تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنىڭ ئەڭ گۈزەل ئاساسىي رېڭىگە ئايلاندۇرايلى

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

«سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق»، باش شۇجى شى جىنپىڭ 15 يىل ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويغان «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» ئىدىيەسى بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق تونۇشى ۋە ھەرىكىتىگە ئايلاندى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى بىرتۇتاش پىلانلىشىنى ئىلمىي كۆرسەتمە بىلەن تەمىنلىدى.

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا، يېشىللىق ئەڭ گۈزەل ئاساسىي رەڭ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىت خەلق تۇرمۇشى دېمەكتۇر، يېشىل تاغ گۈزەللىك دېمەكتۇر، كۆك ئاسمانمۇ بەخت دېمەكتۇر، دەپ تەكىتلىدى. بۇ، دەل ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ئەڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ مۇھىم ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» ئىدىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى ماس ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇردى. بىز كۆكيار چۆللۈكنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، باغراش كۆلى قاتارلىق كۆللەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى تۈزەش، ئۈرۈمچىدە كۆمۈر ئىشلىتىشنى گاز ئىشلىتىشكە ئۆزگەرتىش قاتارلىق زور بىر تۈركۈم مۇھىتنى تۈزەش قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويۇپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشتىن ئىبارەت تۆت مەيدان نامايەندە خاراكتېرلىك جەڭنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى قىلىپ، تەرەققىي قىلىش داۋامىدا قوغداپ، قوغداش داۋامىدا تەرەققىي قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئېكولوگىيە پايدىسىدىن تولۇق بەھرىمەن قىلدۇرۇپلا قالماي، يەنە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ئۈچۈن ياخشى ئاساس سالدۇق.

لېكىن شۇنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەككى، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئاجىز، مۇھىتنى تۈزەشنى كۈچەيتىشتە ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق. ھازىر، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كۆز ئالدىمىزدىلا، جەزمەن ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى كۈچەيتىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت كەمتۈكلۈكىنى تېزدىن تولۇقلىشىمىز كېرەك.

باشتىن - ئاخىر يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. تەپەككۇر ئەندىزىنى بەلگىلەيدۇ، ئىدىيە ھەرىكەتكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. شىنجاڭ چوڭ، ئەمما بىر پارچە قارا بۇلۇتنىمۇ سىغدۇرالمايدۇ؛ شىنجاڭ گۈزەل، ئەمما ئازراق پاسكىنا سۇنىڭ بولۇشىغىمۇ يول قويمايدۇ. بىز ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق، بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ دەيدىغان ئىلمىي تەبىئەت قارىشىنى، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، قار - مۇزلۇقمۇ بايلىق دېگەن مۇھىم تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىگە ئايلاندۇرۇپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقنى ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىگە ئايلاندۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

يېشىل تەرەققىياتقا پايدىلىق تۈزۈلمە مېخانىزمنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىشىمىز كېرەك. تۈزۈم ئارقىلىق ئەڭ نېگىزىگىچە باشقۇرغىلى بولىدۇ، ئەڭ ئۇزاققىچە باشقۇرغىلى بولىدۇ. «سىگنال چىرىغى»نى ياندۇرۇپ، قانۇنچىللىق، مەمۇرىيەت، بازار، پەن - تېخنىكا قاتارلىق كۆپ خىل ۋاسىتىلەردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ مۇھىتنى تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيە قىزىل چېكى، تۆۋەن چېكىنى قاتتىق ساقلاپ، «ئۈچ يۇقىرى» تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قاتتىق چەكلەپ، ئەڭ قاتتىق بولغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش تۈزۈمى ۋە بوشلۇقنىڭ ئىشلىتىلىشىنى تىزگىنلەش تۈزۈمى، ئەڭ قاتتىق بولغان سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان تۈرلۈك قىلمىشلارغا «قىلچە يول قويماسلىق»ىمىز كېرەك. «يېڭى ئۆلچەم» بېكىتىپ، پەقەت GDP ئارقىلىقلا قەھرىمانلارنى باھالاشتىن ساقلىنىپ، بايلىق سەرپىياتى، مۇھىت ئاسراش، ئېكولوگىيە ئۈنۈمى قاتارلىقلارنى ئۇنىۋېرسال باھالاش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، مۇھىت ئاسراش پولات قوشۇنى قۇرۇپ، يېشىل رەڭنى كادىرلارنىڭ سىياسىي نەتىجىسىنىڭ ئاساسىي رەڭگى، ئاساسىي مېلودىيەسىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

يېشىل تەرەققىيات ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. تەرەققىيات ئۇسۇلى تەرەققىيات ئۈنۈمىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. يېشىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، پەن - تېخنىكا تەركىبى يۇقىرى، بايلىق سەرپىياتى تۆۋەن، مۇھىت بۇلغىشى ئاز ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىغا تۈرتكە بولۇشقا توغرا كېلىدۇ. قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسى ۋە ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى كۈچەپ تەڭشەپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، يېڭى ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. ئاددىي، مۇۋاپىق، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش شەكلىنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، بايلىقنى ئومۇميۈزلۈك تېجەش ۋە تەكرار پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى ۋە تۇرمۇش سىستېمىسىنى دەۋرىي تۇتاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

ئادەملەر يېشىل تاغلارغا يۈز كېلەلىسە، يېشىل تاغلارمۇ ئادەملەرنى چوقۇم نائۈمىد قويمايدۇ. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باشتىن - ئاخىر ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرساقلا، بىز چوقۇم شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، يېرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك، مۇھىتىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلالايمىز، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنىڭ ئەڭ گۈزەل ئاساسىي رېڭىگە ئايلاندۇرالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى