تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق»نىڭ يېڭى يۆگىمە رەسىمى بىرلىكتە سىزىپ چىقىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ليۇ دۇڭلەي

لوپنۇر ناھىيەسىدىكى لوپنۇر دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى (6 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان). يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تارىم دەرياسى ئېقىن رايونى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، بۇ سۇلۇق يەر باغچىسى كۆپلىگەن ياۋايى ھايۋانلارنى بۇ يەرگە كېلىپ كۆپىيىش، ياشاشقا جەلپ قىلدى.

(لى فېي فوتوسى)

سوزۈلۇپ ياتقان كوئېنلۇن تېغى، تىيانشان تېغى، ئالتاي تېغىدىن ئىبارەت ئۈچ غايەت زور تاغ تىزمىسىنىڭ مۇزلۇق زاپىسى مول، بىپايان قويۇق ئورمان بىلەن قاپلانغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تەبىئىي ئېكولوگىيە ئاساسىنى بەرپا قىلغان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسرىدى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ھاياتقا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلدى. «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» ئىدىيەسى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا جانلىق ئەمەلىيەتكە ئايلاندى.

ئادەملەر يېشىل تاغلارغا يۈز كېلەلىسە، يېشىل تاغلارمۇ ئادەملەرنى چوقۇم نائۈمىد قويمايدۇ. شىنجاڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسرىغاچقا، تەبىئەت دۇنياسى قايتۇرغان بارغانسېرى كۆپ جاۋابقا ئېرىشمەكتە. 25 مىليون ھەر مىللەت ئامما سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ ئارىسىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىپ، پۇختا قەدەم بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە ئاتلانماقتا.

سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى تەرەققىيات بوشلۇقى

سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق. تارىم دەرياسى ئېقىن رايونىدىكى 12 مىليون ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بۇ سۆزگە بولغان تەسىراتى ئەڭ چوڭقۇر. 20 نەچچە يىللىق ئېكولوگىيەنى تۈزەشنى باشتىن كەچۈرۈش ئارقىلىق، بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، تارىم دەرياسى ئېقىن رايونى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ۋەزىيىتى يەنىمۇ كۈچىيىپ، كىشىلەرنى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ پايدىسىدىن بەھرىمەن قىلدى.

ئاسماننىڭ كۆك، يەرنىڭ يېشىل، سۇنىڭ سۈزۈك بولۇشى مۇقەررەر ھالدا ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ زور يۆتكىلىشچان بوشلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇڭا، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ يەر يۈزىدە كۆرگىلى بولىدىغان خەزىنە ھېسابلىنىدۇ.

ئىلگىرى ئىنتايىن ناچارلاشقان ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تارىم دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان ئاساسلىق ئامىل ئىدى. قۇمتاغ بىلەن تەكلىماكاندىن ئىبارەت ئىككى چوڭ قۇملۇقنىڭ ئايرىم - ئايرىم ئىككى تەرەپتىن 360 كىلومېتىر قىستاپ كېلىشى بىلەن، تارىم دەرياسى تۆۋەن ئېقىنىدىكى يېشىل ئېكولوگىيە كارىدورى خەۋپ ئىچىدە قالغانىدى.

2001 - يىلى، بىڭتۇەن 2 - شىسى 31 - تۇەنىنىڭ خىزمەتچىسى جوۋ چياڭ تارىم دەرياسى تۆۋەن ئېقىنىدىكى ئۆيىدىن ئايرىلىپ، ئون يىلغا سوزۇلغان كۆچۈپ يۈرۈش تۇرمۇشىنى باشلىدى. «ئەينى چاغدىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش كەچۈرۈشىمىزگە ماس كەلمەيدىغان بولۇپ قالغانىدى» دېدى جوۋ چياڭ.

ئۈزۈلدۈرمەي ئېكولوگىيەلىك سۇ باشلاش تارىم دەرياسىدا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى، دۆلەت يولى 312 - لىنىيەسى بويىدىكى ئېكولوگىيە كارىدورى قايتىدىن ھاياتىي كۈچكە تولدى. 2011 - يىلى، جوۋ چياڭ يۇرتىغا قايتىپ، زامانىۋى ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ كېۋەز تېرىدى، تۇرمۇشى كۈندىن - كۈنگە روناق تاپتى. ئۇ تۇرىدىغان جايدىن 300 كىلومېتىر يىراقلىقتا، چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك چىلىنى دۆلەت يولى 312 - لىنىيەسى ئارقىلىق مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئۈزلۈكسىز توشۇلدى، باغ - ئورمانچىلىقنى مۇھىم ۋاسىتە قىلىش ئارقىلىق، چاقىلىق ناھىيەسى يېشىللىققا پۈركىنىش بىلەن بىللە، يەنە شىنجاڭدىكى كىشى بېشى كىرىمى ئەڭ يۇقىرى ناھىيەلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

نوقۇل ھالدا تۆۋەن ئېقىنغا سۇ باشلاشتىن بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن ئېقىن رايونىغا ئېكولوگىيەلىك سۇ تولۇقلاشقىچە، تارىم دەرياسىنى تۈزەش نەتىجىلىرى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېتىدىكى ئېكولوگىيەلىك توسۇقنىڭ رولى يىلدىن - يىلغا كۈچىيىپ، ئاقسۇدىن كورلىغىچە بولغان لىنىيە بويىدىكى نۇرغۇن شەھەرلەرنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارغانسېرى ياخشىلاندى.

«ئىلگىرى پۇقرالار <ياشاش ئۈچۈن تىرىشاتتى>، ھازىر كىشىلەر <ئېكولوگىيە ئۈچۈن تىرىشىدۇ>. باش شۇجى شى جىنپىڭ: تاغلار يېشىللىققا پۈركىنىش، سۈزۈك سۇ ئېقىپ تۇرۇش، ھاۋا دائىم ساپ بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك، دېدى. بۇ دەل ئاقسۇنىڭ شەھەر قۇرۇلۇش يۆنىلىشى» دېدى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى دوۋ ۋەنگۇي.

1800 مو كۆلەمدىكى ئاقسۇ دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسىدا، ياۋا گۈللەر، سۇ ئوتلىرى ۋە مەجنۇنتاللار گىرەلىشىپ كەتكەن يېشىللىق 20 نەچچە چوڭ - كىچىك تەبىئىي كۆلنى بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ گۈزەل تۈسكە كىرگەنىدى. ئورمان باغچىسى بۈك - باراقسان بولۇپ، سەيلىگاھ، يېشىللىقلارنى ھەممىلا يەردە كۆرگىلى بولاتتى.

ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاقسۇ شەھىرىنى تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ئىقتىساد - سودىنىڭ جانلىنىشى ۋە كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھەميېنىنى ئۈزلۈكسىز تومپايتتى.

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاكتىپ قوغداش ھەرىكىتى شىنجاڭغا بارغانسېرى كەڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات بوشلۇقى يارىتىپ بەرمەكتە.

مۇھىتنى ئاسراش تەرەققىيات ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى

تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ مارياڭ يېزىسى پىل كەنتىدە، تاغ باغرىدا تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالسىڭىز، بىر تال سۇس «سىزىق»نىڭ تاغ چوققىسىغا سوزۇلۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا بۇلۇتلار ئارىسىدا غايىب بولغانلىقىنى كۆرىسىز. ئۇ بىر يول بولۇپ، ئىلگىرىكى قاشتېشى كانىغا تۇتىشىدۇ. ھازىر كان رايونى پۈتۈنلەي تاقالدى، ئۇ يول تاغ ئۆچكىسىنىڭ كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى بولۇپ قالدى.

قاشتېشى ئىلگىرى پىل كەنتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتىكى ئۈمىدى ئىدى، ئەمما گۈمبۈرلىگەن ئاۋاز پامىر ئېگىزلىكىنىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزدى، ياۋايى ھايۋانلار ئالاقزەدە بولۇپ قاچتى، شۇڭا يەرلىك ھۆكۈمەت توختىتىش كۇنۇپكىسىنى باستى. 2018 - يىلىدىن باشلاپ، تاشقورغاندىكى سەككىز كان رايونى ئارقا - ئارقىدىن تاقىلىپ، 1053.97 گېكتار يەردىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش بىلەن ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى قىيىن تاللاشقا دۇچ كەلگەندە، كىشىلەر ئالدىنقىسىنى تاللىدى.

«مۇھىتنى قۇربان قىلىش بەدەل قىلىنمىسا، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىمىز تېخىمۇ پۇختا، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولىدۇ» دېدى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەلىك نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ھۈسەيىن.

ھەقىقەتەن شۇنداق، تاشقورغان 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرى نامراتلىق قالپىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىۋەتتى، ناھىيە بويىچە 4051 ئائىلىدىكى جەمئىي 16 مىڭ 518 ئادەم نامرات تۇرمۇش بىلەن خوشلاشتى. تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان يېڭى يوللار ھەربىر كەنتنى ناھىيە بازىرى بىلەن تۇتاشتۇرۇپ، تۈرلۈك كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسىتىنى كىشىلەرنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. چېگرا قوغدىغۇچى، ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت ئارقىلىق تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق نۇرغۇن يوللار نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.

ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدە، ئالتاي ۋىلايىتى تاقىۋېتىلگەن 77 كاننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تۈزەشنى تاماملىدى؛ ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ خوۋشيا رايونىدا، سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ھەممىسى كۆچۈرۈلۈپ، ئىنسانلار پائالىيىتىنىڭ تەسىرى تەدرىجىي تۆۋەنلىتىلدى. كۆچۈرۈپ چىقىلغان كارخانىلارنىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلىرى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تاغدىن كۆچۈپ چۈشكەن چارۋىچىلارنى تېخىمۇ ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈردى. ھايۋانات قوغداش ئەلئارا تەشكىلاتى «خۇاڭيې شىنجاڭ»نىڭ مەسئۇلى شىڭ رۇي ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت كۆزىتىش، خاتىرىلەش ئارقىلىق، ئىلگىرى بىر مەزگىل ئىنسانلار پائالىيىتىنىڭ تەسىرىدە خوۋشيا رايونىدىن كەتكىنىگە نەچچە ئون يىل بولغان قوڭۇر ئېيىقنىڭ بۈگۈنكى كۈندە يەنە قايتىپ كەلگەنلىكىنى بايقىدى.

بۇنداق تاللاشنىڭ نەتىجىسىدە، شىنجاڭدا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىدى. 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن شىنجاڭدا جەمئىي 2 مىليون 923 مىڭ 200 ئادەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 25 نامرات ناھىيە قالپىقىنى ئېلىۋەتتى، نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى 2013 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى %19.4تىن %1.24كە تۆۋەنلىدى. نۆۋەتتە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەل قىلغۇچ جېڭىنىڭ ئاتاكا سىگنالى چېلىندى، كىشىلەر ئەڭ ئاخىرقى نامراتلىق قورغىنىغا ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغىماقتا.

يېشىللىقنى قوغداش ھاللىق تۇرمۇشقا يەتكۈزدى

قاناس، نارات، كۆكتوقاي، تىيانشان چوڭ جىلغىسى... بۈگۈنكى كۈندە، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا داڭلىق بۇ مەنزىرە رايونلىرى بارغانسېرى گۈزەللىشىۋاتىدۇ. بۇ گۈزەللىك ساياھەت كەسپى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش جەريانىدا كىشىلەرنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىشىدىن كەلگەن. بۈگۈنكى كۈندە سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغقا يۈزلىنىپ تۇرغان كىشىلەر ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنىڭ ئەھمىيىتىگە بولغان تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شۇنداقلا ئۇنى ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنى تېخىمۇ ئۇزاققىچە داۋاملىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

«ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتى بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، كىمنىڭ ئۆيى كۆپ بولسا، شۇ تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپالايدىغان بولدى، بۇنىڭ بىلەن كەنتتە ئۆز ئالدىغا قالايمىقان سېلىۋالغان ئۆيلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، بۇ قاتاردا مەنمۇ بار ئىدىم. نەتىجىدە كەنتتە بوش يەر بارغانسېرى ئازىيىپ، مۇھىت بارغانسېرى ناچارلىشىپ، ئەسلىدىكى ئاددىي قىياپىتى يوقالدى، كەنتنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسىمۇ بىرمەھەل بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى» دېدى قاناس مەنزىرە رايونى قۇمقاناس كەنتىدىكى مىرانبېك خالىقا گۈل ئۇرۇقى چاچقاچ ئەسلەپ.

«بۇنداق كېتىۋەرسە، كەنتىمىزنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى قالاتتىمۇ؟ كىچىككىنە پايدىنى كۆزلەپ، مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلساق، يامان سۈپەتلىك ئايلىنىش شەكىللىنىدۇ» دېدى مىرەنبېك. 2017 - يىلى، قاناس مەنزىرە رايونى مۇھىتنى تۈزەشنى قانات يايدۇرغاندا، مىرەنبېك قوش قوللاپ قۇۋۋەتلەپ، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە شەخسىي سېلىۋالغان ئۆيلەرنى چېقىۋەتتى.

بۇنداق كۆرۈنۈش ۋە ئۆزگىرىشلەر نۇرغۇن مەنزىرە رايونلىرىدا يۈزبەردى، سانسىزلىغان ساياھەت كەسىپكارلىرى «بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرۈش»تىن «كەلگۈسىگە نەزەر سېلىش»قا ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈردى. تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكى ۋە مەدەنىيلىك نۇرى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ سېھرىي كۈچىنى سىجىل ئاشۇردى، 2019 - يىلى، شىنجاڭدا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى سانى 200 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىشتەك تارىخىي رېكورت يارىتىلىپ، 345 مىليارد 265 مىليون يۈەن ساياھەت كىرىمى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئايرىم - ئايرىم %41.6 ۋە %40.4 ئاشتى.

گۇچۇڭ ناھىيەسىدە، 16 مىڭ مو ئورگانىك بۇغدايلىق ھەرقايسى يېزا - بازارلارغا تارقالغان بولۇپ، شۇ جاينىڭ تور ۋە تور سىرتىدا سېتىلىشى ئەڭ ياخشى خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىغا ئايلاندى. «بەنجەگۇ بازىرى ياۋجەنزى كەنتىدىكى بۇغدايلار ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سۈپەت ئېتىراپىدىن ئۆتتى، ئورگانىك بۇغدايلار شىنجاڭدىن چىقىپلا قالماي، يەنە دۇنياغا يۈزلىنەلەيدىغان بولدى» دېدى گۇچۇڭ ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەركىزىنىڭ ئاگرونومى ما جاۋتىڭ.

2019 - يىلى، شىنجاڭدا جەمئىي 56 مىليون توننا مەھەللىۋى ئوغۇت توپلىنىپ، ئورگانىك ئوغۇت ئىشلىتىش مىقدارى 57 مىليون 830 مىڭ توننىغا يېتىپ، شاخ - شۇمبىنى ئېتىزغا قايتۇرۇش كۆلىمى 37 مىليون 820 مىڭ موغا يېتىپ، يېزىلاردىكى دائىرىلىك مەنبە بۇلغىنىشى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەندى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە دېھقانچىلىق دورىسى، خىمىيەۋى ئوغۇت ئىشلىتىش مىقدارى ئوخشاشلا مەنپىي ئاشتى. بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى يارىتىشتا ئەڭ ئالدىدا تۇرغىنى يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتتىن ۋاز كەچكەن سانسىزلىغان دېھقانلار. كىشىلەر ئېتىزلارنى ئاسرىدى ھەم ئۇنىڭدىن ساغلام، بەختلىك تۇرمۇشنى ئىزدىدى.

تاغ يېشىل، سۇ سۈزۈك، ئاسمان كۆك، يەر يېشىل بولغان رېئال مەنزىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز نامايان بولۇشى بىلەن، كىشىلەر قەلبىدىكى «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ»مۇ بارغانسېرى گۈزەللەشتى. شىنجاڭ «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە چوڭ قەدەمدە ئىلگىرىلىمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى