت‍‍ۇرخانىسىنىڭ 13-ئاغرىقلار رايونىدىكى ك‍‍ارىدورىدا ئ‍‍القىش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش ساداسى ياڭرىدى، ش‍‍ۇ كۈنى يەنە ئ‍‍ىككى ئ‍‍اغرىق س‍‍اقايىپ د‍وخت‍‍ۇرخانىدىن چىقتى، باشقا ئ‍‍اغرىقلار كېسەلخانا ئىشىكى ئالدىدا بىخەتەر ئارىلىق ساقلاپ، چاۋاك چېلىپ ئۇلارنى ئۇزىتىپ قويدى ھەم ئۆزئارا مەدەت بەردى.

«بۇ بىزنىڭ كىچىك مۇراسىمىمىز، شۇنداقلا ئاغرىق رايونىدىكى ئەڭ خۇشال چاغلار.» 13-ئاغرىق رايونى پەرۋىش دەنيۈەنسىنىڭ سېسترالار ب‍‍اشلىقى لي‍‍ۇ چۇنخۇانىڭ ئ‍‍اۋازىدىن خ‍‍ۇشاللىق چىقىپ تۇراتتى: 8-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن بۈگۈنگىچە، ئ‍‍ۈچ ك‍‍ۈندە ج‍‍ەمئىي ئ‍‍التە ئ‍‍اغرىق س‍‍اقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى.

سېسترالار باشلىقى ليۇ چۇنخۇا (سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن)

13-ئاغرىقلار رايونىدا جەمئىي 18 كېسەلخانا، 44 كارىۋات، 40 سېسترا بار. ئاغرىقلار سېسترانىڭ چىرايىنى كۆرەلمەيدۇ، لېكىن داۋالاش جەريانىدا ئاغرىقنىڭ ھەربىر تەپسىلاتىنى سېسترالار كۆڭلىدە ساقلايدۇ.

ۋۇخەندىكى يۇقۇمغا قارشى جەڭگە قاتناشقان جاۋ شۆخۇڭ. (سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن)

«ماڭا ئىشىنىڭ، مەن ۋۇخەنگە ياردەم بەرگەن»

13-كېسەل رايونىدىكى 40 سېسترانىڭ 25ى شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 6-دوختۇرخانىدىن كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە سېسترالار باشلىقى ليۇ چۇنخۇا، سېسترا جاۋ شۆخۇڭ ۋە گۇ خۇي ۋۇخەندىكى يۇقۇمغا قارشى جەڭگە قاتناشقان.

جاۋ شۆخۇڭ ۋۇخەنگە ياردەم بېرىش كەچۈرمىشىنىڭ ئاغرىقلارغا تەسەللىي بېرىپ، ئۇلارنى داۋالاشقا پائال ماسلاشتۇرۇشتىكى «خاتىرجەم قىلىش كومىلىچى» بولۇپ قېلىشىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى.

ئۇ بىر 42 ياشلىق ئەر ئاغرىق بولۇپ، ئەمدىلا كىرىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا قىزىتمىسى ئۆرلەپ، كېسىلىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ناھايىتى تەشۋىشلىنىپ، تاماقنى پەقەت بىر نەچچە قوشۇقلا يېدى. جاۋ شۆخۇڭ ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە تېلېفون بەرگەندە قاپىقىنى تۈرگەن، چۈشكۈن ھالىتىنى كۆرۈپ ناھايىتى تىت-تىت بولدى.

«ئاكا، مەن ۋۇخەنگە ياردەم بېرىپ كەلگەن سېستىرا، يېشى سىزدىن چوڭ، كېسىلى سىزدىن ئېغىر ئاغرىقلارنى كۆرگەن، ئۇلار ياخشى تاماق يەپ، داۋالاشقا ئاكتىپ ماسلىشىپ، چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئاخىرى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن. ماڭا ئىشىنىڭ، سىز پەقەت ياخشى تاماق يەپ، داۋالاشقا ئاكتىپ ماسلاشسىڭىز، سىزمۇ ياخشى بولۇپ كېتىسىز!»

جاۋ شۆخۇڭنىڭ تەسەللىيسى ئۈنۈم كۆرسەتتى، ئاغرىق پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىپ داۋالاشقا پائال ماسلىشىپ، تاماقنى ياخشى يېدى، قىزىتمىسى يانغاندىن كېيىن ئاكتىپلىق بىلەن چېنىقتى، سالامەتلىكى بارا-بارا ئەسلىگە كەلدى.

«بىز ھەر كۈنى ئۇنىڭغا مەدەت بېرىمىز، ئۇنىڭ چىرايىدا تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.» جاۋ شۆخۇڭ مۇنداق دېدى: «ئاغرىقنىڭ كۈلكىسى ھەقىقەتەن بەك مۇھىم، چۈنكى ھەممىمىز ئۇنىڭ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىشەنچىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى بىلىمىز».

كۆز ئاسراش ئەينىكى ۋە ماسكا جاڭ خەييەننىڭ يۈزىدە ئىز قالدۇردى. (سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن)

ئاغرىقنىڭ بىر ئېغىز «يېقىنلاشماڭ» دېگەن سۆزىدىن تەسىرلىنىپ ياش تۆكۈش

سېسترا جاڭ خەييەن يۇقۇمغا قارشى «جەڭ»گە تىزىملىتىشتىن بۇرۇن، بىرىنچى سەپتە خىزمەت قىلىۋاتقان ئېرى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، سۈتتىن يېڭى ئايرىلغان بالىسىنى ئانىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى. «سەككىز يىل سېسترا بولغان بولساممۇ، قەلبىم يەنىلا كۈچلۈك ئىدى، شۇڭا يىغلىمىدىم.» جاڭ خەييەن ئۆزىنىڭ ئاغرىقلار رايونىغا كىرگەندە ئەكسىچە ياش تۆككەنلىكىنى ئېيتتى.

«بىزنىڭ ئاغرىقلار رايونىمىزدا 72 ياشلىق بىر موماي بار بولۇپ، ئوتتۇرا بوي، مېھرىبان كىشى ئىدى، كېسەل ئەھۋالى باشقىلارنىڭكىدىن ئېغىرراق. بىر كۈنى، بۇ موماينىڭ ئاشقازان ئۈچەي يولى ئىنكاسى ناھايىتى ئېغىرلىشىپ، تۆت سائەتتە ئۈچ قېتىم ياندۇردى، تاماقمۇ يېمىدى. بىز ئۇنىڭغا ئۈچ قېتىم يوتقان كۆرپە ئالماشتۇرۇپ بەردۇق.» دېدى جاڭ خەييەن، «موماينىڭ كەيپىياتى ياخشى ئەمەس، ئائىلىسىدىكىلىرى يېنىدا ئەمەس، مەن ئىزچىل قولىنى تۇتۇپ، ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ تەسەللىي بەردىم.» كېسەلخانىدىن چىققاندىن كېيىن، جاڭ خەييەن يىغلاپ كەتتى. «موماي ماڭا يۇقۇپ قېلىشتىن قورقىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا يېقىنلاشماسلىقىمنى، كېسەلخانىدىن چىقىپ كېتىشىمنى ئېيتتى. مەن، مەن سېستىرا، بۇ مېنىڭ بۇرچۇم، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇداپىئەلىنىشمۇ ناھايىتى ياخشى، دېدىم.» جاڭ خەييەن مۇنداق دېدى: «موماي مېنى باشتىن-ئاخىر <سېسترا> دەپ چاقىرمىدى، ئەزەلدىن چوڭلارنىڭ كىچىكلەرگە كۆيىنىدىغان تەلەپپۇزى بىلەن مېنى <بالام> دەپ چاقىردى».

جاڭ خەييەن مۇنداق دېدى: «موماينىڭ باشقا ئاغرىقلارغا ئوخشاش، دوختۇرخانىدىن ساغلام چىقىپ، ئۆيدىكىلەر بىلەن جەم بولالايدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز بار».

سېسترا گۇخۇي داۋالاشخانىسىدا دوختۇرنىڭ تاپشۇرۇقىنى بىر تەرەپ قىلماقتا. (سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىدى)

ھېلىقى جىددىيلىشىپ گەپنى ئوچۇق قىلالمىغان ئاغرىق دوختۇرخانىدىن چىقتى

ئاغرىقنىڭ يېڭى كىرگەن چاغدىكى جىددىي كەيپىياتىغا تەييارلىقى بولسىمۇ، گۇ خۇي بەزى ئاغرىقلارنىڭ جىددىيلىشىپ نورمال پىكىر ئالماشتۇرالمايدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. 7-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچتە، گۇ خۇي 45-كارىۋاتتىكى ئاغرىقنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە كېسەللىك تارىخىنى سورىغاندا، 55 ياشقا كىرگەن، ئەمدىلا دوختۇرخانىغا كىرگەن بۇ ئاغرىقنىڭ قۇلقىغا گەپ كىرمىدى ھەم گەپ قىلالمىدى، تەسەللىي بېرىش ئارقىلىق، ئاخىرى ئۆزىنى بېسىۋالدى.

8-ئاينىڭ 10-كۈنى، 13-ئاغرىقلار رايونىدىكى ئاغرىقلار دوختۇرخانىدىن چىقىشقا باشلىدى، 45-كارىۋات شۇلارنىڭ بىرى ئىدى. «ئۇ كۈنى مەن كېچىلىك ئىسمېنىدا ئىشلەيتتىم، 45-كارىۋات بىلەن خوشلىشىشقا ئۈلگۈرەلمىدىم، لېكىن خىزمەتداشلاردىن ئاڭلىشىمچە، ئۇ ئاكىمىز كىچىك بالىدەك خۇشال بولۇپ، توختىماي كۈلۈپ كېتىپتۇ.» گۇ خۇينىڭ ئېيتىشىچە، بۇ بىر مەزگىللىك داۋالاش ئارقىلىق ئاغرىقلارنىڭ روھىي ھالىتى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، بۇ خىل ئۈمىدۋار كەيپىياتمۇ ئۆزئارا تارقىلىدىكەن.

«ئىلگىرى نەپەس ئېلىشىممۇ قىيىن ئىدى، سىلەر كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر، ھازىر سالامەتلىكىمنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ياخشى!» گەپ قىلىۋاتقان ئادەمنىڭ ئاۋازى جاراڭلىق، كەيپىياتى خۇشال بولۇپ، ئەگەر 13-ئاغرىقلار رايونىدا بولمىغان بولسا، ھېچكىم ئۇنىڭ ICU(ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيى)دىن كېسەلخانىغا قايتىپ كەلگىنىگە ئۇزۇن بولمىغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقى ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيتتى.

سېسترالار باشلىقى ليۇ چۇنخۇانىڭ يەر سۈرتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ياردەم قىلماقچى بولدى، دەم ئېلىشقا نەسىھەت قىلغاندا، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «سالامەتلىكىم ناھايىتى ياخشى، مېنى ئاغرىق قاتارىدا كۆرمەڭ» .

دەسلەپتە ئاغرىقنىڭ تەشۋىشلىنىش كەيپىياتى ئېغىرلىشىشىدىن، ھازىرقى ھەممە ئادەم ئاكتىپلىق بىلەن داۋالىنىشقا يۈزلىنىشكىچە، ھەر كۈنى ئاغرىقلار ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، ئاغرىقلار رايونىدا كۈلكە ئاۋازى ۋە كۈلۈمسىرەش بارغانسېرى كۆپەيدى، سېسترالارمۇ بۇ مەزگىلدە چېنىقىش ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشنى باشتىن كەچۈردى.

23 ياشلىق خۇاڭ شياۋيىڭ جاڭ خەييەننىڭ گۇرۇپپىسىدىكى ئەڭ ياش سېسترا بولۇپ، بۇلتۇر ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن خىزمەت ئورنىغا چىققانىدى. 13-ئاغرىقلار رايونىغا كىرگەن تۇنجى كۈنى، تۇنجى قېتىم مۇداپىئە كىيىمىنى كىيگەندە، ئۇ جىددىيلەشكەنلىكتىن يۈزلىرى قىزىرىپ، بېشى ئاغرىپ، دېمى سىقىلدى. ھازىر ئۇ، بىمالال ئاغرىقلارغا تەسەللىي بېرەلەيدىغان تەمكىن «دابەي» بولۇپ قالدى.

گۇ خۇي مۇخبىرغا كۆپچىلىكنىڭ بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئىشەنچىسى بارلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ۋۇخەندىكى يۇقۇمغا قارشى «جەڭ»دە ۋۇخەنلىك بىر سېسترا بىلەن تونۇشۇپ قالدى ھەم چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى: «ئۇ ۋېيشىندا ماڭا مەدەت بەردى، بىز دېيىشىۋالدۇق، يۇقۇم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەن ئۇنى شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى